يەكشەنبە 11 رەبىئۇل ئەۋۋەل 1443 - 17 ئۆكتەبىر 2021
Uygur

مۇنەججىملەردىن بىر نەرسە سوراپ، ئۇنىڭغا ئېشىنىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

مۇنەججىملەرنىڭ يېنىغا بېرىپ بىر نەرسە سوراش ۋە ئۇلارنىڭ سۆزىگە ئېشىنىش توغرىمۇ؟. ئىمام نەسائىدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ بىر نەرسە سوراپ، سۆزىگە ئىشەنگەن كىشىنىڭ ئوقۇغان نامىزى قوبۇل بولمايدۇ» دېگەن بۇ ھەدىس سەھىھمۇ؟. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىس ۋە ئالىملارنىڭ قارىشىنى ئوچۇقلاشتۇرۇپ بېرىشىڭلارنى سورايمىز؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    مۇنەججىملىكنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان نۇرغۇن ھەدىسلەر بايان قىلىندى، ئۇ ھەدىسلەردىن: سەپىيە بىنتى ئەبى ئۇبەيدنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بەزى ئاياللىرىدىن بايان قىلغان ھەدىسىدە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «رەمبالدىن بىر نەرسە سوراپ سۆزىگە ئىشەنگەن ئادەمنىڭ قىرىق كۈنلۈك نامىزى قوبۇل قىلىنمايدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى].

    قۇبەيسە ئىبنى مۇخارىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىزىق سېزىپ پال سىلىش، قۇشلارنىڭ ئۇچۇش يۆلىنىشىگە قارىتا پال ئىلىش بولسا، بۇت، رەمبال، پالچى، سېھرىگەر ۋە مۇنەججىملەرنىڭ قىلمىشىدۇر.» [ئەبۇ داۋۇد ھەسەن ئىسناد بىلەن رىۋايەت قىلغان].

    ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇنەججىملىك ئىلمىنى ئۆگەنگەن كىشى سېھرى ئىلمىنى ئۆگەنگەن بولدى، قانچە كۆپ ئۈگەنسە شۇنچە كۆپ بولىدۇ.» [ئەبۇ داۋۇد سەھىھ ئىسناد بىلەن رىۋايەت قىلغان].

    مۇئاۋىيە ئىبنى ھەكەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن: ئې ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مېنىڭ جاھىلىيەت دەۋرىم يېقىن، ئاللاھ بىزگە ئىسلامنى ئاتا قىلدى، بىزنىڭ ئارىمىزدا رەمبالنىڭ يېنىغا كېتىدىغانلار بار دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سەن ئۇلارنىڭ يېنىغا بارمىغىن» دېدى، مەن: بىزنىڭ ئارىمىزدا قۇشلارنىڭ ئۇچۇش يۆلىنىشىگە قاراپ پال ئالىدىغانلار بار دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇلارنىڭ ئۆز كۆڭلىدىن ئويدۇرۇپ چىققان سۆزىگە ئىشەنمىگىن» دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى].

    ئەبى مەسئۇد ئەلبەدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئىتنىڭ، بۇزۇق ئايالنىڭ ۋە رەمبالنىڭ تاپقان پۇلىدىن چەكلىدى يەنى ھارام قىلدى». [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

    ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: رەممال-پالچىنىڭ تاپقان پۇلى توغرىسىدا سورىغان ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇ ھالال ئەمەس دېدى، كىشىلەر: ئې ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئۇلارنىڭ سۆزلىگەن بەزى سۆزلىرى توغرا چىقىپ قالىدىغۇ؟ دېگەن ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاشۇ ھەق سۆزنى جىنلار ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاپ ئۇلارنىڭ قۇلىقىغا دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر ھەق سۆزگە يۈز يالغاننى ئارىلاشتۇرىدۇ» دېدى. [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «رەممال-پالچىنىڭ يېنىغا كېتىپ دېگەن سۆزىگە ئىشەنگەن، ئايالىنىڭ كەينى تەرىپىگە جىنسى مۇناسىۋەت قىلغان كىشى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل بولغان دىندىن ئادا-جۇدا بولغان بولىدۇ». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].

     مۇشۇ ئىشلارنى قىلىش، رەمبال-پالچىنىڭ يېنىغا بېرىش ھارام بولىدۇ، ئۇلارغا مال بېرىشمۇ ھارام بولىدۇ، مۇشۇنداق ئىشقا دۇچ كەلگەن كىشى  تىزدىن ئاللاھغا تەۋبە قىلىشى كېرەك بولىدۇ. ["ئىمام نەۋەۋىي پەتىۋالىرى" 230-بەت].

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: فتاوى الإمام النووي 230