سەيشەنبە 7 شەۋۋال 1445 - 16 ئاپرىل 2024
Uygur

تېلېفۇن ۋە ئىنتېرنېت ۋاستىلىرى ئارقىلىق نىكاھ قىلىشنىڭ ھۆكمى

سۇئال

ئىنتېرنېت ۋە تېلېفۇن ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق نىكاھ قىلسا توغرا بولامدۇ؟، مەن بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس، نىكاھنىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن قىز-ئوغۇل بىر سورۇندا بولۇشى شەرت دەپ ئاڭلىغان ئىدىم. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

قىز-ئوغۇللارنىڭ ئىيجاب ۋە قوبۇل يەنى ئالدىم-تەگدىم دەپ ئوچۇق ئىپادە بىلدۈرۈشى نىكاھنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇنىڭسىز نىكاھ دۇرۇس بولمايدۇ.

ئىيجاب يەنى قوبۇل قىلدىم ياكى بەردىم دېگەن سۆز قىزنىڭ ۋەلىسى ياكى ۋەكىلىدىن سادىر بولىدۇ. قوبۇل يەنى قوبۇل قىلدىم-ئالدىم دېگەن سۆز ئوغۇل ياكى ئۇنىڭ ۋەكىلدىن سادىر بولىدۇ. بۇ ئىككى سۆزنىڭ بىر سورۇندا سادىر بولىشى شەرت قىلىنىدۇ.

"كەششاپۇل ئەلقەننائ" ناملىق ئەسەر 5توم-41-بەتتە مۇنداق دېيىلىدۇ: "ئوغۇلنىڭ قوبۇل قىلدىم ياكى ئالدىم دېگەن سۆزى قىزنىڭ قوبۇل قىلدىم-تەگدىم دېگەن سۆزىدىن كېيىنرەك سادىر بولغان بولسىمۇ، ئىككەيلەن بىر سورۇندا بولسا، گەرچە ئىككى سۆزنىڭ ئارىلىقىدا مەلۇم مۇددەت ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۆرپ-ئادەتتە ئىككىيلەننىڭ ئارىسىدىكى نىكاھنى ئۇزىۋېتىدىغان بىر ئىش سادىر بولمىغانلا بولسا، بۇ نىكاھ دۇرۇس بولىدۇ. ئەمما قىز تەرەپ قوبۇل قىلدىم-تەگدىم دەپ، ئوغۇل تەرەپ قوبۇل قىلدىم-ئالدىم دېيىشتىن بۇرۇن بۇ ئىككەيلەن ئايرىلىپ كەتكەن بولسا ياكى بۇ ئىككىيلەننىڭ ئارىسىدا ئۆرپ-ئادەتتە نىكاھنى ئۇزىۋېتىدىغان ھەرىكەتلەر سادىر بولغان بولسا، بۇ نىكاھ بۇزۇلىدۇ. چۈنكى ئوغۇل تەرەپ ئالدىم-قوبۇل قىلدىم دېگەن سۆزنى دېيىشتىن باش تارتقانلىقى ئۇنىڭ نىكاھنى رەت قىلغانلىقىغا ئوخشايدۇ". تۈگىدى.

شۇنىڭدەك نىكاھنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن، گۇۋاھچىلارنىڭ ھازىر بولىشى شەرت قىلىنىدۇ. شۇنىڭغا ئاساسەن ئالىملار ئارىسىدا، تېلېفۇن ۋە ئىنتىرنېتقا ئوخشاش يېڭى دەۋر ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئىلىپ بېرىلغان نىكاھ ئەھدىسىنىڭ توغرا بولىشى ياكى بولماسلىقى توغرىسىدا ئىختىلاپ پەيدا بولدى.

بەزى ئالىملار گەرچە ئىككى تەرەپنىڭ بىرلا ۋاقىتتا تېلېفۇن تۇرۇپكىسى ياكى ئىنتېر تورىدا مەۋجۇت بولىشىنى بىر ئورۇندا تۇرغاننىڭ ھۆكمىگە چۈشۈرسىمۇ، ئەمما گۇۋاھچىلارنىڭ ھازىر بولمىغانلىقى سەۋەبلىك بۇ شەكىلدىكى نىكاھ ئەھدىسىنى توغرا ئەمەس دەپ قارىدى. ئىسلام پىقھى ئاكادىمىيسىمۇ بۇ قاراشنى ئاساس قىلدى.

بەزى ئالىملار: نىكاھ ئەھدىسىدە ئېھتىياتچان بولۇش ئۈچۈن، بۇ شەكىلدىكى نىكاھنى توغرا ئەمەس دەپ قارىدى. چۈنكى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا ئاۋازنى دوراپ باشقىلارنى ئالداش ھاسىل بولۇپ قىلىشى مۇمكىن. سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى بۇ قاراش بويىچە پەتىۋا بەردى. ‫

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سابىق مۇپتىسى مەرھۇم شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ: باشقىلارنى ئالداش ۋە كولدۇرلىتىشتىن ساقلانغان ھالدا بۇ شەكىلدە نىكاھ ئەھدىسى قىلسا دۇرۇس بولىدۇ دەپ پەتىۋا بەرگەن.

يۇقىرىدىكى سۆزلەرگە ئاساسلانغاندا، ئېنىقسىزلىق ياكى قىيىنچىلىق سورۇننىڭ بىر بولىشى دېگەن مەسىلىدە ئەمەس، چۈنكى تېلېفۇن ياكى ئىنتېرنېت ۋاستىلىرى بىلەن ئالاقە قىلغاندا ئىككى تەرەپنىڭ تەڭ ھازىر بولىشى بىر سورۇننىڭ ھۆكۈمىدە بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن تېلېفۇن تۇرۇپكىسى ياكى تور يوللىرى ئارقىلىق سۆزلىگۈچىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاش بىلەن مەزكۇر نىكاھقا گۇۋاھ بولۇش مۇمكىن بولىدۇ. بەلكى بۈگۈنكى تەرەققىيات دەۋرىدە، تەگدىم-قوبۇل قىلدىم، بەردىم دېگەن ۋاقىتتا قىزنىڭ ۋەلىسىنى كۆرۈش ۋە ئاۋازىنى ئاڭلاشقا مۇمكىن بولىدۇ. شۇنىڭدەك قارشى تەرەپنىڭ يىگىتنى كۆرۈشىمۇ مۇمكىن بولىدۇ.

بۇ مەسىلىدىكى ئوچۇق سۆز: باشقىلارنى ئالداش ۋە كولدۇرلىتىشتىن ساقلانغان ھالدا، يىگىت ۋە قىزنىڭ ۋەلىسىنىىڭ كىملىكى ئەمەلىيلەشكەندە، ئىككى گۇۋاھچى ئىككى تەرەپتىن تەگدىم ياكى قوبۇل قىلدىم، ئالدىم ياكى قوبۇل قىلدىم دېگەن سۆزنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا تېلېفۇن ۋە ئىنتېرنېت ۋاستىلىرى ئارقىلىق نىكاھ ئەھدىسى قىلسا دۇرۇس بولىدۇ. مانا بۇ بىز ئىلگىرى بايان قىلغاندەك سابىق مۇپتى شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ بەرگەن پەتىۋاسى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ بۇ شەكىلدىكى نىكاھ ئەھدىسىدىن چەكلىشىدىكى سەۋەپ ئېھتىيات قىلىش ۋە ئالدىنىپ قىلىشتىن ئەنسىرىگەنلىكىنى تەقەززا قىلىدۇ.

ساق-سالامەت نىكاھ قىلىشنى مەقسەت قىلغان كىشى ۋەكىل تۇرغۇزۇش يولى ئارقىلىق نىكاھ قىلسا بولىدۇ. ئەر ياكى ئۇنىڭ ئىگىلىرى گۇۋاھچىلار ئالدىدا نىكاھ ئەھدىسى قىلىدىغان ۋەكىل تەيىنلەيدۇ.

تۆۋەندە ئالىملارنىڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئىپادىلەيدىغان تېكىستنى بايان قىلىمىز:

1-ئىسلام پىقھى ئاكادېمىيىسىنىڭ قارارى:52 -نومۇرلۇق قارار (26) يېڭى دەۋرىدىكى ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئارقىلىق نىكاھ ئەھدىسى قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا، ئىسلام پىقھى ئاكادېمىيىسى يېڭى دەۋرىدىكى ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئارقىلىق نىكاھ قىلىشنىڭ دۇرۇسلىقى توغرىسىدا قارار چىقارغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئىلگىرىكى قائىدىلەر نىكاھنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدا گۇۋاھلىق شەرتىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان تۈگىدى.

2-سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتىدىن: نىكاھنىڭ ئاساسى ۋە شەرتلىرى تولۇقلانغان بولۇپ، ئوغۇلۋە قىز ئىگىلىرى باشقا-باشقا شەھەردە بولسا، تېلېفۇن ئارقىلىق نىكاھ قىلسا بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "مۇشۇ كۈنلەردە كۆپ يۈز بېرىۋاتقان ئالدامچىلىق، ھىيلە-مىكىر، سۆز-ھەرىكەتتە باشقىلارنى دوراش ماھارىتى، ھەتتا بىر كىشىنىڭ ئەر-ئايال، چوڭ-كېچىك بىرقانچە كىشى ئۈچۈن رول ئىلىپ ئوخشىمىغان لۇغەتتە تۈرلۈك ئاۋازلارنى دوراپ بېرىشى ئارقىلىق ئاڭلىغۇچىغا نىسبەتەن بىرقانچە كىشىدەك تۇيغۇ شەكىللەندۈرۈشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەزەرگە ئىلىپ، ئىسلام پرىنسىپى ئەۋرەت ۋە يۈز-ئابرۇينى ساقلاشقا كۆڭۈل بۆلۈپ، باشقا مۇئامىلىلەردىنمۇ بەكرەك نىكاھ ئىشلىرىدا ئېھتىيات قىلىشنى مۇھىم دەپ قارىدى. دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى نىكاھ ئەھدىسىدە ئالدىم-تەگدىم دېيىش ۋە ۋەكىل قىلىش ئىشلىرىنى تېلېفۇن ئارقىلىق ئىلىپ بېرىشقا تايىنىۋالماسلىقنى تەلەپ قىلدى. بۇنداق قىلىش، ئەۋرەت ۋە يۈز-ئابرۇيىنى ساقلاشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش بولۇپ، ھىيلە-مىكىر، ساختىپەزلىك قىلىپ باشقىلارنى كولدۇرلىتىشنى مەقسەت قىلىدىغان ناچار كىشىلەرگە يوچۇق قالدۇرماسلىقتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ ھەممەيلەننى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن". تۈگىدى. دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى(1890).

3-شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان كۆزقارىشى:

سوئال: مەن ئاتا-ئانىسى باشقا يۇرتتا ياكى باشقا دۆلەتتە تۇرىدىغان بىر قىز بىلەن توي قىلماقچى، ئىقتىسادى قىيىنچىلىق ياكى بەزى سەۋەبلەردىن مەن ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ بىرلىكتە نىكاھ ئەھدىسى قىلىشقا قادىر بولالمايمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن قىزنىڭ دادىسىغا تېلېفۇن قىلىپ، توي قىلىشنى تەلەپ قىلسام، ئۇ كىشى ماڭا: قىزىم پالانىنى سىزگە ھالال ئاياللىققا بەردىم دىسە، مەن: قوبۇل قىلىپ ئالدىم دېسەم، قىزچاقمۇ بۇنىڭغا رازى بولسا، بۇ يەردە ئىككى مۇسۇلمان گۇۋاھچى مېنىڭ ۋە قېيناتامنىڭ سۆزىنى تېلېفۇن تۇرۇپكىسى ئارقىلىق ئوچۇق ئاڭلاپ تۇرغان بولسا، بۇ شەرىئەتتە ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان نىكاھ ھېسابلىنامدۇ؟.

جاۋاپ: تور بېتى ئارقىلىق بۇ سوئال شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھقا يەتكۈزۈلگەندە، شەيخ مۇنداق جاۋاب بەرگەن: "يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان سۆز توغرا بولسا (بۇنىڭدا باشقىلارنى كولدۇرلىتىش بولمىسا) بۇنىڭ بىلەن شەرىئەتنىڭ نىكاھ ئەھدىسىدە شەرت قىلىنغان مەقسەتلەر ھاسىل بولىدۇ ۋە بۇ نىكاھ توغرا بولىدۇ. (2201) نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى