جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ئەرنىڭ ئايالى ۋە پەرزەنتلىرىگە بولغان مەسئۇلىيتى توغرىسىدا

97142

تارقاتقان ۋاقىت : 05-06-2022

كۆرگۈچىلەر : 690

سۇئال

   ئەر كىشىگە نىسبەتەن، ئۇ: ئۆز ئائىلىسىگە مەسئۇل ۋە ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ ئىلمى ۋە دىنى سەۋىيسى قانچىلىك بولىشى كېرەك بولىدۇ؟، ئايالى ياكى پەرزەنتلىرى شەرىئەت چەكلىگەن بىر ئىشنى قىلسا، ئەر كىشى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى زايە قىلىۋەتكەنلىكى، ئۇلار چەكلەنگەن ئىشلارنى سادىر قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇلارغا تەربىيە قىلمىغانلىقى ئۈچۈن گۇناھكار بولۇپ، ئاللاھنىڭ ئازابىغا ھەقلىق بولامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ياخشى، سالىھ ئەرنىڭ سۈپەتلىرىنى بىلىش ئۈچۈن 5202 -نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئىككىنچى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىس: بويۇنچە  ئۇ ئۆز ئائىلىسىگە مەسئۇل ۋە ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ، ئايال بالىلىرىنى تەربىيىلەشكە مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر بۇنىڭغا سەل قاراپ ئايال، بالىلىرىنى خاتالىق سادىر قىلسا، ئەر كىشى گۇناھكار بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ئۇلارنىڭ تەلىم-تەربىيە ئالماسلىقىغا سەۋەپ بولدى، ئەمما تەلىمتەربىيىگە سەل قارىمىغان بولسا، ئۇلاردىن سادىر بولغان خاتالىققا ئەر گۇناھكار بولمايدۇ، شۇنداقتىمۇ ئۇلارغا خاتالىق سادىر قىلغاندىن كېيىنمۇ  ۋەز-نەسىھەت قىلىپ تۇرۇشى، ئىلگىرىكى شەرئى خاتالىقلارنى سادىر قىلماسلىق توغرىسىدا نەسىھەت قىلىشى كېرەك بولىدۇ. 

    شەيخ سالىھ پەۋزان مۇنداق دەيدۇ: "بالىلارنىڭ تەلىم تەربىيىسىنى ئۇلار ئاق-قارىنى ئايرىغۇدەك بولغاندا باشلايدۇ، دەسلەپتە تەلىمنى دىنى تەلىم بىلەن باشلايدۇ، چۈنكى بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەۋلادلىرىڭلار يەتتە ياشقا كىرگەندە ئۇلارنى نامازنى ئادا قىلىشقا بۇيرۇڭلار، ئون ياشقا كىرىپمۇ نامازنى ئادا قىلمىسا ئۇلارنى ئەدەپلەڭلار، قىز-ئوغۇللارنىڭ ياتاقلىرىنى ئايرىۋېتىڭلار» [ئەبۇ داۋۇد بايان قىلغان سەھىھ ھەدىستۇر].

   توغرىسى: پەرزەنت ئاق-قارىنى ئايرىيدىغان ياشقا يەتكەندە، ئاتىسى ئۇنى ياخشىلىق ئۇگۈنۈشكە، قۇرئان ئۈگۈنۈشكە ئاسان بولغان ھەدىسلەرنى ئۈگۈنۈشكە ۋە يېشىغا مۇناسىپ بولغان شەرئى بىلىملەرنى ئۈگۈنۈشكە بۇيرۇيدۇ، تاھارەتنى قانداق ئىلىش، نامازنى قانداق ئادا قىلىش، ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى، ئويغانغان ۋاقىتتىكى، يېمەك يېگەن ۋە ئىچىملىك ئىچكەندە دەيدىغان زىكىرلەرنى ئۆگىتىدۇ، ئاق-قارىنى ئايرىيدىغان بولغان ۋاقىت، بۇيرۇلغان ۋە چەكلەنگەن ئىشلارنى بىلگۈدەك بولغان ۋاقىتتۇر، شۇنىڭدەك ئۇلار ئۆزلىرىگە مۇناسىپ بولمىغان ئىشلاردىنمۇ چەكلەيدۇ، ئۇنىڭغا قىلىش توغرا بولمايدىغان يالغانچىلىق ۋە چېقىمچىلىق قاتارلىق ئىشلارنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، ياخشىلىق قىلىشقا يېتەكلەيدۇ، كېچىكىدىن باشلاپ يامان ئىشلارنى تەرك قىلىشقا ئادەتلەندۈرىدۇ، بۇ بەك مۇھىم، نۇرغۇن كىشىلەر پەرزەنتلىرى بىلەن بولغان بۇ تەربىيدىن غاپىل قالىدۇ.

    نۇرغۇن كىشىلەر ئەۋلادلىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، ئۇلارنى توغرا يۆلۈنۈشكە يۈزلەندۈرمەيدۇ، سەل قاراپ نۇرغۇن ئىشلارنى تەرك قىلىدۇ، نامازغا بۇيرۇمايدۇ، ياخشىلىققا يېتەكلىمەيدۇ، ئۇلارنى نادانلىق ۋە گۈزەل بولمىغان ئىشلار بىلەن ئۆسۈپ يېتىلدۈرىدۇ، ناچار بالىلار بىلەن ئارىلاشتۇرىدۇ، كوچىلاردا تەمتىرەپ يۈرۈشىدۇ، دەرسلىرىگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، ئاتا-ئانىلىرىنىڭ سەل قارىغانلىقى سەۋەبىدىن نۇرغۇن مۇسۇلمان ياشلىرى ئۆزىگە ۋە مىللەتكە زىيان كەلتۈرىدىغان ھالەتتە ئۆسۈپ-يېتىلىۋاتىدۇ، ئاتا-ئانىلار ئۇلاردىن سوئال قىلىنىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا پەرزەنتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئاتا-ئانىلارغا يۈكلىدى. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەۋلادلىرىڭلار يەتتە ياشقا كىرگەندە ئۇلارنى نامازنى ئادا قىلىشقا بۇيرۇڭلار، ئون ياشقا كىرىپمۇ نامازنى ئادا قىلمىسا ئۇلارنى ئەدەپلەڭلار، قىز-ئوغۇللارنىڭ ياتاقلىرىنى ئايرىۋېتىڭلار» مانا بۇ ئاتا-ئانىلارغا قىلىنغان بۇيرۇق، پەرزەنتلىرىنى نامازغا بۇيرىمايدىغان ئاتا-ئانىلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئاسىيلىق قىلغان ۋە چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا يۈكلىگەن بۇيرۇقنى تەرك قىلغان بولىدۇ.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ ھەممىڭلار مەسئۇلىيەت ئىگىسى، ھەر بىرىڭلار ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

    ئەپسۇس بەزى ئاتا-ئانىلار دۇنيا ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ پەرزەنتلىرىگە قارىمايدۇ، ئۇلارغا ۋاقىت ئاجراتمايدۇ، ھەممە ۋاقتىنى دۇنيا ئىشلىرى ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ، بۇ بەك خەتەرلىك ئىش، بۇ ئىش مۇسۇلمانلار رايونىدا كۆپ يۈز بېرىۋاتىدۇ، شۇ سەۋەپتىن پەرزەنتلەرنىڭ تەربىيىسى ياخشى بولمايۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دىن ۋە دۇنيا ئىشلىرىغا يارىمايدىغان  ھالەتكە كېلىپ قالدى، ئاللاھ ساقلىسۇن، ھەر قانداق يۆتكىلىش ۋە كۈچ-قۇۋۋەت ئالى ۋە بۈيۈك بولغان ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن بولىدۇ". ["شەيخ پەۋزان پەتىۋالىرىدىن تاللانما" 5-توم 297-298-بەت]. 421 نومۇرلۇق سوئال.   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى