جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ھامىلدار ئايالدىن ئاجرالمىلار كەلسە نامازنى تەرك قىلامدۇ؟

سۇئال

   بەزى ۋاقىتلاردا ئايالىمدىن ئايلىق ئادەت ۋاقتى بولمىسىمۇ قەھۋە رەڭگى نەرسىلەر كېلىدۇ، ناماز ۋە روزىنى داۋاملاشتۇرامدۇ ياكى توختامدۇ؟ بىلىشىمچە ئۇ ھامىلدارلىق باشلىنىپ قىرىق-ئەللىك كۈن بولغان ۋاقىت؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    كۆپچىلىك ئالىملار ھامىلدار ئايال ئادەت كۆرمەيدۇ دېگەن قاراشتا بولۇپ، بۇ ھەم ئىمام ئەبۇ ھەنىپە ۋە ئىمام ئەھمەد قاتارلىق ئىككى ئىمامنىڭ قارىشىدۇر.  "[ئەلمۇغنى" 1 - توم 443-بەت].

   دائىمىي كومىتېت پەتىۋا ئەزالىرىمۇ بۇ قاراشنى ئىختىيار قىلغان.

يەنە بىر قىسىم ئالىملار ھامىلدار ئايالمۇ بەزەن ۋاقىتتا ئادەت كۆرىدۇ دېگەن قاراشقا بولۇپ، بۇ ھەم ئىمام مالىك ۋە ئىمام شافىئى قاتارلىق ئىككى ئىمامنىڭ قارىشىدۇر. ["ئەل مەجمۇ" 2 -توم 411-414-بەتلەر].

    شەيخ مۇھەممەد ئىبراھىم ۋە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇمۇللاھمۇ بۇ قاراشنى ئىختىيار قىلغان.

     ئادەت كۆرۈشنىڭ شەرتى ھامىلدار ۋاقىتتا كەلگەن قاننىڭ سۈپىتى ھەيز ۋاقتىدا كەلگەن قاننىڭ سۈپىتىدە بولىشى كېرەك

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىككى تۈرلۈك قاراشلارنىڭ قايسىسىغا تايانساق ئايالىڭىزدىن كەلگەن ئاجرالمىلار ھەيز ئەمەس، چۈنكى ئۇ ھەيزنىڭ قېنىنىڭ سۈپىتىدىمۇ ئەمەس ۋە ھەيزنىڭ ۋاقتىمۇ ئەمەس.

    ئايالىڭىز پاكىزە بولۇپ، نامازنى ئادا قىلىدۇ، روزىنى تۇتىدۇ ۋە پاك ئاياللار قىلىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىدۇ.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى