دۇشەنبە 12 زۇل قەئەدە 1445 - 20 ماي 2024
Uygur

جىسمىدا ئاغرىق بولغان كىشىنىڭ شەرئى دۇئالارنى ۋە بەزى دورىلارنى ئىشلىتىشى توغرىسىدا

سۇئال

   بېشىمنىڭ ئالدى تەرىپىدە(پىشانەمدە) قاتتىق بىر ئاغرىقنى ھېس قىلىمەن، بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇيدىغان بىرەر دۇئا بارمۇ ياكى بۇ ئاغرىقنى ساكىنلەشتۈرۈش ئۈچۈن نېمە قىلىشىم كېرەك بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: سىزگە يەتكەن كېسەللىككە ساۋاپ ئۈمىت قىلىپ سەبرى قىلسىڭىز، ئاللاھ تائالا سىزنىڭ كېسەللىكىڭىزنى خاتالىقلىرىڭىز ئۈچۈن كاپارەت قىلىدۇ.

    ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمانغا يەتكەن ھېرىش-چارچاش، غەم-قايغۇ، دەرت-خاپىلىق ھەتتا پۇتىغا تىكەن كىرگەن بولسىمۇ ئاللاھ تائالا ئۇنى ئۇ كىشىنىڭ خاتالىقلىرىغا كاپارەت قىلىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 5318-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2573-ھەدىس].

   ئىككىنچى: سىزگە بەزى دورا ۋە سەھىھ بولغان دۇئالارنى تەۋسىيە قىلىمىز، دورىلار:

   1-ھەسەل، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ثُمَّ كُلِي مِنْ كُلِّ الثَّمَرَاتِ فَاسْلُكِي سُبُلَ رَبِّكِ ذُلُلاً يَخْرُجُ مِنْ بُطُونِهَا شَرَابٌ مُخْتَلِفٌ أَلْوَانُهُ فِيهِ شِفَاءٌ لِلنَّاسِ إِنَّ فِي ذَلِكَ لآيَةً لِقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ تەرجىمىسى: «ئاندىن كېيىن، تۈرلۈك مېۋىلەر (يەنى گۈل ـ چېچەكلەر)دىن يېگىن، پەرۋەردىگارىڭنىڭ يوللىرىغا ئىتائەتمەنلىك بىلەن كىرگىن» ئۇنىڭ (يەنى ھەسەل ھەرىسىنىڭ) قارنىدىن ئىنسانلارغا شىپا بولىدىغان خىلمۇ ـخىل رەڭلىك ئىچىملىك (يەنى ھەسەل)چىقىدۇ. بۇنىڭدا (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ چوڭلۇقىنى) تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئىبرەت بار» [سۈرە نەھىل 69-ئايەت].

  2-ئود ھىندى: مۇھسىننىڭ قىزى ئۇممۇ قەيس مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ئود ھىندىنى لازىم تۇتۇڭلار، ئۇنىڭدا يەتتە تۈرلۈك كېسەلگە شىپا بار دېگەن» [بۇخارى رىۋايىتى5368-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى287-ھەدىس].

   3-لوڭقا قويۇپ قان ئېلىپ داۋالاش: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئېھراملىق ھالىتىدە باش ئاغرىقى سەۋەبىدىن بېشىدىن قان ئالدۇرغان» [بۇخارى رىۋايىتى 5374-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1202-ھەدىس].

   4-سىيادان: ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«سىياداندا ئۆلۈمدىن باشقا ھەر قانداق كېسەلگە شىپالىق بار». [بۇخارى رىۋايىتى 5364-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2215-ھەدىس].

   ئىمام بۇخارى كىتابىدا: "باش ئاغرىقىدىن قان ئالدۇرۇش"دەپ باپ كەلتۈرگەن.

   سىزگە سەھىھ ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان بەزى دۇئالارنى تەۋسىيە قىلىمىز:

  1-ئوسمان ئىبنى ئەبىل ئاس سەقەپىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇسۇلمان بولغاندىن باشلاپ بەدىنىگە يەتكەن بىر ئاغرىقتىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا شىكايەت قىلغان ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «بەدىنىڭدىن ئاغرىغان جايغا قولۇڭنى قويۇپ، ئۈچ قېتىم بىسمىللاھ دېگىن، يەتتە قېتىم: ئاللاھ بىلەن ۋە ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن مەن بەدىنىمدە تاپقان ۋە ھەزەر قىلىدىغان نەرسىنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن دېگىن دېدى». [مۇسلىم رىۋايىتى 2202-ھەدىس].

   2-ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېسەلنىڭ يېنىغا بارسا ياكى كېسەل پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلتۈرۈلسە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئىنسانلارنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ! ئۇنىڭ كېسەللىكىنى كەتكۈزىۋەتكىن، سەن شىپالىق ئاتا قىلغۇچى، سېنىڭ شىپالىقىڭدىن باشقا شىپالىق يوق، ئۇنىڭغا كېسەل قايتىدىن قوزغالمايدىغان بىر شىپالىق ئاتا قىلغىن، دەيتتى». [بۇخارى رىۋايىتى5351-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2191-ھەدىس].

   شۇنىڭدەك سىز پاتىھە سۈرىسى ۋە قۇرئاننىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى ئىككى پاناھلىق تەلەپ قىلىش سۈرىسىنى كۆپ ئوقۇڭ، قۇرئاننى كۆپ ئوقۇڭ، قۇرئاننىڭ ھەممىسىدە شىپالىق باردۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‏وَنُنَزِّلُ مِنَ الْقُرْآنِ مَا هُوَ شِفَاءٌ وَرَحْمَةٌ لِلْمُؤْمِنِينَ وَلا يَزِيدُ الظَّالِمِينَ إِلا خَسَاراً تەرجىمىسى: «بىز مۆمىنلەرگە (يەنى ئۇلارنىڭ دىللىرىغا) شىپا ۋە رەھمەت بولىدىغان قۇرئان ئايەتلىرىنى نازىل قىلىمىز، قۇرئان كاپىرلارغا زىياندىن باشقىنى زىيادە قىلمايدۇ (يەنى ئۇلار قۇرئاننى تەستىق قىلمىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ كۇفرى تېخىمۇ ئاشىدۇ)» [سۈرە ئىسرا 82-ئايەت].

   3-ئەبى سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلرىدىن بىر توپ كىشىلەر ئەرەبلەرنىڭ بىر مەھەللىسىگە چۈشۈپ مېھمان قىلىشنى تەلەپ قىلغاندا ئۇلارنى مېھمان قىلمايدۇ، شۇ ئارىدا ئۇ مەھەللىنىڭ ئاقساقىلىنى يىلان چېقىۋالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەھەللىدىكى كىشىلەر ساھابىلارنىڭ يېنىغا كېلىپ: سىلەردە زەھەر قايتۇرىدىغان دورا بارمۇ ياكى ئايىتى شىپا ئوقۇيدىغان بىرەرسى بارمۇ؟ دەيدۇ، ساھابىلار: سىلەر بىزنى مېھمان قىلمىغاندىن كېيىن مەلۇم مىقداردا ھەق بەرمىسەڭلار ئايىتى شىپا ئوقۇمايمىز دەيدۇ، ئۇلار ساھابىلارغا بىر توپ قوي بېرىدىغان بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ساھابىلاردىن بىرى پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇپ تۈكۈركىنى جۇغلاپ ئالقىنىغا سۈپلەپ يىلان چاققان يەرنى سىلاپ قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەھەللە ئاقساقىلى ساقىيدۇ، ئايىتى شىپا ئوقۇغان ساھابە قوينى ئىلىپ كەلگەندە، باشقا ساھابىلار بۇنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سورىماي تۇرۇپ ئۈلەشمەيمىز دەيدۇ، ئۇلار مەدىنىگە كېلىپ بولغان ئەھۋالنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا سۆزلەپ بەرگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كۈلۈپ كېتىپ: «پاتىھە سۈرىسىنىڭ شىپا ئايىتى ئىكەنلىكىنى قانداق بىلدىڭ؟، دەپ، قوينى  ئاراڭلاردا تەقسىم قىلىپ ماڭىمۇ بىر كىشىلىك نېسىۋە ئېلىپ قويۇڭلار دېدى». [بۇخارى رىۋايىتى 5404-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2201-ھەدىس].

   4-ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە :«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇپ كېتىدىغان كېسەللىكىدە، قۇئاننىڭ ئاخىرىدىكى ئىككى پاناھلىق تىلەش سۈرىسىنى ئوقۇپ ئۆزىگە سۈپلەيتتى، كېسىلى ئېغىرلىشىپ قالغاندا، ئۇ سۈرىلەرنى مەن ئوقۇپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قولىغا سۈپلەپ شۇ قولىنىڭ بەرىكىتى بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بەدىنىنى سىلاپ قوياتتىم». [بۇخارى رىۋايىتى5403-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2192-ھەدىس].

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى