پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

قۇرئاننىڭ ھەق-ھۆرمىتى بىلەن قەسەم قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

  قۇرئاننىڭ ھەق-ھۆرمىتى بىلەن قەسەم قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   ھېچ بىر كىشىنىڭ قۇرئاننىڭ ھەق-ھۆرمىتى بىلەن قەسەم قىلىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى قۇرئاننىڭ ھەق-ھۆرمىتى دېگەن بىزنىڭ قۇرئاننى ئۇلۇغلىشىمىز، ھۆكمىگە ئەگىشىشىمىز، ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ كالامى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشىمىزدۇر، مۇشۇنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئېشىمىز، مەخلۇق دېگەن قۇرئان بىلەن ۋە ئۇنىڭ ئىشلىرى بىلەن قەسەم قىلمايدۇ، ھەقىقەتەن قەسەم دېگەن ئاللاھ تائالا بىلەن، ئۇنىڭ گۈزەل ئېسىملىرى ۋە ئېسىل سۈپەتلىرى بىلەن بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قەسەم قىلماقچى بولغان كىشى پەقەت ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلسۇن ياكى جىم تۇرسۇن» دېگەن.

  ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلسۇن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە سالامى بولسۇن".  شەيخ ئابدۇل ئەزىز بىن ئابدۇللاھ بىن باز... شەيخ ئابدۇرەززاق ئەپىپىي.. شەيخ ئابدۇللاھ بىن غۇدەييان.. شەيخ ئابدۇللاھ بىن قەئۇد. ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى"24-توم 363-بەت].

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى