يەكشەنبە 19 شەۋۋال 1445 - 28 ئاپرىل 2024
Uygur

نەپلە ناماز ئوقۇش چەكلەنگەن ۋاقىتلار توغرىسىدا

سۇئال

    مەن ناماز ئادا قىلىش چەكلەنگەن ۋاقىتلار توغرىسىدا سىلەردىن سورالغان بىر سوئالنى ئوقۇدۇم، كۆڭلۈمنىڭ ئارام تېپىشى ئۈچۈن شۇ ۋاقىتلارنى سائەت بىلەن بېكىتىپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    نەپلە ناماز ئادا قىلىش ۋاقىتلىرىنى بېكىتىش شەھەرلەرنىڭ ۋە پەسىللەرنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن پەرقلىق بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز مۇشۇ ۋاقىتلارنى تۆت پەسىلدە ھەممە شەھەرلەر ئۈچۈن سائەت بويۇنچە بېكىتەلمەيمىز، لېكىن بىز ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ مۇشۇ ۋاقىتلارنى بىلىشى ئاسان بولۇش ئۈچۈن قائىدىلەرنى بېكىتىمىز، نەپلە ناماز ئادا قىلىشتىن چەكلەنگەن ۋاقىتلار ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ:

   1- تاڭ يورۇغاندىن باشلاپ كۈن چېقىپ نەيزە بويى ئۆرلىگۈچە، تەخمىنەن 15 مىنۇت ۋاقىت ئۆتكەنگە قەدەر، بۇنى ھەر قايسى شەھەرلەردە تەييارلانغان ۋاقىت جەدۋېلى ئارقىلىق بىلىش مۇمكىن بولىدۇ.

   2-پېشىننىڭ ۋاقتىغا 15 مىنۇت قالغاندىن باشلاپ پېشىننىڭ ۋاقتى كىرگۈچە.

   3-ئەسىر نامىزىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن (گەرچە نامازنىڭ ۋاقتى كىرىپ بىرەر سائەتتىن كېيىن ئادا قىلغان بولسىمۇ) كۈننىڭ توقىچى تولۇق يوق بولغۇچە، چەكلەنگەن ۋاقىتنىڭ باشلىنىشى: ئەسىر نامىزىنىڭ ۋاقتى كىرگەندىن كېيىنلا ئەمەس بەلكى ئەسىر نامىزىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن بولىدۇ. چۈنكى مۇسۇلمان كىشى ئەسىرنىڭ ۋاقتى كىرگەن بولسىمۇ ئەسىر نامىزىنى ئادا قىلمىغان بولسا نەپلە ناماز ئادا قىلالايدۇ. ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللا "ئەلمۇغنى" ناملىق ئەسىرى 1-توم 429-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئەسىر نامىزىدىن كېيىن نەپلە ناماز ئادا قىلىشنى چەكلىگەن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە بۇ توغرىدا ئىختىلاپ بارلىقىنى بىلمەيمىز".

   مۇشۇ ۋاقىتلاردا نەپلە ناماز ئادا قىلىشنىڭ چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدا بىر قانچە ھەدىسلەر بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ مەسىلىنىڭ ھەممىنى ئۆز ئېچىگە ئالغان ئەڭ ئۇزۇن ھەدىس ئىمام مۇسلىم ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا بايان قىلغان 832-نومۇرلۇق ھەدىستۇر: ئەمىر ئىبنى ئەبەسە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە  مۇنداق دېگەن: «بامدات نامىزىنى ئادا قىلىپ ئاندىن كۈن نەيزە بويى كۆتۈرۈلگىچە ناماز ئادا قىلىشتىن توختىغىن، چۈنكى قۇياش چىققاندا شەيتاننىڭ ئىككى مۈڭگۈزى ئارىسىدىن چىقىدۇ، بۇ ۋاقىتتا كاپىرلار ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ناماز ئادا قىلغىن، ھەقىقەتەن ناماز شاھىد بولىدۇ ۋە ھازىر قىلىنىدۇ، قۇياش نەيزىدەك تىكلەشكەندە ناماز ئادا قىلىشتىن توختىغىن، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا جەھەننەم قىززىتىلىدۇ، سايە چۈشكەندە، كۈن ئېگىلگەندە ناماز ئادا قىلغىن، ھەقىقەتەن ناماز شاھىد بولىدۇ ۋە ھازىر قىلىنىدۇ، ھەتتا ئەسىرگىچە ناماز ئادا قىلغىن، ئۇنىڭدىن كېيىن قۇياش پاتقۇچە نەپلە ناماز ئادا قىلىشتىن توختىغىن، چۈنكى قۇياش شەيتاننىڭ ئىككى مۈڭگۈزى ئارىسىدا پاتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا كاپىرلار ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدۇ».

    شۇنىڭغا ئاگاھلاندۇرۇش بەردىكى، بۇ ۋاقىتلاردا پەقەت نەپلە ناماز ئادا قىلىش چەكلىنىدۇ، ئەمما سەۋەپكە ئالاقىدار بولغان مەسچىت ھۆرمىتى نامىزى، تاھارەت ئالغاندىن كىيىن ئوقۇيدىغان ئىككى رەكەت تاھارەت نامىزى، ئىككى رەكەت تاۋاپ نامىزى قاتارلىق نامازلارنى ئادا قىلسا بولىدۇ. ئالىملارنىڭ توغرا قارىشىغا كۆرە، بۇ نامازلارنى قايسى ۋاقىتلاردا ئادا قىلسا بولىدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى