پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

كىچىك تەرەت قىلغاندىن كېيىن كىيىمىنىڭ پاكىز ئەمەسلىكى توغرىسىدا شەك قىلغانلىق توغرىسىدا

سۇئال

مەن چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى، كۆنۈمنىڭ كۆپ قىسمىنى خىزمەت ئورنىدا ئۆتكۈزىمەن، كىچىك تاھارەت قىلىدىغان ۋاختىمدا، ھاجەتخانىنىڭ ئورۇندۇقىغا نىجاسەت يۇقۇپ قالدىمىكىن دېگەن تۇيغۇ بىلەن ئۆرە تۇرۇپ سېيىمەن، گەرچە ئولتۇرىدىغان ئورۇنغا سۈيدۈك تامچىلىرى چاچرىمىدى دەپ قارىغاندىمۇ بۇ يەردە ئولتۇرۇشنى كۆڭلۈم خالىمىدى، كېچىك تەرەتتە پاكىزلىنىش ئۈچۈن تازىلىق قەغىزى ئىشلىتىمەن، ئېھىتىيات قىلىپ تۇرۇقلۇقمۇ ئۆرە تۇرۇپ سېيگەندىن كېيىن ئىشتانغا تېمىپ كەتكەن سۈيدۈك تامچىلىرى قانداق بولىدۇ؟ئىنسان بۇ ئىشنى ئۆز گۇمانىدا يۈز بەردى دەپ قارىغان بولسا، ھۆكۈم ئۆزگىرەمدۇ؟ياكى نىجاسەت تامچىدى دەپ قارىغان جاينى سۈرتۈۋېتىش ياكى ئۇ جايغا سۇ سېپىۋېتىشنىڭ ئۆزى كۇپايە قىلامدۇ؟ بۇ ئىش توغرىسىدا كۆپ سوئال سوراش ۋەسۋەسىدىن ھېسابلىنامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     سۈننەت بويىچە ئولتۇرۇپ سېيىش كېرەك، ئەمما كىيىمىگە ۋە بەدىنىگە نىجاسەت چاچراپ كېتىشتىن ساقلانسا ئۆرە تۇرۇپ سېيسىمۇ گۇناھ بولمايدۇ.

ئىنسان ئۆرە تۇرۇپ سېيگەن ۋاقتىدا كىيىمىگە نىجاسەت چاچراپ كەتكەنلىكى ئېنىق بولسا، نىجاسەت چاچرىغان ئورۇننى يۇيۇۋېتىش كېرەك بولىدۇ، نىجاسەت يۇققان ئورۇننى سۈرتۈۋېتىش ياكى ئۇ يەرگە سۇ چېچىۋىتىش كۇپايە قىلمايدۇ، بەلكى ئۇ جاينى سۇ بىلەن پاكىزە يۇيۇش كېرەك.

ئىنسان كىيىمىگە سۈيدۈك چاچرىدىمۇ ياكى چاچرىمىدىمۇ؟ بۇنىڭدا شەكلىنىپ قالسا، ئۇ ۋاقىتتا كىيىمنى يۇيۇش كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى كىيىمنىڭ پاكىزە ئىكەنلىكى ئېنىق بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا نىجاسەت يەتكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلغاندا يۇيۇش كېرەك بولىدۇ.

    دائىمىي كومىتېت ئۆلىمالىرى مۇنداق دەيدۇ: "سىز كىيىمىڭىزگە سۈيدۈك تامچىلىرى تېمىپ كەتكەنلىكىنى ئېنىق بىلسىڭىز، سىز ئۈچۈن قايتىدىن ئىستنجا قىلىپ، ھەر ناماز ئۈچۈن ئايرىم تەرەت ئىلىپ، كىيىمىڭىزگە تامچىلىغان نىجاسەتنى يۇيىۋېتىشىڭىز كېرەك بولىدۇ، ئەمما ئېنىق بىلمەي شەك قىلىپ قالسىڭىز، بۇنداق قىلىش كېرەك بولمايدۇ، سىز ۋەسۋىسىگە چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن شەكتىن يىراق تۇرىشىڭىز كېرەك بولىدۇ". ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى"5-توم 106-بەت].

    ئىنساننىڭ ئۆزىگە مەنپەئەتلىك بولغان دىنى ئىشلارنى سورىشى ئەيىپلەنمەيدۇ ۋە ۋەسۋەسە ھېسابلانمايدۇ، بەلكى بۇ مۇكەممەل بولۇش ئۈچۈن ياخشىلىقنى تەلەپ قىلىشتۇر.

   ئاللاھ تائالادىن سىزنى بارلىق ياخشىلىققا مۇۋاپىق قىلىشنى سورايمىز، ئاللاھ تائالا بۇنىڭ ئىگىسى ۋە بۇنىڭغا قادىردۇر. 

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى