پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت كۈنلىرىنى بېكىتىش ئاينى كۆرۈشكە ئاساسەن بولىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

   مېنىڭ سوئالىم بىزنىڭ ھېيت ۋاقتىمىزغا مۇناسىۋەتلىك، بىلىشىمىزچە روزا ھېيت ئېيى رامزاندىن كىيىنلا كېلىدۇ، روزا ھېيت كۈنى توغرىسىدا مۇسۇلمانلار ئارىسىدا دائىم ئىختىلاپ بولىدۇ، (بەزىلىرى رامىزاننى يىگىرمە توققۇز قىلىپ ھېيت قىلىدۇ، بەزىلەر ئوتتۇز قىلىپ ھېيت قىلىدۇ)لېكىن قۇربان ھېيتتا بولسا، بۇ كۈن ھاجىلارنىڭ مەككىدە تۇرىدىغان كۈنىگە ئىتتىپاق كېلەمدۇ ياكى ھەر بىر ھاجىنىڭ تۇرىدىغان شەھىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن پەرقلىق بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيىنىڭ دەسلەپكى كۈنىنى ۋە روزا ھېيت كۈنىنى بېكىتىشتىكى ئىختىلاپلىرى پىقھى ئۆلىمالىرى ئارىسىدا بۇ مەسىلىدە مەشھۇر بولغان ئىختىلاپقا قايتىدۇ، ئۇ بولسىمۇ بىر شەھەردە ئاي كۆرۈلسە، ھەممە شەھەرلەرنىڭ بۇنىڭغا ئەگىشىشى كېرەك بولامدۇ ياكى ھەر بىر شەھەر ئەھلى ئايرىم ئاي كۆرۈشى كېرەكمۇ؟ دېگەندىن ئىبارەت، بۇ يەنە قۇربان ھېيت ئېيىنى بىكتىشكىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ، بۇ ئالىملار ئارىسىدىكى ئىجتىھاد قىلىنىدىغان بىر مەسىلە، ھەر بىر قاراشتىكى ئۆلىمالار ئۆز قاراشلىرىغا دەلىللەرنى كەلتۈردى، بەزى ۋاقىتتا ھەر ئىككى تەرەپ ئوخشاش بىر دەلىلنى كەلتۈرىدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتى ئىلگىرى 1248- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىندى.

   بىر شەھەردە ئاي كۆرۈلسە ھەممە شەھەردىكىلەرنىڭ بۇنىڭغا ئەگىشىشى كېرەك بولىدۇ دېگەن قاراش بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى بولۇپ، شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ قاراشنى ئىختىيار قىلغان. بۇ قاراش "پەتىۋالار مەجمۇئەسى"115-توم 77-بەتتە بايان قىلىنغان.

    ھەر شەھەر ئەھلى ئۆزىنىڭ كۆرگىنى بويىچە ئەمەل قىلىدۇ دېگەن قاراش بولسا ئىمام شافىئى رەھىمەھۇللاھنىڭ نەزىرىدىكى توغرا قاراش بولۇپ، ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ ۋە مۇشۇ ئەسىردىكى ئالىملاردىن شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ قاتارلىقلارنىڭ ئىختىيار قىلغان قارىشىدۇر، شەيخنىڭ بۇ توغرىدىكى پەتىۋاسى ئىلگىرى 40720 -نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا نەقىل قىلىنغان.

    ئىككىنچى: مۇسۇلمانلارنىڭ روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت توغرىسىدىكى ئىختىلاپىمۇ ئاساسەن مۇشۇ ئىختىلاپقا مەركەزلەشكەن، بۇنىڭ ئارىسىدا ھېچ پەرق يوق، شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ: ئاينىڭ باشلىنىشى ۋە ئاخىرلىشىشى توغرىسىدىكى  ئۆلىمالارنىڭ ئىختىلاپىغا ئاساسەن ئەمەل قىلىشنى  سۆزلەپ بولغاندىن كىيىن مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ قارىشىمچە ئۇلارنىڭ ئىختىلاپىنىڭ ھېچ تەسىرى يوق، زۆرۈر بولغىنى روزا تۇتۇش، ئېغىز ئېچىش ۋە قۇربان ھېيت قىلىشتا ئاينى كۆرۈش بويىچە ئەمەل قىلىشتۇر، قايسى شەھەردە ئاينىڭ كۆرۈلگەنلىكى شەرئى دەلىل بىلەن ئىسپاتلانسا شۇ بويۇنچە ئەمەل قىلىنىدۇ، ئاندىن مۇنداق دېدى: ئەگەر بىز ھۆكۈمدە ئاينىڭ چىقىش ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقىنى ئېتىبارغا ئالىمىز دېسەكمۇ ياكى ئالمايمىز دېسەكمۇ، رامىزان ۋە قۇربان ھېيتتىكى ھۆكۈم ئوخشاشتۇر، شەرىئەتتە بىزنىڭ بىلىشىمىزچە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا پەرق يوق". [ئىبنى باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى"15-توم 79-بەت].

    ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ ھازىر ئىشارەت قىلىنغان پەتىۋاسىدىمۇ، ئاي كۆرۈشنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىكى ئىختىلاپ بويىچە رامزاندا ئەمەل قىلىنغاندەك قۇربان ھېيتتىمۇ ئەمەل قىلىنىدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن، قۇربان ھېيتنىڭ بىر شەھەردە جۈمە كۈندە بولىشى ۋە يەنە بىر شەھەردە شەنبە كۈندە بولىشىدا ھېچ مەسىلە يوق، ئاينى كۆرۈشنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ۋە پەرق بولىشىغا ئاساسەن شۇنداق بولىدۇ.

     رامىزان روزىسى، ئەرەپات كۈنىنىڭ روزىسى، ئاشۇرا كۈنىنىڭ روزىسىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دېيىلىدۇ، چۈنكى بۇ ئاينىڭ كىرگەن ياكى كىرمىگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتا ئاينى كۆرۈشكە تەرتىپ بېرىلىدىغان مەسىلىدۇر.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى