پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

قولى بىلەن ئىستىمنا قىلىسا (ھوزۇرلانسا) مەنىي چىقمىسا روزا بۇزۇلامدۇ؟

سۇئال

   رامزاننىڭ كۈندۈزدە قولى بىلەن ھوزۇرلانسا) ئىستىمنا قىلغان بولۇپ)، مەنىي چىقمىغان بولسا روزا بۇزۇلامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

   (ئىستىمنا(قولى بىلەن ھۇزۇرلىنىش روزىنى بۇزىدىغان ئامىللاردىن بولۇپ، رامزاننىڭ كۈندۈزدە بۇنداق قىلغان كىشى ئۆزىنىڭ بۇ خاتالىقىغا تەۋبە قىلىش بىلەن بىرگە بۇ كۈندىكى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ.

       شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "رامزاننىڭ كۈندۈزدە قولى بىلەن ھۇزۇرلىنىپ مەنىي چىقارغان بولسا روزىسى بۇزۇلىدۇ، پەرىز روزا تۇتۇپ شۇنداق قىلغان بولسا، ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىش بىلەن بىرگە شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ، چۈنكى ئىستىمنا دېگەن رامزاندا بولسۇن ياكى باشقا ۋاقىتلاردا بولسۇن توغرا بولمايدۇ، بۇنى كىشىلەر قولى بىلەن ھۇزۇرلىنىش دەپ ئاتايدۇ." "[شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالىرى"15-توم 267-بەت.]

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "روزىدار كىشى قولى بىلەن ھۇزۇرلىنىپ مەنىي چىققان بولسا روزىسى بۇزۇلىدۇ، ئۇ كىشىگە مۇشۇ كۈندىكى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولىدۇ، كاپارەت كەلمەيدۇ، چۈنكى كاپارەت دېگەن رامزاننىڭ كۈندۈزدە جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن كىشىگە كېلىدۇ، قىلمىشىغا تەۋبە قىلىشى كېرەك بولىدۇ".  ["ئىسلام ئاساسى پەتىۋالىرى" 478-بەت.]

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلىرى، قولى بىلەن ھۇزۇرلىنىپ مەنىي چىققاننىڭ ھۆكمى، ئەمما مەنىي چىقمىغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا روزىسى بۇزۇلمايدۇ، قىلمىشى خاتا بولىدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ  "شەرھىل مۇمتىئ" 6-توم 388-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: " قولى بىلەن ھۇزۇرلىنىپ مەنىي چىقمىغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا روزىسى بۇزۇلمايدۇ".

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى