پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

قەبرىدىكى ئۈچ سوئال

سۇئال

ئىنسان قەبرىدە دۈچ كىلىدىغان ۋە ئاللاھتىن پاناھلىنىشقا بۇيرۇلغان سوئاللار قايسى؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

بىرىنچى: ئىنسان ئۆلگەندە روھى كۆتۈرلۈپ ئۇ كىشى قەبرىگە قۇيىلىدۇ، بۇ ئاخىرەتنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى قەبرە ئاخىرەتنىڭ باشلىنىشىدىكى ئەۋۋەلقى مەنزىلدۇر. ئوسمان ئىبنى ئەپپان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئازاد گەردىسى ھانىي مۇنداق دەيدۇ: ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قەبرىستانلىققا كەلسە يىغلىغاندىن ساقاللىرى ھۆل بولۇپ كېتەتتى. ئۇنىڭدىن: جەننەت بىلەن دوزاخ زىكىر قىلىنغاندا يىغلىمايسىز، قەبرىستانلىققا كەلگەندە يىغلامسىز دەپ؟ سورىلىۋىدى، ئۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: قەبرە ئاخىرەتنىڭ باشلىنىشىدىكى ئەۋۋەلقى مەنزىلدۇر، قەبرىدىكى سوئالغا جاۋاپ بېرىپ ئۇتۇق قازانغان كىشى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار ئاساندۇر، ئەمما سوئاللارغا جاۋاپ بېرەلمىگەن كىشى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار تولىمۇ قېيىندۇر،دەپ جاۋاپ بەردى. [تىرمىزى رىۋايىتى].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: مەن قەبرىدىنمۇ قورقۇنچلۇق ئورۇننى كۆرمىدىم. [تىرمىزىي رىۋايىتى 2308-ھەدىس، ئىبنى ماجە رىۋايىتى 4567-ھەدىس].

ئىككىنچى: ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن قەبرىگە ئىككى پەرىشتە كېرىپ ئۇ كىشىنىڭ رەببى، دىنى، پەيغەمبىرى قاتارلىق ھاياتىدا ئىمان ئېيتىش بۇيرۇلغان ئىشلاردىن سورايدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا توغرا جاۋاپ بەرسە كېيىنكى ئىشلىرى ياخشى بولىدۇ. ئەگەر توغرا جاۋاپ بېرەلمىسە پەرىشتىلەر ئۇ كىشىنى تۆمۈر توقماق بىلەن قاتتىق ئۇرىدۇ.

قەبرىگە قويۇلغان كىشى ئەگەر تەقۋادار سالىھ كىشىلەردىن بولسا چىرايى نۇرلۇق پەرىشتىلەر كېلىدۇ، ئەمما پاسىق-پاجىر كىشى بولسا چىرايى قورقۇنچلۇق پەرىشتىلەر كېلىدۇ، مانا بۇ ئىنسان قەبرىدە تۇنجى قېتىم دۇچ كېلىدىغان قەبرىدىكى پىتنە ۋە سىناقتىن ئىبارەتتۇر.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئى ئاللاھ! مەن ھورۇنلۇق، قېرىلىق، قەرزدارلىق ۋە گۇناھقا چۈشۈپ قېلىشتىن ساڭا سېغىنىپ پاناھلىنىمەن. ئى ئاللاھ! مەن سەندىن دوزاخ ئازابى ۋە ئۇنىڭ سىناقلىرىدىن، قەبرە ئازابى ۋە ئۇنىڭ سىناقلىرىدىن، بايلىق ۋە كەمبەغەللىكنىڭ پىتنىسىنىڭ يامانلىقى، دەججالنىڭ ئەسكىلىكى ۋە پىتنىسىدىن سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن. ئى ئاللاھ! مېنىڭ خاتالىقلىرىمنى سۇ بىلەن، قار بىلەن، مۆلدۈر بىلەن يۇغىن. ئاق كىيىم كىردىن پاكىزلانغاندەك مېنىڭ قەلبىمنى خاتالىقتىن پاك قىلغىن. مەن بىلەن خاتالىقنىڭ ئارىسىنى كۈن چېقىش بىلەن كۈن پېتىشنىڭ ئارىسىدەك يىراق قىلغىن. [بۇخارىي رىۋايىتى 6014-ھەدىس].

ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ: ھەدىستىكى قەبرە ئازابى ۋە ئۇنىڭ پىتنىلىرىدىن دېگەن سۆزدىن، ئىككى پەرىشتىنىڭ سوئال قىلىدىغانلىقى كۆزدە تۇتىلىدۇ،دەپ چۈشەندۈرىدۇ. [پەتھۇلبارى 11-توم 177-بەت].

شەيخ مۇبارەكپورى: ھەدىستىكى قەبرە ئازابى ۋە ئۇنىڭ پىتنىلىرىدىن دېگەن سۆزدىن، ئىككى پەرىشتىنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بىرىشتىكى ھەيرانلىق كۆزدە تۇتىلىدۇ، دەيدۇ.

ئۈچىنچى: ئىككى پەرىشتىنىڭ قەبرىدە سورايدىغان سوئالى تۆۋەندىكى ھەدىستە بايان قېلىنىدۇ:

بەرا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرلىكتە ئەنسارىيلاردىن بىر كىشىنىڭ جىنازا نامىزىغا قاتناشقاندىن كىيىن تۇپراق بېشىغا كەلدۇق، ئىچ يەرلىك تەييار بولغىچە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئولتۇردى، بىزمۇ ئۇنىڭ ئەتراپىدا خۇددى بېشىمىزغا قۇش قونغاندەك جىم-جېت ئولتۇردۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قولىدا بىر تاياقچە بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن يەرنى جىجاپ تۇراتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇشتۇمتۇت بېشىنى كۆتۈرۈپ: «قەبرە ئازابىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەڭلار دەپ ئىككى-ئۈچ قېتىم دېدى. ئاندىن: مۆمىن بەندە دۇنيا ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئاخىرەتكە يۈزلىنىدىغان ۋاقىتتا، ئاسماندىن چىرايىدىن قۇياشتەك نۇر يېغىپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەر چۈشۈپ، كۆز يەتكۈدەك يەرگە كېلىپ ئولتۇرىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرى بىلەن جەننەتنىڭ كىپەنلىرى ۋە خۇش-بۇي نەرسىلىرىنى بىرگە ئېلىپ كېلىدۇ. جان ئالغۇچى پەرىشتە ئۇ كىشىنىڭ بېشىغا كېلىپ: ئى پاك روھ! پەرۋەردىگارىڭنىڭ رازىلىقى ۋە مەغپىرىتى تەرىپىگە چىققىن دەيدۇ ۋە ئۇنىڭ روھىنى سۇدىن قىلنى سۇغارغاندەك سىلىق ئالىدۇ-دە، كۆز يۇمۇپ ئاچقىچىلىك ئارىسىدا مەزكۇر روھنى قولدىن-قولغا ئىلىپ جەننەتتىن ئىلىپ كەلگەن خۇشبۇيلار بىلەن بىرگە كېپەنلىككە قويىدۇ، ئۇنىڭدىن زېمىندا تېپىلىدىغان مۈشكى-ئەنبەرلەرنىڭ پۇرىقىغا ئوخشاش خۇش پۇراقلار چىقىپ تۇرىدۇ. ئۇلار ئۇ روھنى ئىلىپ ئاسمانغا ئۆرلەپ پەرىشتىلەرنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە، ئاسماندىكى پەرىشتىلەر: بۇ خۇش پۇراق پاك روھ كېمنىڭ؟ دەپ سورايدۇ، ئۇلار: بۇ پالانچىنىڭ ئوغلى پالانچىنىڭ روھى دەپ ئۇنى دۇنيادا ئاتالغان ئەڭ چىرايلىق ئىسمى بىلەن ئاتايدۇ. ئاندىن ئۇلارنىڭ زېمىننىڭ ئاسمىنىغا يېتىپ كېلىپ ئاسماننىڭ ئېشىكىنى ئېچىشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇلارمۇ بۇ روھنى قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ، ھەتتا يەتتىنچى ئاسمانغا يېتىپ كېلىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ئاللاھ تائالا: بەندەمنىڭ نامە-ئەمىلىنى يەتتىنچى ئاسماندىكى ئىلىييىنغا (ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە) يېزىڭلار، روھىنى زېمىنغا قايتۇرۇڭلار، مەن ئۇنى زېمىندىن ياراتتىم، زېمىنغا قايتۇرىمەن ۋە ئۇنى زېمىندىن قايتا تىرىلدۈرىمەن دەيدۇ. ئۇنىڭ روھى جەسىتىگە قايتۇرۇلىدۇ، ئاندىن ئىككى پەرىشتە كېلىپ ئۇ كىشىنى ئولتۇرغۇزۇپ: پەرۋەردىگارىڭ كىم؟ دەپ سورايدۇ، ئۇ: پەرۋەردىگارىم ئاللاھ دەيدۇ، پەرىشتىلەر: دىنىڭ نېمە؟ دەيدۇ، ئۇ: دىنىم ئىسلام دەيدۇ، پەيغەمبىرىڭ كىم، سەن بۇ كىشى ھەققىدە نىمىلەرنى بىلىسەن؟ دەپ سورايدۇ، ئۇ: پەيغەمبىرىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، ئۇ بىزگە توغرا يولنى ئىلىپ كەلدى. بىز ئۇنىڭغا ئىشەندۇق ۋە ئەگەشتۇق. پەرىشتىلەر: قىلمىشلىرىڭ نېمە؟ دەپ سورايدۇ، ئۇ: قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلدىم، ئۇنىڭغا ئىشەندىم ۋە ئۇنىڭ تەقەززاسى بويۇنچە ياشىدىم دەيدۇ. ئاللاھ تائالا پەرىشتىلەرگە خىتاب قىلىپ: بەندەم راست ئېيتتى، ئۇنىڭغا جەننەتتىن پايانداز سېلىڭلار، جەننەتتىن كىيىندۇرۇڭلار، قەبرىدىن جەننەتكە قاراپ تۇرىدىغان ئىشىك ئىچىڭلار!، دەيدۇ. ھەمدە ئۇنىڭغا جەننەتكە قاراپ تۇرىدىغان بىر ئىشىك ئىچىلىدۇ، ئۇ جەننەتنىڭ باغۇ-بوستانلىرى ۋە نازۇ-نېمەتلىرىنى، ئېسىل خۇشپۇراق ۋە مەيىن گۈزەل ھاۋالىرىنى ھېس قىلىدۇ. ئۇنىڭ قەبرىسى كۆزيەتكۇدەك يەرگىچە كېڭەيتىلىدۇ. ئۇنىڭ يېنىغا كېلىشكەن، خۇش چىراي بىر كىشى كېرىپ كېلىدۇ ۋە: ساڭا ۋەدە قېلىنغان ۋە خۇرسەن بولىدىغان مۇشۇ كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن دەيدۇ، ئۇ: سەن كېم؟ چىرايىڭدىن ياخشىلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ دەيدۇ، كىرگەن ئادەم: مەن سېنىڭ ياخشى ئەمەللىرىڭ دەيدۇ. ئۇ: ئى ئاللاھ! قىيامەتنى بارلىققا كەلتۈرگىن، مەن ئائىلە-بالىلىرىمنىڭ يېنىغا قايتسام دەيدۇ. كاپىر دۇنيا ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئاخىرەتكە يۈزلىنىدىغان ۋاقىتتا، ئاسماندىن چىرايىدىن مۇز يېغىپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەر چۈشۈپ، كۆز يەتكۈدەك يەرگە كېلىپ ئولتۇرىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرى بىلەن قوپال-يىرىك رەختتىن تەييارلانغان كېپەنلىكنى بىرگە ئىلىپ كېلىدۇ. ئاندىن كىيىن جان ئالغۇچى پەرىشتە كېلىپ ئۇنىڭ بېشىدا ئولتۇرۇپ: ئى نىجىس روھ! ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپى ۋە ئازابىنىڭ تەرىپىگە چىققىن دەپ توۋلايدۇ-دە، ئۇنىڭ جەسىتىدىن قوپاللىق بىلەن روھىنى تارتىپ ئالىدۇ، كاپىرنىڭ پۈتۈن تومۇر ۋە پەيلىرى ئۈزۈلىدۇ. خۇددى ئۇنىڭ جېنىنى تىكەنلىك تاياقنى ھۆل يۇڭدىن تارتىپ ئالغاندەك ئالىدۇ. ئاندىن كىيىن پەرىشتىلەر ئۇنىڭ جېنىنى كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچە قولدىن-قولغا ئېلىپ قوپال-يىرىك كېپەنگە قويىدۇ، ئۇنىڭدىن زېمىندا سېسىپ كەتكەن ئېشەكنىڭ تاپىدىن چىققاندەك سېسىق پۇراق چىقىپ تۇرىدۇ. كاپىرنىڭ روھىنى ئىلىپ ئاسمانغا ئۆرلەش جەريانىدا ئۇچرىغانلىكى پەرىشتىلەر: ۋاي بۇ نېمە دېگەن سېسىق پۇراق! بۇ كېمنىڭ روھى؟ دەيدۇ، ئۇلار: بۇ پالانىنىڭ ئوغلى پالانچىنىڭ روھى دەپ ئۇنى دۇنيادا ئاتالغان ئەڭ سەت-قەبىھ ئىسمى بىلەن ئاتايدۇ. ئۇلار زېمىننىڭ ئاسمىنىغا يېتىپ كېلىپ، ئېچىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، لېكىن ئۇلارغا ئاسماننىڭ ئېشىكى ئېچىلمايدۇ. ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ئايەتنى ئوقۇدى: لَا تُفَتَّحُ لَهُمْ أَبْوَابُ السَّمَاءِ وَلَا يَدْخُلُونَ الْجَنَّةَ حَتَّىٰ يَلِجَ الْجَمَلُ فِي سَمِّ الْخِيَاطِ تەرجىمىسى: ئۇلارغا ئىمان ئېيتىشقا گەدەنكەشلىك قىلغانلارغا ئاسماننىڭ دەرۋازىسى ئېچىلمايدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەلى ۋە دۇئاسى قوبۇل بولمايدۇ)، تاكى تۆگە يىڭنىنىڭ تۆشۈكىدىن ئۆتكۈچە ئۇلار جەننەتكە كىرمەيدۇ (يەنى ئۇلار ھەرگىزمۇ جەننەتكە كىرمەيدۇ). [سۈرە ئەئراپ 40-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: بۇ كاپىر بەندىنىڭ نامە-ئەمىلىنى زېمىننىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىغا يىزىڭلار، ئۇنى زېمىنغا قايتۇرۇڭلار، مەن ئۇنى زېمىندىن ياراتتىم، زېمىنغا قايتۇرىمەن ۋە ئۇنى زېمىندىن قايتا تىرىلدۈرىمەن، دەيدۇ. مەزكۇر روھ ئۇنىڭ جەسىتىگە قايتۇرۇلىدۇ. ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى: وَمَن يُشْرِكْ بِاللَّـهِ فَكَأَنَّمَا خَرَّ مِنَ السَّمَاءِ فَتَخْطَفُهُ الطَّيْرُ أَوْ تَهْوِي بِهِ الرِّيحُ فِي مَكَانٍ سَحِيقٍ تەرجىمىسى: كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئۇ گويا ئاسماندىن تاشلىنىپ، قۇشلار ئۇنى ئېلىپ قاچقاندەك، ياكى بوران ئۇنى ئېلىپ بېرىپ يىراق جايغا تاشلىۋەتكەندەك بولۇپ قالىدۇ. [سۈرە ھەج 31-ئايەت].

ئاندىن ئىككى پەرىشتە كېلىپ ئۇ كىشىنى ئولتۇرغۇزۇپ: پەرۋەردىگارىڭ كىم؟ دەپ سورايدۇ، ئۇ: ھە! ھە! مەن بىلمەيمەن دەيدۇ. پەرىشتىلەر: دىنىڭ نېمە؟ دەيدۇ، ئۇ: ھە! ھە! مەن بىلمەيمەن دەيدۇ. ئاللاھ تائالا پەرىشتىلەرگە خىتاب قىلىپ: ئۇنىڭغا ئوتتىن بىساتلارنى سېلىڭلار، ئوتتىن كىيىملەرنى كەيدۇرۇڭلار، قەبرىدىن دوزاخقا قارىتىپ بىر ئىشىك ئىچىڭلار، دەيدۇ. ئاندىن كىيىن قەبرىدىن دوزاخ كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بىر ئىشىك ئىچىلىدۇ، جەھەننەمنىڭ ئەلەملىك ئىسسىقى ۋە سىېسىق پۇراقلىرىنى ھېس قىلىدۇ. ھەمدە ئۇنىڭغا قەبرە تارايتىلىتىپ، قوۋۇرغىلىرى بىر-بىرىگە كىرىشىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ يېنىغا: چېرايى بەت-بەشىرە، قەبىھ كىيىنگەن، يىرگىنىشلىك پۇراقلار چېقىپ تۇرىدىغان بىر كىشى كېرىپ: ساڭا ۋەدە قېلىنغان بۇ كۈنىڭگە مۇبارەك بولسۇن دەيدۇ، ئۇ: سەن كېم؟ چىرايىڭدىن يامانلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپلا تۇرىدۇ، دەيدۇ. ئۇ ئادەم: مەن سېنىڭ نىجىس ئەمەللىرىڭ دەيدۇ. ئۇ: ئى رەببىم! قىيامەتنى تۇرغۇزمىغىن! دېگەن سۆزنى تەكرارلايدۇ.» [ئەبۇ داۋۇت رىۋايىتى 4753 -ھەدىس، ئەھمەد 18063-ھەدىس].

ئەڭ كۈچلۈك قاراشتا ئىككى پەرىشتە قەبرىدە ئىنساندىن پەقەت تەۋھىد ۋە ئەقىدە توغرىسىدا سوئال قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى