جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

قازا ۋە قەدەرگە ئىشىنىش توغرىسىدا

سۇئال

ئىسلامدا سەبرى قىلىشنىڭ ئورنى قانداق بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمان سەبرى قىلىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    قازا ۋە قەدەرگە ئىشىنىش بولسا ئىماننىڭ ئاساسلىرىدىندۇر، مۇسۇلماننىڭ ئىمانى ئۆزىگە يەتكەن نەرسىنىڭ ئۆزىدىن ئۆتۈپ كەتمىگەنلىكى، ئۆزىدىن ئۆتۈپ كەتمىگەن نەرسىنىڭ ئۆزىگە يەتمىگەنلىكىنى، ھەممە نەرسىنىڭ ئاللاھنىڭ ھۆكمى ۋە تەقدىر قىلىشى بىلەن بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمىگىچە مۇكەممەل مۇسۇلمان بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّا كُلَّ شَيْءٍ خَلَقْنَاهُ بِقَدَرٍ تەرجىمىسى: بىز ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى ئۆلچەملىك ياراتتۇق [سۈرە قەمەر 49-ئايەت].

   سەبرىنىڭ ئىماندىكى ئورنى باشنىڭ بەدەندىكى ئورنىغا ئوخشاشتۇر، سەۋرچانلىق دېگەن ئېسىل سۈپەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ماختالغۇچىدۇر، سەبىر قىلغۇچىلار ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ھېسابسىز ئەجىر-ساۋابقا ئېرىشىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّمَا يُوَفَّى الصَّابِرُونَ أَجْرَهُم بِغَيْرِ حِسَابٍ تەرجىمىسى: پەقەت سەۋر قىلغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ئەجرى ھېسابسىز بېرىلىدۇ. [سۈرە زۇمەر 10-ئايەت].

    زېمىندا، ئىنساننىڭ نەپسىدە، مىلىدا، ئائىلىسىدە ۋە ياكى باشقا نەرسىلەردە يۈز بەرگەن بالا-مۇسىبەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ تائالا يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى بىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇنى لەۋھۇلمەھپۇزغا يېزىۋەتكەن. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مَا أَصَابَ مِن مُّصِيبَةٍ فِي الْأَرْضِ وَلَا فِي أَنفُسِكُمْ إِلَّا فِي كِتَابٍ مِّن قَبْلِ أَن نَّبْرَأَهَا ۚ إِنَّ ذَٰلِكَ عَلَى اللَّـهِ يَسِيرٌ تەرجىمىسى: يەر يۈزىدىكى بارلىق ھادىسىلەر ۋە ئۆزۈڭلار ئۇچرىغان مۇسىبەتلەر بىز ئۇلارنى يارىتىشتىن بۇرۇن لەۋھۇلمەھپۇزغا يېزىلغان، بۇ (ئىش)، شۈبھىسىزكى، ئاللاھقا ئاساندۇر. [سۈرە ھەدىد 22-ئايەت].

    مۇسىبەتلەردىن ئىنسانغا يەتكەن نەرسە ئىنسان ئۇنى بىلسۇن ياكى بىلمىسۇن ئۇ ئىنسان ئۈچۈن ياخشىلىقتۇر، چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ قىلغان ھۆكمى ئىنسان ئۈچۈن ياخشىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: قُل لَّن يُصِيبَنَا إِلَّا مَا كَتَبَ اللَّـهُ لَنَا هُوَ مَوْلَانَا ۚ وَعَلَى اللَّـهِ فَلْيَتَوَكَّلِ الْمُؤْمِنُونَ تەرجىمىسى: ئېيتقىنكى، بىزگە پەقەت ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغان نەرسىسى يېتىدۇ، ئۇ بىزنىڭ مەدەتكارىمىزدۇر. مۆمىنلەر ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسۇن (يەنى مۆمىنلەر ھەممە ئىشنى ئاللاھقا تاپشۇرسۇن، ئۇندىن باشقا ھېچ ئەھەدىگە يۆلەنمىسۇن). [سۈرە تەۋبە 51-ئايەت].

    ھەرقانداق بىر مۇسىبەت ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن چۈشىدۇ، كىمكى ئاللاھقا ئىشىنىدىكەن ئاللاھ خالىسا ئۇ نەرسە چۈشمەيدۇ، لېكىن ئاللاھ ئۇنىڭغا ئىزنى قىلسا ۋە تەقدىر قىلسا چۈشىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مَا أَصَابَ مِن مُّصِيبَةٍ إِلَّا بِإِذْنِ اللَّـهِ  وَمَن يُؤْمِن بِاللَّـهِ يَهْدِ قَلْبَهُ وَاللَّـهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ تەرجىمىسى: كىشىگە يەتكەن ھەر قانداق مۇسىبەت پەقەت ئاللاھنىڭ ئىزنى (يەنى قازاسى) بىلەنلا (يېتىدۇ)، كىمكى ئاللاھقا (يەنى ھەر قانداق مۇسىبەت ئاللاھنىڭ قازاسى بىلەن يېتىدۇ دېگەن سۆزگە) ئىشىنىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىنى (سەۋرگە) يېتەكلەيدۇ، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر. [تەغابۇن سۈرىسى 11-ئايەت].

    ئىنسان بارلىق مۇسىبەتنىڭ ئاللاھنىڭ ھۆكمى ۋە تەقدىرى بىلەن يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلگەن ۋاقتىدا، ئۇ كىشىگە بۇنىڭغا ئىشىنىشى، بويسۇنۇشى ۋە سەبىر قىلىشى كېرەك بولىدۇ، سەۋىرنىڭ مۇكاپىتى جەننەتتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَجَزَاهُم بِمَا صَبَرُوا جَنَّةً وَحَرِيرًا تەرجىمىسى: ئۇلارنىڭ سەۋر ـ تاقەتلىرى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنى جەننەت بىلەن ۋە (ئۇ يەردىكى) يىپەك (لىباسلار) بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. [سۈرە ئىنسان 12-ئايەت].

    ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىش بۈيۈك ۋەزىپىدۇر، بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلىدىغان كىشى تۈرلۈك ئەزىيەت ۋە مۇسىبەتلەرگە دۇچ كېلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى باشقا پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش سەبىر قىلىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ: فَاصْبِرْ كَمَا صَبَرَ أُولُو الْعَزْمِ مِنَ الرُّسُلِ تەرجىمىسى: (ئى مۇھەممەد!) سەن (مۇشرىكلارنىڭ سالغان جاپاسىغا) ئىرادىلىك پەيغەمبەرلەر سەۋر قىلغاندەك سەۋر قىلغىن. [سۈرە ئەھقاپ 35-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرنى توغرا يولغا باشلىدى، ئۇلارغا بىرەر ئىش ئىغىر كەلگەن ياكى مۇسىبەت يەتكەن ۋاقىتتا ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ غەم-قايغۇلىرىنى كۆتۈرۋېتىش ۋە تىزدىن خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن بۇ مۇسىبەتكە سەۋرچانلىق ۋە ناماز بىلەن ياردەم ئېلىشنى بۇيرىدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اسْتَعِينُوا بِالصَّبْرِ وَالصَّلَاةِ ۚ إِنَّ اللَّـهَ مَعَ الصَّابِرِينَ تەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر! سەۋر ۋە ناماز ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر. [سۈرە بەقەرە 153-ئايەت].

    مۆمىن ئۈچۈن ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە، ئاللاھنىۇ تائەت-ئىبادىتىگە ۋە ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىشتىن ساقلىنىشقا سەبىر قىلىش زۆرۈر بولىدۇ، سەبىر قىلغان كىشىگە ئاللاھ تائالا قىيامەت قىيامەت كۈنىدە ھېسابسىز ئەجىر-ساۋاپ بېرىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّمَا يُوَفَّى الصَّابِرُونَ أَجْرَهُم بِغَيْرِ حِسَابٍ تەرجىمىسى: پەقەت سەۋر قىلغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ئەجرى ھېسابسىز بېرىلىدۇ. [زۇمەر سۈرىسى 10-ئايەت].

    خۇسۇسەن مۆمىن خۇرسەنلىك ۋە خاپىلىق يەتكەن ۋاقىتلىرىدىمۇ ئەجىر-ساۋابقا ئېرىشىدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: مۆمىننىڭ ئىشى ھەيران قالارلىق، ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرى خەيرىلىكتۇر، ئەگەر ئۇنىڭغا ياخشىلىق كەلسە ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن خەيرىلىكتۇر. ئەگەر مۇسىبەتكە ئۇچرىسا سەبىر قىلىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن يەنە خەيرىلىكتۇر. بۇنداق بولۇش پەقەت مۆمىن كىشىگىلا نەسىب بولىدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى 2999- ھەدىس].

    ئاللاھ تائالا بىزگە مۇسىبەت يەتكەندە نېمە دېيىشىمىزنى ئۈگەتتى، پەرۋەردىگارىنىڭ يېنىدا سەبىر قىلغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ئالى ئورۇنلارنى بايان قىلدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وبشر الصابرين، الذين إذا أصابتهم مصيبة قالوا إنا لله وإنا إليه راجعون، أولئك عليهم صلوات من ربهم ورحمة وأولئك هم المهتدون تەرجىمىسى: «بىز سىلەرنى بىرئاز قورقۇنچ، بىرئاز قەھەتچىلىك، ماللىرىڭلار، جانلىرىڭلار، بالىلىرىڭلار ۋە زىرائەتلىرىڭلارغا يېتىدىغان زىيان بىلەن چوقۇم سىنايمىز. (بېشىغا كەلگەن مۇسىبەت ۋە زىيان ـ زەخمەتلەرگە) سەۋر قىلغۇچىلارغا (جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگىن، ئۇلارغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا، ئۇلار: بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز (ئاللاھنىڭ بەندىلىرىمىز)، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز دەيدۇ، ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ مەغپىرىتى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر، ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر.» [سۈرە بەقەرە سۈرىسى 155-157-ئايەتلەر].

    شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم تۇۋەيجىرىنىڭ "ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسى" ناملىق كىتاۋىدىن ئېلىندى.

     ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم تۇۋەيجىرىنىڭ "ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسى" ناملىق كىتاۋىدىن ئېلىندى.