پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ناماز ئوقۇمايدىغان، زاكات بەرمەيدىغان، روزا تۇتمايدىغان ئەمما ھەج قىلىدىغان كىشىنىڭ ھۆكمى

سۇئال

سىلەرنىڭ روزا تۇتۇپ ناماز ئوقۇمىغان كىشىلەرنىڭ روزىسى توغرا ئەمەس دېگەن بەزەن جاۋاپلىرىڭلارنى ئوقۇدۇم، ھازىر ئۇنىڭ ئەكسىچە ناماز ئوقۇپ روزا تۇتمىغان كىشىنىڭ نامىزى دۇرۇس بولامدۇ، ناماز ئوقۇپ زاكات بەرمىگەن كىشىنىڭ نامىزى دۇرۇس بولامدۇ، ھەج قىلىپ ناماز ئوقۇمىغان كىشىنىڭ ھەججى دۇرۇس بولامدۇ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

رامىزان روزىسىنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان كىشى كاپىر ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئوقۇغان نامىزى دۇرۇس بولمايدۇ، ئالىملارنىڭ سەھىھ قارىشىدا قەستەنلىك ۋە سەل قاراش بىلەن رامىزان روزىسىنى تەرىك قىلغان كىشى كاپىر بولمايدۇ، ئوقۇغان نامىزى دۇرۇس بولىدۇ، زاكاتنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان كىشى كاپىر ھېسابلىنىدۇ، ئوقۇغان نامىزى دۇرۇس بولمايدۇ، قەستەنلىك، سەل قاراش ۋە بېخىللىق بىلەن زاكاتنى تەرىك قىلغان كىشى كاپىر بولمايدۇ، ئوقۇغان نامىزى دۇرۇس بولىدۇ، شۇنىڭدەك ھەجنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان كىشى كاپىر ھېسابلىنىدۇ، ئەمما ھەج قىلىشقا قادىر بولۇپ تۇرۇقلۇق ھەج قىلمىغان كىشى كاپىر ھېسابلانمايدۇ، ئوقۇغان نامىزى دۇرۇس بولىدۇ.

ئاللاھ ھەممىگە مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر. پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلارغا دۇرۇت سالاملار بولسۇن.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتىدىن شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى باز، شەيخ ئابدۇرەززاق ئەپىپىي ۋە شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى قۇئۇد.

ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى پەتىۋالار توپلىمى 10-توم 143-144-بەتلەر

ئالىملارنىڭ سەھىھ قارىشىدا قەستەنلىك بىلەن نامازنى تەرىك قىلغان كىشى ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ)يەنى كاپىر دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ (ئۇنىڭ باشقا ئىبادەتلىرى دۇرۇس بولمايدۇ. (يەنى نامازنى قەستەن تەرك ئەتكەن كىشىنىڭ ھۆكمى خۇددى ئىنكار قىلغانغا ئوخشاش).

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى