جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

تەزىيە ھۆكۈملىرى توغرىسىدا

سۇئال

   تەزىيە دېگەن نېمە؟سۈپىتى قانداق؟ ۋە قايسى ۋاقىتتا توغرا بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە  بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    تەزىيە دېگەن: مۇسىبەت يەتكەن كىشىنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈش ۋە يەتكەن مۇسىبەتكە چىدامچان بولۇشقا تەرغىب قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

    مۇسىبەت يەتكۈچى دېگەن: ھەر قانداق بىر مۇسىبەتكە ئۇچرىغان كىشى بولۇپ، يېقىنلىرى، ياخشى كۆرىدىغان كىشىلىرى، ۋە ياكى مال-دۇنياسىنى يوقۇتۇپ قويغان كىشىدۇر.

     بىرسى ۋاپات بولغان بولسا، ۋاپات بولغان كىشىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر، دوستلىرى ۋە ياكى خوشنىلىرى بولسىمۇ ئۇلارغا تەزىيە تەسەللى بېرىدۇ.    تەزىيە دېمەك مۇسىبەت يەتكەن كىشىلەرگە تەسەللى ئېيتىش ۋە ئۇلارنى بىئارام بولماسلىققا تەۋسىيە قىلىشتۇر. تەزىيە بىلدۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىدە بايان قىلىنغان بويىچە بولىدۇ.پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قىزلىرىدىن بىرىنىڭ بالىسى سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى چاقىرغىلى ئادەم ئەۋەتكەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كەلگەن كىشىگە: «سەن بېرىپ قىزىمغا ئېيتقىن: ئاللاھ بېرىدۇ ، بەرگەن نەرسىنى ئالىدۇ. ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا بەلگىلەنگەن بويىچە بولىدۇ. سەبىر قىلسۇن ۋە ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىت قىلسۇن» دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى 1204-ھەدىس].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: تەزىيە قايسى ئۇسۇلدا بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: تەزىيە بىلدۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قىزلىرىنىڭ بىرسىنىڭ بالىسى ۋاپات بولغاندا شۇنىڭغا دېگەن سۆزىدۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قىزلىرىدىن بىرىنىڭ كېچىك قىزى ياكى ئوغلى سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى چاقىرغىلى ئادەم ئەۋەتكەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كەلگەن كىشىگە: «سەن بېرىپ قىزىمغا ئېيتقىن: سەبىر قىلسۇن ۋە ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىت قىلسۇن ئاللاھ بېرىدۇ، بەرگەن نەرسىنى ئالىدۇ، ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا بەلگىلەنگەن بويىچە بولىدۇ، » دېگەن. ئەمما ھازىر كىشىلەر ئارىسىدا كەڭ تارقالغان: "ئاللاھ ئەجرىڭىزنى كاتتا قىلسۇن، تەسەللىنى ياخشى قىلسۇن ۋە مېيىتىڭىزنى كەچۈرۈم قىلسۇن" دېگەن سۆزنى بەزى ئۆلىمالار تاللىغان بولسىمۇ، لېكىن ھەدىستە بايان قىلىنغان سۆزنى دېيىش ھەممىدىن ياخشىدۇر". ["ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى"17/339].

تەزىيە بىلدۈرۈش ۋە تەسەللى قىلىش ۋاپات بولغان كىشىنى دەپنە قىلىشتىن بۇرۇن ۋە دەپنە قىلىپ بولغاندىن كېيىنمۇ بولىدۇ، بىر كىشى ۋاپات بولغان كىشىنىڭ يېقىنلىرىغا مەيىتنى دەپنە قىلىشتىن بۇرۇن ياكى يۇغىلى تۇرغاندا ياكى ناماز ئوقۇغىلى ماڭغاندا تەزىيە بىلدۈرگەن بولسا، بۇنىڭ بىلەن تەزىيەدىن بولغان مەقسەت ھاسىل بولىدۇ، ئەگەر دەپنە قىلىپ بولغاندىن كىيىن تەزىيە بىلدۈرگەن بولسا بۇمۇ توغرا بولىدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: تەزىيەنىڭ ۋاقتىنى سورىغاندا، ئۇ كىشى مۇنداق دېگەن: "تەزىيەنىڭ ۋاقتى مەيىت ۋاپات بولغان ۋاقىتتىن باشلىنىدۇ ياكى يەتكەن مۇسىبەت ئۆلۈمدىن باشقا ئىشلار بولغان بولسا، مۇسىبەت يەتكۈچىنىڭ كۆڭلىدىن مۇسىبەت يوقالغۇچە بولىدۇ، چۈنكى تەزىيە بىلەن بولغان مەقسەت مۇبارەكلەش ياكى تەبرىكلەش ئەمەس، ھەقىقەتەن تەزىيە بىلەن بولغان مەقسەت: مۇسىبەت يەتكۈچىنى سەۋىر قىلىپ ساۋاپقا ئېرىشىشكە رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن مۇسىبەت بىلەن بوشىشىپ كەتمەسلىك ۋە چىدامچان بولۇشقا ئۈندەشتىن ئىبارەتتۇر". ["ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 17/240].

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى