سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

كومپىيۇتىر پروگىراممىلىرىنى كۆچۈرۈشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

ئۆزى سېتىۋالمىغان كومپيۇتىر پروگىراممىلىرىنى(سېستىملىرىنى) ھەقسىز كۆچۈرۈۋالسا قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بۇ سوئالغا شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ يېتەكچىلىكىدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى ئۆلىمالىرى جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ئىگىسى كۆچۈرۈپ بېرىشنى چەكلىگەن سېستىم، پروگىراممىلىرىنى ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىسىز كۆچۈرۈپ سېتىش توغرا بولمايدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمان قىلغان شەرتلىرىگە ريانىيە قىلىدۇ»،.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمان مېلى پەقەت مال ئىگىسىنىڭ رازىلىقى بىلەن ھالال بولىدۇ».

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «دۇرۇس بىر نەرسىگە كىم بۇرۇن ئىگە بولغان بولسا، ئۇ نەرسىگە شۇ كىشى ھەقلىق بولىدۇ».

   يۇقىرىدا بايان قىلىنغان پروگىرام ۋە سېستىمىلار مۇسۇلماننىڭ بولسۇن ياكى مۇسۇلمانغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتمىغان كاپىرنىڭ بولسۇن مۇسۇلماننىڭ ھەق-ھوقۇقىغا ئوخشاش ئېھتىرام قىلىنىدۇ، ئەمما مۇسۇلمانغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان كاپىرنىڭ مېلى ئېھتىرام قىلىنمايدۇ".

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر. "دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى"18453 –نۇمۇرلۇق سوئال.

    شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ مەسىلە توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: "بۇنىڭدا ئۆرپ-ئادەتكىمۇ قارايمىز، ئەگەر دەسلەپتە بۇ كىتاب ياكى كوپىيۇتىر سېستىمىسىنى ھەر قانداق شەخىس ياكى كوللېكتىپنىڭ رۇخسەتسىز كۆچۈرۈۋېلىشى چەكلىنىدۇ دەپ يېزىلمىغان بولسا، بۇنىڭدا گۇناھ بولمايدۇ. ئەمما دەسلەپتە بۇ كىتاب ياكى كومپىيۇتىر سېستىمىسىنى ھەر قانداق شەخىس ياكى كوللېكتىپنىڭ رۇخسەتسىز كۆچۈرۈۋېلىشى چەكلىنىدۇ دەپ يېزىلغان بولسا بۇنى كۆچۈرۈۋېلىش مۇتلەق توغرا بولمايدۇ".

مەنبە: دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى"18453-نۇمۇرلۇق سوئال. پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئۇسەيمىن