چارشەنبە 15 شەۋۋال 1445 - 24 ئاپرىل 2024
Uygur

رامىزاندا روزىدارنىڭ چىشىنى ئاقارتىش ئۈچۈن چىش قېلىپى سېلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

    رامىزاندا روزىدارنىڭ چىشىنى ئاقارتىش ئۈچۈن چىش قېلىپى سېلىشى توغرا بولامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   چىشىنى ئاقارتىش قېلىپى دېگەن:  ئېغىزدىكى چىشنىڭ شەكلىدە بولغان ئېچىگە چىش ئاقارتىش دورىسى قويۇلغان شەكىلدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ قېلىپنى چىشىغا كىيدۈرىدۇ، ھەر كۈندە مەلۇم ۋاقىتتا ئېغىزدا تۇرىدۇ.  بۇ قېلىپنىڭ روزىدارنىڭ روزىسىنىڭ توغرا بولىشىغا تەسىر كۆرسىتىشىگە كەلسەك، مۇشۇ قېلىپتىكى ماددىلارنىڭ ئېغىزنىڭ ئېچىگە سېڭىپ كېرىشىگە قارىلىدۇ:

    بىرىنچى ھالەت: چىش ۋە تۆشۈكلەرگە چىڭ چاپلىشىدىغان بولىدۇ، ئۇنىڭدىن ئېغىزغا بىر نەرسە چىقمايدۇ، ياكى روزىدارنىڭ ئېغىزىدىن سىرتقا چىقىدۇ، بۇنداق ھالەتتە روزىنى بۇزىدىغان ھېچقانداق بىر سەۋەپ بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ قېلىپنىڭ روزىغا تەسىرى بولمايدۇ.  بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن  363474 - نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

   ئىككىنچى ھالەت:  قىلىپ ئارىسىدىن بەزى نەرسىلەر سېزسا بۇنى روزىدار يۇتۇپ سالىدىغان ھالەتتە روزىدارنىڭ رامزاننىڭ كۈندۈزدە ئېغىزىغا چىش قېلىپى سېلىشى توغرا بولمايدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "روزىدارنىڭ چىش پاستىسى بىلەن چىش چوتكىسى ئىشلىتىش ئەھۋالى بۇ ئىككى ھالەتتىن خالى بولمايدۇ:  ئىككىسىنىڭ بىرىنچىسى: كۈچلۈك بولۇپ ئاشقازانغا ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئىنساننىڭ بۇنى بېكىتىشى مۇمكىن بولمايدۇ، بۇ چەكلىنىدۇ، يەنى  بۇنى ئىشلىتىش توغرا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ روزىنى بۇزۇشقا ئېلىپ بارىدۇ. ھارامغا ئېلىپ بارىدىغان ھەرقانداق نەرسە ھارام بولىدۇ.  لەقىيتە بىن سەبرەدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە مۇنداق دېگەن:  «روزا تۇتمىغاندا بۇرنۇڭغا دىماغقا يەتكۈدەك سۇ ئالغىن». پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام روزىدار ھالەتتە بۇرنىغا سۇ ئالغاندا دىماغقا يەتكۈزمەسلىكنى ئايرىۋەتكەن، چۈنكى روزىدار ھالەتتە دىماغقا يەتكۈدەك سۇ ئالسا، سۇ كانىيىغا سېڭىپ كېرىپ شۇنىڭ بىلەن روزىسى بۇزۇلىدۇ.  بىز دەيمىزكى: ئەگەر چىش پاستىسى كۈچلۈك بولۇپ ئاشقازانغا ئۆتۈپ كېتىدىغان بولسا، بۇنداق ھالەتتە ئۇنى ئىشلىتىش توغرا بولمايدۇ، ياكى ئۇنى ئىشلىتىشنى مەكروھ بولىدۇ دەيمىز.

   ئىككىنچى ھالەت:  چىش پاستىسى كۈچلۈك بولمىسا، ئۇنىڭدىن ساقلىنىش مۇمكىن بولىدۇ، ئۇنى ئىشلەتسە بولىدۇ، چۈنكى ئېغىزنىڭ ئېچى دېگەن ئېغىزنىڭ سىرتىنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سۇ بىلەن ئېغىزىنى چايقايدۇ، بۇنىڭ زېيىنى بولمايدۇ، ئەگەر ئېغىزنىڭ ئېچى ئىچكى ئەزانىڭ ھۆكمىدە بولغان بولسا ئىدى، ئۇ ۋاقىتتا روزا تۇتقۇچى ئېغىزىغا سۇ ئېلىشتىن چەكلەنگەن بولاتتى. ["ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 16 -توم 351 -بەت].  

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى