سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

قۇرئاننى تەجۋىد قائىدىسىگە رىئايە قىلىپ گۈزەل ئوقۇش توغرىسىدا

سۇئال

   قۇرئاننى تەجۋىد قائىدىسىگە رىئايە قىلىپ ئوقۇش دېگەن قانداق بولىدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن،

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

     قۇرئان كەرىمنى گۈزەل ئاۋاز بىلەن ئوقۇشقا قىزىقتۇرىدىغان سەھىھ ھەدىسلەر كەلگەن، بۇنىڭدىن ناخشا ئېيتقاندەك ئوقۇش مەقسەت قىلىنمايدۇ، بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت گۈزەل ئاۋازدا تىلاۋەت قىلىش دېمەكتۇر. بۇ توغرىدا كەلگەن ھەدىستىن: «ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرئان كەرىمنى گۈزەل ئاۋازدا ئوقۇغىنىنى تىڭشىغاندەك باشقا نەرسىنى تىڭشىمىدى» .

    يەنە بىر ھەدىستە: «قۇرئان كەرىمنى گۈزەل ئاۋازدا ئوقۇمىغان كىشى بىزدىن ئەمەس» دەپ كەلگەن، ئاللاھ تائالا تىڭشايدۇ-قۇلاق سالىدۇ دېگەن. بۇ تىڭشاشتىن ئىبارەت سۈپەت؛ بەندىلەرنىڭ تىڭشىغانلىقىغا ئوخشىمايدىغان، ئاللاھنىڭ باشقا سۈپەتلىرىگە ئوخشاش ئاللاھنىڭ شانۇ-شەۋكىتىگە لايىق بولغان بىر سۈپەتتۇر. ئاللاھ تائالانىڭ قۇلاق سالغانلىقى ۋە تىڭشىغانلىقى توغرىسىدا باشقا سۈپەتلىرى توغرىسىدا دېيىلگەن سۆزلەر دېيىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆزىگە لايىق بولغان سۈپەت بىلەن تىڭشايدۇ ۋە قۇلاق سالىدۇ. ئاللاھ تائالاغا ھېچ ئوخشىشى يوقتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  ‏لَيْسَ كَمِثْلِهِ شَيْءٌ وَهُوَ السَّمِيعُ البَصِيرُ ‏ تەرجىمىسى: «ھېچ شەيئى ئاللاھقا ئوخشاش ئەمەستۇر، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر. ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.»[سۈرە شۇرا 11 ئايەت].

    تەجۋىدلىك ئوقۇش دېگەن: كەمتەرلىك بىلەن  دىللارنى ھەرىكەتلەندۈرگىدەك  گۈزەل ئاۋازدا ئۈنلۈك ئوقۇش دېمەكتۇر، چۈنكى قۇرئان كەرىم بىلەن دىللارنى ھەرىكەتلەندۈرۈشتىن بولغان مەقسەت، ئاللاھدىن قورقۇش، كۆڭۈل ئاراملىقى ۋە مەنپەتلىنىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ توغرىدا مۇنداق بىر ۋەقەلىك بايان قىلىنىدۇ. ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ گۈزەل ئاۋازدا قۇرئان تىلاۋەت قىلىۋاتقاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كىتىۋىتىپ، ئۇنىڭ تىلاۋېتىنى تىڭشىدى، ۋە ئۇنىڭغا: ساڭا داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ گۈزەل ئاۋازلىرىدىن بولغان گۈزەللىك بېرىلدى، دېدى.

     ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كەلگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ ئوقۇغان تىلاۋېتىنى تىڭشىغانلىقىنى خەۋەر قىلغاندا، ئۇ مۇنداق دېگەن: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى :ئەگەر سىلىنىڭ تىڭشىغانلىقىنى بىلگەن بولسام يەنىمۇ چىرايلىق ئوقۇغان بولاتتىم دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئىنكار قىلمىدى، بۇنىڭدىن قۇرئان كەرىمنى گۈزەل ئاۋازدا ئوقۇش، تىلاۋەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ۋە ئوقۇغۇچى، تىڭشىغۇچىلارنىڭ خۇشۇ ئىلىشى ۋە ھەر ئىككىسىنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن تەلەپ قىلىنغان ئىش ئىكەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ.

"شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 11 توم 348- -350 بەت.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى