يەكشەنبە 7 رەجەب 1444 - 29 يانۋار 2023
Uygur

قاننىڭ نىجىس ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى ۋە ئالىملارنىڭ قارىشى

سۇئال

شەۋكانى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: نىجاسەت دېگەن 1-كېچىك ئوغۇل بالىدىن باشقا ئىنساننىڭ چوڭ-كېچىك تەرىتى. 2- ئېتنىڭ شالى. 3- تېزەك ۋە پوق، 4- ھەيز قېنى. 5-چوشقا گۆشى قاتارلىقلار، بۇنىڭدىن باشقا نەرسىلەر گەرچە ئىنساننىڭ نەزىرىدە بەك پاسكىنا بولسىمۇ نىجىس ئەمەس، چۈنكى قۇرئان ۋە ھەدىستە ئۇ نەرسىلەرنى يېيىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىدىن باشقا چەكلەنگەنلىك توغرىسىدا دەلىل يوق، مېنىڭ سوئالىم: ئىنساننىڭ، ھايۋاننىڭ قېنىنىڭ ۋە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننىڭ نىجىس ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى نېمە؟، بۇ توغرىدىكى سەھىھ قاراش قايسى؟، چۈنكى ھەربىر قاراش ئىگىلىرى ئۆز قارىشىنىڭ قۇرئان، ھەدىستىن ئېلىنغانلىقىنى ئوچۇق بايان قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ قايسىسىغا ئەگىشىمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئېقىۋاتقان قان بارلىق ئالىملارنىڭ بىرلىكى بىلەن نىجىستۇر. قۇرئان، ھەدىستىكى ئوچۇق دەلىللەر بۇنى ئىپادىلەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  قُل لاَّ أَجِدُ فِيمَا أُوْحِيَ إِلَيَّ مُحَرَّماً عَلَى طَاعِمٍ يَطْعَمُهُ إِلاَّ أَن يَكُونَ مَيْتَةً أَوْ دَماً مَّسْفُوحاً أَوْ لَحْمَ خِنزِيرٍ فَإِنَّهُ رِجْسٌ أَوْ فِسْقاً أُهِلَّ لِغَيْرِ اللّهِ بِهِ فَمَنِ اضْطُرَّ غَيْرَ بَاغٍ وَلاَ عَادٍ فَإِنَّ رَبَّكَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ تەرجىمىسى: « ئى مۇھەممەد ! ئېيتقىنكى، ساڭا ۋەھىي قىلىنغان ئەھكاملار ئىچىدە، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان نەرسە ياكى ئېقىپ چىققان قان ۋە ياكى چوشقا گۆشى ـ چوشقا نىجىس يېمەكلىكلەرگە ئادەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن چوشقا گۆشى پاسكىنىدۇر ـ ۋە ئاللاھتىن غەيرىينىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان گۇناھقا سەۋەب بولغان مالدىن باشقىسىنى ھەر قانداق ئادەم ئۈچۈن ھارام كۆرمەيمەن. كىمكى ئۇلاردىن (يۇقىرىقى ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن) نائىلاج ۋە بىئىختىيار ھالدا ھاياتىنى ساقلاپ قالغۇدەك يېسە (ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگارىڭ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، بەندىلىرىگە مېھرىباندۇر.» [سۈرە ئەنئام 145 ئايەت].

    ئىمام تەبەرىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ئايەتتىكى"رىجسۇن" دېگەن سۆز:  نىجىس ۋە سېسىق دېگەن بولدى". ["جامىئۇل بايان" 8-توم 53-بەت].

سەھىھ ھەدىستىن بولغان دەلىل: ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: بىر ئايال پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ مۇنداق دېدى: بىرىمىزنىڭ كېيىمىگە ھەيزنىڭ قېنى يۇقۇپ قالسا قانداق قىلىمىز؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ئۇنى تاتىلاپ چىقىرىۋېتىپ، ئاندىن سۇ بىلەن يۇيۇپ سىقىۋېتىپ ئاندىن ئۇ كىيىمدە ناماز ئوقۇسۇن» دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى 227-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى291-ھەدىس].

    ئىمام بۇخارى "قاننى يۇيۇش توغرىسىدىكى باب"دەپ كەلتۈردى، ئىمام نەۋەۋىيمۇ" قاننىڭ نىجىس ئىكەنلىكى ۋە ئۇنى قانداق يۇيۇش توغرىسىدىكى باب" دەپ كەلتۈردى. ھەدىس گەرچە ھەيزنىڭ قېنى توغرىسىدا  كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەيزنىڭ قېنى بىلەن باشقا قاننىڭ ئارىسىدا پەرق يوق، قاننىڭ ھەممىسى قايسى ئورۇندىن چىقسۇن نىجىس، بۇ ھۆكۈمدە ساھابىلاردىن، تابىئىنلاردىن ۋە مەزھەپ ئىماملىرىدىن ئىبارەت بولۇپ ئالىملارنىڭ ئارىسىدا ھېچ ئىختىلاپ يوق.

    ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھدىن: قان توغرىسىدا سوئال سوراپ، سىلىچە قان بىلەن قۇسۇقنىڭ ھۆكمى ئوخشاشمۇ؟ دېگەندە، ئىمام ئەھمەد: "قان توغرىسىدا ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ يوق، قۇسۇق توغرىسىدا ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ بار دېگەن".  [ئىبنى تەيمىينىڭ "شەرھى ئۈمدەتۇل پىقھى" 1-توم 105-بەت].

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قاننىڭ نىجىس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان دەلىللەر ئېنىق، ئۇ توغرىدا مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ ئارىسىدا ئىختىلاپ بار ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن، پەقەت "ھاۋىي" نىڭ ساھىبى ۋە بەزى ئەھلى كالامچىلار  قاننى پاك دېگەن، لېكىن ئەھلى كالامچىلار  ئىجمائ ئەھلىدىن ھېسابلانمايدۇ، بو قاراش پىقھى مەسىلىلەردە بىزنىڭ يارەنلىرىمىزدىن بولغان كۆپچىلىك ئۇسۇل ئالىملىرىنىڭ توغرا قارىشىغا خىلاپتۇر.  ["ئەل مەجمۇئ" 2-توم 576-بەت].

    نۇرغۇن ئالىملار ئىلگىرى ئىمام ئەھمەد ۋە نەۋەۋىي زىكىر قىلغاندەك، قاننىڭ نىجىس ئىكەنلىكىگە ئالىملارنىڭ بىرلىكىنى نەقل قىلدى، ئۇلاردىن ئىبنى ھەزمى" ئىجمائ نىڭ دەرىجىسى" 19-بەتتە، ئىبنى ئابدۇل بەر" ئەتتەمھىد" 22-توم 23-بەتتە، ئىمام قۇرتۇبىي" ئەل جامىئ لىئەھكامىل قۇرئان" 2-توم 210-بەتتە، ئىبنى رۇشد" بىدايەتۇل مۇجتەھىد" 1-توم 79-بەتتە ئىبنى ھەجەر "پەتھۇل بارىي" 1-توم 352-بەتتە ۋە يەنە باشقا ئالىملارمۇ نەقل قىلغان.

    شەرىئەتنىڭ ۋە ئەقىلنىڭ تەقەززاسى بويۇنچە ئېيتقاندىمۇ، مۇشۇنداق كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەقل قىلغان ۋە بېكىتكەن سۆزىگە ئەگىشىش زۆرۈردۇر. بۇ سۆز قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ ئوچۇق دەلىلى ئۈستىگە قۇرۇلغان سۆزدۇر. شەۋكانىي ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن كىشىلەرنىڭ قاننىڭ پاكىز ئىكەنلىكىنى بىكىتكىنى كۈچلۈك ئەمەس، دەلىلگە ۋە بىرلىككە زىتتۇر. بۇنى ھەيرانلىق ۋە ئىككىلىنىشنى قوزغاشنىڭ ئورنى قىلىۋالماسلىق كېرەك، شۇنداقلا بەزى دىنى ئوقۇغۇچىلار گۇمان قىلغانغا ئوخشاش قاننىڭ نىجىس ئىكەنلىكى ۋە باشقا مەسىلىلەردە ئالىملار ئوچۇق ۋە سەھىھ دەلىل بولمىغان مەسىلىگە بىرلىككە كەپتۇ دەپ گۇمان قىلماسلىق كېرەك.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى