پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئىمام بەشىنچى رەكەتكە تۇرۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا

سۇئال

    ئىمام نامازدا ئېسىدە يوق بەشىنچى رەكەتكە تۇرۇپ كەتكەن بولسا، جامائەت تەسبىھ ئېيتقان بولسىمۇ ئىمام تەشەھھۇتقا قايتمىغان بولسا، ئىقتىدا قىلغۇچىلار قانداق قىلىدۇ؟.  بۇ ھەكتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

  بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   ئىمام ئېسىدە يوق بەشىنچى رەكەتكە تۇرۇپ كەتكەن بولسا، ئىقتىدا قىلغۇچىلارنىڭ ئىمامنى تەشەھھۇتقا قايتىشى ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرىشى زۆرۈر بولىدۇ، ئەگەر ئىمام مەن توغرا قىلىۋاتىمەن دەپ ئويلاپ قايتمىسا، بۇنىڭ بەشىنچى رەكەت ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلگەن كىشىنىڭ ئىمامغا ئەگىشىپ بىرگە قىيامدا تۇرىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى بىلىپ تۇرۇپ قەستەن نامازغا بىر رەكەتنى زىيادە قىلغان بولدى، بۇنداق قىلىش نامازنى بىكار قىلىدۇ. بەلكى ئىقتىدا قىلغۇچى تەشەھھۇتتا ئولتۇرۇپ ئاندىن سالام بېرىدۇ ياكى ئىمامنى ساقلاپ ئىمام بىلەن بىرگە سالام بېرىدۇ.

    ئىسلام پېشۋاسى ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھدىن: ئىمام بەشىنچى رەكەتكە تۇرۇپ كېتىپ، تەسبىھ ئېيتىلسىمۇ قايتمىسا، ئۆزىنى توغرا ئوقۇۋاتىمەن دەپ ئويلىغان بولسا، ئىقتىدا قىلغۇچى ئىمام بىلەن بىرگە تۇرامدۇ ياكى ئولتۇرامدۇ؟. دەپ سورالغاندا، مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: " ئەگەر ئىمام بىلەن بەشىنچى رەكەت ئىكەنلىكىنى بىلمەي تۇرغان بولسا، ئۇلارنىڭ نامىزى بىكار بولۇپ كەتمەيدۇ، ئەمما بىلىپ تۇرۇپ تۇرۇپ ئىمامغا ئەگىشىش توغرا بولمايدۇ، بەلكى ئىمامنى كۈتۈپ ئولتۇرۇپ ئىمام بىلەن بىرگە سالام بېرىدۇ ياكى ئىمام ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن سالام بېرىپ نامازدىن چىقىدۇ". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى"  23 -توم 53 بەت].

   "دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 7 -توم 128 -بەتتە مۇنداق كەلگەن: "ئىقتىدا قىلغۇچى ئىمامنىڭ بىر رەكەتنى زىيادە قىلغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىدىكەن، ئارتۇق رەكەتتە ئىمامغا ئەگىشىشى توغرا بولمايدۇ، ئەگەر بىلىپ تۇرۇپ يەنە ئەگەشسە ئۇ كىشىنىڭ نامىزى بىكار بولىدۇ، يەنى باتىل بولىدۇ. ئەگەر زىيادە ئىكەنلىكىنى بىلمەي ئەگەشكەن بولسا، ئۇ كىشى ھۆكۈمنى بىلمىگەن كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن بولىدۇ".

   يەنە "دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى"  7 -توم 132 -بەتتە مۇنداق كەلگەن: " ئەمما ئىقتىدا قىلغۇچىلاردىن ئىمامنىڭ زىيادە رەكەتكە تۇرۇپ  تۆت رەكەتلىك نامازنى بەش رەكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلسە، ئىمامنىڭ تۆتىنچى رەكەتكە قايتىشى ئۈچۈن تەسبىھ ئېيتىدۇ، ئىمام ئاگاھ بولۇپ قايتسا ياخشى، ئەگەر قايتمىسا، ئۇ كىشى ئىمامنى كۈتۈپ ئولتۇرىدۇ ئىمام سالام بەرگەندىن كېيىن ئىمام بىلەن بىرگە سالام بېرىدۇ."

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى