شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

تاھارەتتە ئەزالارنى يۇغاندا جاراھەتلەنگەن ئەزانىڭ ئۈستىدە قېتىپ قالغان قاننىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟

سۇئال

   جاراھەتنىڭ ئۈستىدە قېتىپ قالغان قان، ئەزالارنى يۇغاندا سۇنىڭ بەدەنگە يېتىشىنى توسۇپ قويامدۇ، ئۇنى يوق قىلىش زۆرۈر بولامدۇ؟. جاراھەتكە مەلۇم ۋاقىت ئۆتتى، ساقايدىمۇ ياكى ساقايمىدىمۇ بىلمەيمەن؟، بەزى ۋاقىتتا قاننى تازىلىۋەتسەم ساقايغاندەك بولىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا قان چىقمايدۇ، لېكىن مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن يەنە قايتىدىن قان چىقىپ قېتىپ قالغانلىقىنى كۆرىمەن، شۇ ھالەتتە ناماز ئادا قىلسام نامىزىم توغرا بولامدۇ؟، قېتىپ قالغان قاننى تازىلىۋەتسەم جاراھەتنىڭ ساقايغانلىقىنى بىلدىم، بۇ قان تاھارەت ئىلىش جەريانىدا بەدەنگە سۇ يېتىشنى توسۇپ قويامدۇ؟مەن بۇ ۋەسۋەسىدىن بەك تېڭىرقاش ئىچىدە قالدىم، نامازنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن قېتىپ قالغان قاننى كۆرسەم نامازنى قايتىدىن ئادا قىلىمەن، قاننى تازىلىۋەتسەم جاراھەت ساقايغاندەك تۇرىدۇ، بەدىنىمدىكى جاراھەت كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن تاھارەتتە بەدەنگە سۇ يېتىشكە توسالغۇ بولمىسۇن دەپ، ساقايمىسىمۇ قاننى تازىلىۋېتىپ تۇرىمەن؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    جاراھەتتە قىلىپ قالغان قاننىڭ ئىزى بولسا ئادەتتە ئەپۇ قېلىنىدۇ بولۇپمۇ كۆپ جاراھەتكە ئۇچرىغان كىشى ئەپۇ قىلىنىشقا بەك لايىق، بۇ توغرىدا نۇرغۇن مىساللار بار.

    "ھاشىيەتىل باجۇرى"  1 -توم 51 -بەتتە مۇنداق كەلگەن: "جاراھەتنىڭ ئۈستىگە سىرتتىن چاپلىشىپ قالغان نەرسىلەرنى مۇمكىن بولسا ۋە جاراھەتكە تەسىرى بولمىسا تازىلىۋېتىش كېرەك بولىدۇ، ئەگەر تەسىرى بولسا ئۇمۇ بەدەننىڭ بىرقىسمىغا ئوخشاش بولىدۇ، ئېلىۋەتمىسىمۇ بولىدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش جاراھەتنىڭ تاشقىرى پوستىنى(قاقىچىنى) مۇمكىن بولسا ئېلىۋەتسەك بولىدۇ". بۇنداق نەرسىلەرنى گەرچە ئاسان بولسىمۇ ئېلىۋېتىش بەك زۆرۈر ئەمەس.

   "مەتالىبۇ ئۇلىننۇھا" 1 -توم 116 -بەتتە مۇنداق كەلگەن: "تىرناقنىڭ ئاستىدىكى ۋە بۇرنىنىڭ ئېچىدىكى ئاز مىقداردىكى كىر، قاسماقلار گەرچە سۇنىڭ شۇ ئورۇنلارغا سۇنىڭ يېتىشىنى چەكلەپ قويسىمۇ بۇنىڭ زېيىنى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئادەتتە كۆپ يۈز بېرىدىغان ئىشلار، ئەگەر ئۇنداق نەرسىلەر بىلەن تاھارەت ئىلىش توغرا بولمايدىغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە بۇنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بايان قىلىپ بەرگەن بولاتتى، چۈنكى ھاجەت بولغان مەسىلىنى بايان قىلىپ بېرىشنى كېچىكتۈرۈش توغرا بولمايدۇ.

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ بۇنىڭغا قېتىپ:  ئىنسان بەدىنىدىن قايسى بىر ئەزاغا چاپلىشىپ قالغان ۋە سۇنىڭ بەدەنگە يېتىشىنى توسۇپ قويىدىغان ئاز مىقداردىكى قان ۋە خىرمىرلارمۇ يۇقىرىدىكى ھۆكۈمگە قېتىلىدۇ، يەنى ئەپۇ قىلىنىدۇ. 

    بۇ تۈردىكى ئىشلاردىن ئەپۇ قىلىنىش دېگەن، ئادەتتە بۇنداق ئىشلارنىڭ كۆپ يۈز بېرىدىغانلىقى ۋە ئومۇملىشىپ كەتكەنلىكى، بۇنداق ئىشلاردىن ساقلىنىشنىڭ قىيىن بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. بۇ ۋەسۋەسە بىلەن بولىدىغان ئىش ئەمەس، ئەمما ۋەسۋەسىگە گىرىپتار بولغان كىشى بۇنداق ئىشلارنى بەك ئىنچىكىلەيدۇ، ئوقۇغان نامىزىنى قايتىدىن ئادا قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىگە نەسىھەت قىلىپ بۇنداق ئىشلار پۈتۈنلەي يىراق بولىشى، بۇ توغرىدا ئويلانماسلىق كېرەك، ئۇنداق بولمىغاندا بۇ ئىش ئۇ كىشىنىڭ ئىبادەت ۋە باشقا ئىشلىرىنى بۇزىدۇ. شەيتان ئىشلارنى ئىنچىكىلەپ، ئىبادەتنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، شەرىئەت بۇيرۇمىغان ئىشلارنى تەكرار ئادا قىلىشقا قۇترىتىدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى