چارشەنبە 15 شەۋۋال 1445 - 24 ئاپرىل 2024
Uygur

مەھسۇلاتتا يىزىلغان شىركەتنىڭ ئىسمىنى ئۆچۈرۋەتسە ياكى ئۇنى باشقا بىر ئىسىمغا ئۆزگەرتىۋەتسە توغرا بولامدۇ؟

سۇئال

    مەن كۆپ مىقداردا ھاۋا تەڭشىگۈچ سېتىۋالدىم، ئۇنىڭ ئۈستىدە ئىشلەپ چىقارغان شىركەتنىڭ ئىسمى بار، بۇ شىركەت باشقا دۆلەتتە، مەن مۇشۇ شىركەتنىڭ ئىسمى يېزىلغان ھاۋا تەشۈگۈچلەردىن ئۇ شىركەتنىڭ ئىسمىنى ئۆچۈرۈۋېتىپ، كىشىلەرنىڭ بۇ جىھازنىڭ ئىشلىگەن ئورنىنى بىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر ئىسىم يازسام توغرا بولامدۇ؟ بۇ بەك ياخشى ئىشلەنگەن ھاۋا تەڭشىگۈچ بولۇپ، باشقا تىجارەتچىلەرنىڭ مەن بىلەن بازار تالاشماسلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلىمەن، چۈنكى مەن بۇ مەھسۇلاتنى تېپىش ئۈچۈن كۆپ جاپا تارتتىم ۋە كۆپ بەدەل ئۆتىدىم، ياكى باشقا ئىسىم يازماي ساتساممۇ بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

     مەھسۇلاتنى ئىشلەپ چىقارغان شىركەتنى ياكى مال سېتىۋالغۇچىلارنى ئالداش ۋە زىيانغا ئۇچرىتىش بولمىسا، مەھسۇلاتتىن شىركەتنىڭ ئىسمىنى ئۆچۈرۋەتسە بىزنىڭچە بولىدۇ.

    بەزى ۋاقىتتا شىركەت ئىمپورت قىلىنغان ماللارنىڭ قارشىسىدا مەھسۇلاتلىرىنى ساتماق ئۈچۈن ئېلان قىلماستىن مالنىڭ باھاسىنى چۈشۈرىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا مالدىن شىركەتنىڭ ئىسمىنى ئۆچۈرۈۋېتىش شىركەتنى ئالدىغانلىق بولىدۇ، چۈنكى بۇنىڭدا كۆزلىگەن مەقسەت ھاسىل بولمايدۇ، شىركەت بىلەن ئىتتىپاقلاشقان كېلىشىمگە خىلاپ بولىدۇ، بەزى ۋاقىتتا شىركەتنىڭ ئىسمى ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتىنىڭ ناچار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، بۇنى ئۆچۈرۈۋېتىش خېرىدارنى ئالدىغانلىقتۇر، ئەگەر خېرىدار بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئۇ شىركەتنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلسە ھەرگىز سېتىۋالمايدۇ ياكى بەلگىلەنگەن باھادا سېتىۋالمايدۇ. ئەگەر شىركەتنىڭ ئىسمىنى ئۆچۈرۈۋېتىش شىركەتنىمۇ ۋە خىرىدارنىمۇ ئالدىمايدىغان بولسا ياكى بۇنى مەھسۇلاتى مەشھۇر بولغان شىركەت ئىشلەپ چىقارغان دېگەنلىكىنى خىيال قىلدۇرمايدىغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۆچۈرۋەتسە بولىدۇ.

    ئەڭ توغرىسى مۇمكىن بولسا بۇ ئىشنى شۇ شىركەت بىلەن كېلىشىپ قىلىش كېرەك.

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى