سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

تاھارەت ئالغاندا ۋەسۋەسىگە گېرىپتار بولغان ئايال توغرىسىدا

سۇئال

    ئاللاھ تائالا بىر ئايالنى تاھارەتتە ۋەسۋەسىگە گىرىپتار قىلدى، تاھارەت ئىلىپ بولغاندىن كېيىن يەنە ھاجىتى كەلگەندەك ھېس قىلاتتى، بىر قېتىم بىرسىنىڭ ئاللاھنى ۋە قۇرئان كەرىمنى تىللاشقا بۇيرىغانلىقىنى تۇيغاندەك بولدى، ئۇ ئايال قاتتىق يىغلاپ كەتتى، ئۇ ئايالنىڭ بۇ ۋەسۋەسىدىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى ۋە ئىلاجى قانداق بولىدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

     نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇنداق ۋەسۋەسىلەرگە گېرىپتار بولدى، ئاللاھدىن باشقا كۈچ-قۇۋۋەت يوق، ۋەسۋەسىنىڭ ئىلاجى قوغلانغۇچى شەيتاننىڭ شەررىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ كۆپ پاناھلىق تىلەش، بولۇپمۇ قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىل پەلەق ۋە قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىن ناس سۈرىسىنى كۆپ ئوقۇش كېرەك، شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن بۇنىڭدىنمۇ بەكرەك مۇھاپىزەت قىلىدىغان بىر ساقلىغۇچى يوق، قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىل پەلەق سۈرىسىنى ئاخىرغىچە ئوقۇيدۇ، بۇ سۈرە شەيتاننىڭ شەررىدىن ساقلىنىشنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، چۈنكى شەيتانمۇ ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىدىن، شۇنىڭدەك ناس سۈرىسىنىمۇ ئاخىرغىچە ئوقۇيدۇ.

    ۋەسۋەسىنىڭ ئىلاجى قوغلانغۇچى شەيتاننىڭ شەررىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ كۆپ پاناھلىق تىلەش، ئاللاھ تائالاغا كۆپ يېلىنىش، يالۋۇرۇش، قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىل پەلەق ۋە قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىن ناس سۈرىسىنى كۆپ ئوقۇشى، سەمىمىيلىك بىلەن كەسكىن ئىرادىگە كېلىپ شەيتاننىڭ بۇنداق ۋەسۋەسىلىرىگە پەرۋا قىلماسلىق كېرەك.

   مەسىلەن: بىر قېتىم ياكى ئىككى قېتىم ياكى ئۈچ قېتىم تاھارەت ئالسۇن، شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە پەرۋا قىلمىسۇن، ھەتتا ئىنسان ئۆز كۆڭلىدە تاھارەت ئالدىم دەپ ھېس قىلىپ قالسا ياكى بىرەر ئەزالىرىنى يۇمىغاندەك ياكى نىيەت قىلماي تاھارەت ئالغاندەك تۇيغۇغا كەلسىمۇ بۇنىڭغا پەرۋا قىلماسلىق كېرەك، شۇنىڭدەك ئۇ كىشى نامىزىدا ياكى كۆڭلىدە ناماز باشلاش تەكبىرىنى ئېيتماپتىمەن دېگەننى ھېس قىلىپ قالسا، بۇنىڭغا پەرۋا قىلماستىن نامىزىنى داۋاملاشتۇرۇپ تولۇق ئادا قىلىش كېرەك، شۇنىڭدەك ئۇ كىشىنىڭ كۆڭلىگە سوئالدا زىكىر قىلىنغاندەك، ئاللاھنى تىللاش، قۇرئان كەرىمگە ھاقارەت قىلىش قاتارلىق كۇپۇر ئىشلار كەلسىمۇ بۇنىڭغا پەرۋا قىلماسلىق كېرەك، بۇنىڭ ئۇ كىشىگە ھېچ زېيىنى بولمايدۇ، ھەتتا ئۇ كىشىنىڭ ئىختىيارلىقىسىز ئېغىزىدىن مۇشۇنداق سۆزلەر چىقىپ كەتكەن بولسا، ئۇ كىشىگە گۇناھ بولمايدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئەقلى تۇتۇلغاندا قىلغان تالاق تالاق بولمايدۇ» دېگەن. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 2193 – ھەدىس. ئىمام ئەھمەد مۇسنەد 6 -توم 276 -بەتتە كەلتۈرگەن.  شەيخ ئەلبانى بۇ ھەدىس ھەسەن دەپ "ئىرۋائۇل غەلىيل"دە2047 –ھەدىستە كەلتۈرگەن. مۇشۇنداق ۋەسۋەسىگە چۈشۈپ قالغان كىشىنىڭ قىلغان تالىقىمۇ تالاق بولمايدۇ، بۇنداق كىشى ئەپۇ قىلىنىشقا بەك ھەقلىق، لېكىن بۇنداق ئىشتىن يۈز ئۆرۈشى ۋە كۆڭۈل بۆلمەسلىكى كېرەك.

   مۇشۇ ئايالغا ۋە باشقا مۇشۇنداق ۋەسۋەسىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرگە مېنىڭ قىلىدىغان تەۋسىيەم: قوغلانغۇچى شەيتاننىڭ شەررىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ كۆپ پاناھلىق تىلەش، قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىل پەلەق ۋە قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىن ناس سۈرىسىنى كۆپ ئوقۇش كېرەك، سەمىمىيلىك بىلەن كەسكىن ئىرادىگە كېلىپ شەيتاننىڭ بۇنداق ۋەسۋەسىلىرىگە پەرۋا قىلماسلىق كېرەك.

    ئەگەر شەيتان بىر ئىنساننىڭ كۆڭلىگە ئاللاھ توغرىسىدا ۋە باشقا ئىشلاردا دىلىغا شەك پەيدا قىلغان بولسا بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمەسلىك كېرەك، چۈنكى بۇنداق شەك-شۈبھىلەردىن پەقەت دىلىدا ئىمان بولغان كىشىنىڭ كۆڭلى ئاغرىيدۇ، مۆمىندىن باشقىلار شەك قىلسۇن ياكى قىلمىسۇن بۇ مۇھىم ئەمەس، لېكىن بۇنداق ئىشلاردىن پەقەت مۆمىن كىشى ئۆرتىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىغا مۇنداق دېگەن: «ئاشۇ ئوپ-ئوچۇق ئىماندۇر» [مۇسلىم رىۋايىتى 132-ھەدىس].

    يەنى: شەيتاننىڭ سىلەرنىڭ دىلىڭلارغا تاشلىغان مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان ئىشلار بولسا خالىس ئىماندىن ئىبارەت، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنى خالىس ئىمان دەپ ئاتىدى، چۈنكى مۆمىننىڭ دىلىغا شەك كەلسە بۇنىڭ بىلەن كۆڭلى خاتىرجەم بولمايدۇ، بۇنىڭغا پەرۋا قىلمايدۇ، ئۇنى خالىمىسىمۇ كۆڭلى بىئارام بولىدۇ، شەيتان بۇنداق ۋەسۋەسىلەرنى ئىمان بىلەن گۈللىنىۋاتقان دىللارغا پەيدا قىلىدۇ، ۋەيران بولغان دىللارغا پەيدا قىلمايدۇ، چۈنكى ئۇ ۋەيران بولغانلىقتىن شەك كەلتۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. ئىبنى ئابباس ۋە ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارغا:  يەھۇدىيلار: بىز نامىزىمىزدا ۋەسۋەسە قىلمايمىز دەيدۇ دېيىلگەندە، ئۇلار:  شۇنداق، شەيتاننىڭ خاراپ بولغان دىللار بىلەن ئىشى يوق دېگەن.  

   مېنىڭ ئۇ ئايالغا قىلىدىغان تەۋسىيەم:  شۇنداق ئىشلارنىڭ ھەممىسىدىن يۈز ئۆرۈشى كېرەك، بەلكىم ئۇ ئايال دەسلەپتە تاھارەتسىز ناماز ئادا قىلدىممىكىن ياكى ناماز باشلاش تەكبىرىنى كەلتۈرمەي ناماز باشلىدىممىكىن دېگەندەك تۇيغۇلار بىلەن بۇ ئىش تەس كېلىشى مۇمكىن، لېكىن مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن بۇ شەك، ۋەسۋەسىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن يوقاپ راھەتلىنىپ قالىدۇ.

   ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇن، نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇنىڭغا ئوخشاش شىكايەتلەرنى قىلدى، شەك، ۋەسۋەسىگە قارشى تۇرۇشتا يۇقىرى سەۋىيىگە يەتتى، ئاللاھ ئۇلارنى ساق-سالامەت قىلدى، ئاللاھ تائالادىن ھەممەيلەنگە سالامەتلىك تىلەيمىز.

مەنبە: شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ"ئوچۇق سۆھبەت " ناملىق كىتاب 14 -بەتتىن ئېلىندى.