پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

بىر قىزچاق مۇسۇلمان بولغان بولۇپ، ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن ئىسلام دىنىدىن قايتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، ئۇ قىز نېمە قىلىشى كېرەك بولىدۇ؟

212359

تارقاتقان ۋاقىت : 03-01-2020

كۆرگۈچىلەر : 1627

سۇئال

XXX بىر قىز مۇسۇلمان بولۇپ، شەرئى ھىجاب كىيدى، ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ، ئۇنى ئىسلام دىنىدىن قايتۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ، ئۇنى ساقچىغا ئېلىپ بېرىپ ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى توغرىسىدا مۇنازىرە قىلماقچى بولىدۇ، لېكىن قىز بۇنى رەت قىلغاندا، ئۇلار ئۇ قىزنىڭ ئىسلامى كىيىملىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈۋېتىپ، ئۇنىڭغا قىسقا، يېرىم يالىڭاچ كىيىملەرنى سېتىۋالىدۇ، ئۇ قىز ھازىر تۆت ئايدىن بېرى ئۆيدىن چىقماپتۇ، ئائىلىسىدىكىلەرنى ئۇنى ھەر تەرەپتىن سىقىپتۇ، ئۇ ئائىلىدە يېگانە بىر مۇسۇلمان بولۇپ، ئۇنىڭ مەھرەملىرى يوق ئىكەن، ئۇ قىز ھازىر يىگىرمە ياش بولۇپ، ئۆيدىن چىقسا ئائىلىسىدىكىلەر تەرىپىدىن قاتتىق كۈزىتىلىدىكەن شۇنىڭدەك تىلېفۇنلىرىمۇ بەك تەكشۈرۈلىدىكەن، بۇنداق ھالەتتە بۇ قىز نېمە قىلىشى كېرەك؟ ئۆينى تاشلاپ باشقا جايغا كېتىشى كېرەكمۇ ياكى ئائىلىسىدە تۇرۇپ قىلىشى كېرەكمۇ؟. بۇ ھەقتە مەسلىھەت بېرىىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بۇ قىزچاق دىنى توغرىسىدا پىتنىگە ئۇچراۋاتقان، ئۇنى ئاللاھنىڭ دىنىدىن چەكلەۋاتقانلار ئۇتۇق قازىنىۋاتقان بۇ ئورۇندىن ئۆزى ۋە دىنىنى ساقلاپ قالغۇدەك تىنچ بىر جايغا تىزدىن چېقىپ كېتىشى كېرەك بولىدۇ.

    ئۆيىدىن چىقىش ئۈچۈن يالغان سۆزلەمدۇ ياكى ئىشەنچىلىك بىر كىشىدىن ياردەم سورامدۇ، مۇمكىن بولغان ئامال-چارىلەرنى قوللانسا بولىدۇ.

    ئۇ قىزچاقنىڭ دىنىنى پىتنىگە سالىدىغان جايدا تۇرۇپ قىلىشى توغرا بولمايدۇ، پەقەت قېچىپ كېتىش ئۈچۈن ھېچقانداق ئامال-چارە تاپالمىغاندا تۇرسا بولىدۇ.

    ھېچ قانداق ئامال تاپالمىسا، ئۇچرىغان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە ئاللاھدىن ئەجىر تەلەپ قىلىپ ئۇلارنىڭ ئازار-كۈلپەتلىرىگە ئۇچراشتىن ساقلىنىپ ئۇلار بىلەن قارشىلاشماستىن سەۋىر قىلىپ تۇرسۇن.

    ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇپ، قىيىنچىلىقتىن چېقىش يولى تىلەپ، كۆپ زىكىر ئېيتىپ دۇئا ئىجاۋەت بولىدىغان ۋاقىتلاردا كۆپ دۇئا قىلىشى كېرەك.

    ئۇ قىزچاقنىڭ ئەھۋالىنى بىلگەن، ياردەم بېرىش ئىمكانىيىتى بار بولغان ۋە قۇتقۇزۇشقا قادىر بولالايدىغان كىشىنىڭ ئۇ قىزچاققا ياردەم بېرىشى زۆرۈر بولىدۇ، چۈنكى مۇسۇلماننىڭ ئۆزىنىڭ يەنە بىر مۇسۇلمان قېرىندىشىنى دىنىدا پىتنىگە چۈشۈپ قالىدىغان ئورۇندا ياردەمسىز تاشلاپ قويۇشى توغرا بولمايدۇ.

   ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى