جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

خىزمەتچى-خادىملارنىڭ مۇكاپات ئېلىش بىلەن بىرگە چەكلەنگەن ئىشلار يۈز بېرىدىغان مېھمان كۈتۈشلەردە خىزمەت قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

مەن مىسىرنىڭ"شەرمى شەيخ" رايۇنىدىكى بىر مېھمان كۈتۈشتە خىزمىت قىلىمەن، مېنىڭ خىزمىتىم، مېھمان كۈتۈشكە كەلگەن ياكى ياتاققا چۈشكەن ھەر قانداق مېھمانلارنىڭ يۈك-تاقىلىرىنى ئەكىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىش، بۇنىڭ ئۈچۈن ماڭا ئايلىق مۇقىم ئىش ھەققى ۋە قوشۇمچە مۇكاپات پۇلى بېرىدۇ، مەن چەكلەنگەن ئېچىملىك قاتارلىق نەرسىلەرنى يۆتكىمەيمەن، مەن مېھمان كۈتۈش رەھبەرلىرى بىلەن پەقەت يۈك-تاقىلارنى چۈشۈرۈش توغرىسىدا توختاملاشقان، مەن تېڭىرقاش ئېچىدە قالدىم، ماڭا يول كۆرسىتىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن، ئاللاھ تائالانىڭ مېنىڭ ئىشلىرىمغا بەرىكەت ئاتا قىلىشى ۋە تاپقان مېلىمنىڭ ھالالدىن بولىشى ئۈچۈن ئالغان ئىش ھەققىم ۋە مۇكاپات پۇللىرىمنى سەرپ قىلىپ مۇستەقىل بىر ئىش قىلىشنى مەخسەت قىلىمەن، يەنە بىر ئىش: مېھمان كۈتۈشكە كەلگەن كىشىلەرنىڭ بەزىسى سومكىلىرىدا ھاراق ئىلىپ كېلىدىكەن بۇنى بەزى ۋاقىتتا بىلىپ قالىمىز، بەزى ۋاقىتتا بىلەلمەيدىكەنمىز، ياتاققا چۈشكەن كۆپچىلىك كىشىلەر بۇ يەردىكى چەكلىمىسىز ئىش-ھەرىكەتلەردىن ھەيران قىلىپ ياتاقنى تاشلاپ چېقىپ كىتىدۇ، مەن نېمە قىلىشىم كېرەك؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     بىز ھەقىقەتەن سىزنىڭ ھالال مالغا بولغان قىزىقىشىڭىزنى ھۆرمەت قىلىمىز، ئاللاھ تائالادىن سىزنى ھالال رىزىق بىلەن ھارامدىن بىھاجەت قىلىشىنى، ئۆز پەزلى بىلەن باشقىلاردىن بىھاجەت قىلىشنى سورايمىز!، سىزنىڭ ئايلىق ئىش ھەققىڭىز بولسا سىز ئىش ئىگىسى بىلەن توختام قىلغان بولغاندىكىن بۇنىڭدا ھېچ مەسىلە يوق، چۈنكى توغرا ئىش قىلىپ ئۇنىڭغا ھەق ئىلىش يوللۇق، يۈك-تاقىلارنى توشۇش ئىشى ئەسلىدە توغرا ئىش، ئەمما ئېچىدە چەكلەنگەن ئىچىملىك بار بولغان سومكىلارنى بىلىپ تۇرۇپ يۆتكەش چەكلىنىدۇ بەلكى بۇ چوڭ خاتالىق ھېسابلىنىدۇ. ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:ئاللاھ تائالا ھاراق ئىچكۈچىگە، قۇيۇپ بەرگۈچىگە، ساتقۇچىغا، سېتىۋالغۇچىغا، سىققۇچىغا، سىقتۇرغۇچىغا، كۆتەرگۈچىگە ۋە كۆتەرگۈزگىچىگە لەنەت قىلغان. [بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ "ئىرۋائۇل غەلىل" ناملىق ئەسەردە 2385-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    ئەمما ئىش ھەققىدىن سىرت كېلىدىغان مۇكاپات مۇنداق ئۈچ خىل ھالەتتىن خالى بولمايدۇ:

    1-ئەگەر مۇكاپات سىز بىلەن ئىش ئىگىسىنىڭ ئارىسىدىكى توختامنىڭ ئېچىدە بولسا بۇنداق ھالەتتە مۇكاپاتنى ئالسىڭىز توغرا بولىدۇ.

   2-ئادەتتە كىشىلەر مۇشۇنداق خىزمەت قىلغانلارغا ئاز-تولا بىر نەرسە بېرىدىغان بولسا، بۇنىڭدىن ئىش ئىگىسىنىڭمۇ خەۋىرى بولۇپ، بۇنىڭغا ئۇ كىشى رازى بولسا، بۇنى ئالسىڭىز توغرا بولىدۇ.

   3- بۇ شەكلىدىكى مۇكاپات سىز بىلەن ئىش ئىگىسىنىڭ ئارىسىدىكى توختامدا يوق ئىكەن، شۇنىڭدەك كىشىلەر ئارىسىدىمۇ ئادەتتە بۇنداق ئىش قىلغانلارغا ئاز-تولا بىر نەرسە بېرىدىغان ئىش بولمىسا، ئەگەر ئىش ئىگىسى سىزنىڭ باشقىلار ئاز-تولا بىر نەرسە ئالغانلىقىڭىزنى بىلسە ياكى سىز ئىش ئىگىسىنىڭ بۇنى بىلىپ قالسا سىز ئۈچۈن ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ۋە سىزدىن نارازى بولىدىغانلىقىنى بىلسىڭىز، -بۇ شەكىلدىكى مۇكاپاتنى ئىلىم ئىگىلىرى خىزمەتچىلەرنىڭ سوغىتى دەپ ئاتايدۇ- بۇنى ئىلىش سىزگە توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ توغرىدا ئەبۇ ھۈمەيدىس سائىدى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق بىر ھەدىس بايان قىلىنغان: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىبنى لۇتەبىيە ئىسىملىك بىر كىشىنى زاكات يېغىش خىزمىتىگە ئەۋەتكەن، ئۇ كىشى خىزمەتنى تۈگىتىپ قايتىپ كەلگەندە، توپلاپ ئىلىپ كەلگەن ماللارنى ئايرىپ: بۇ سىلەر ئۈچۈن توپلانغان زاكات، ماۋۇ ماڭا بېرىلگەن سوغات دېگەن. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئورنىدىن تۇرۇپ مىنبەرگە چىقىپ ئاللاھ تائالاغا مەدھىيە ئېيتقاندىن كېيىن مۇنداق دېگەن: خىزمەتچىلەرگە نېمە بولدى!!، بىز ئۇلارنى خىزمەتكە ئەۋەتسەك، ئۇلار قايتىپ كىلىپ، بۇ سىلەرگە توپلانغان زاكات، ماۋۇ ماڭا بېرىلگەن سوۋات دەيدۇ، ئەگەر ئۇ كىشى ئانىسىنىڭ ياكى دادىسىنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇپ قاراپ باقسۇن، كىشىلەر ئۇنىڭغا بىر نەرسە سوغات قىلارمىكىن؟ كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇ كىشى ئىلىپ كەلگەن نەرسە قىيامەت كۈنىدە تۆگە ياكى كالا ياكى قوي بولۇپ ئۇ كىشىنىڭ گەردىنىدە بولىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 2457-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1832-ھەدىس].

    ئەمما سىزنىڭ مېھمان كۈتۈشتە ئىشلەشنى داۋاملاشتۇرۇش ياكى خىزمەتنى تەرك قىلىش توغرىسىدىكى مەسىلىگە كەلسەك، ئەسلىدە ساياھەتچىلەر كىلىپ چۈشىدىغان مېھمان كۈتۈشلەردە خىزمەت قىلىش خاتا ئەمەس، لېكىن بۇ يەردە بەزى چەكلەنگەن ئىشلار بولغانلىقى ئۈچۈن خاتا بولىدۇ، مەسىلەن بۇنداق مېھمان كۈتۈشلەردە كىشىلەر ھاراق ئېچىدىغان، يات ئەر-ئاياللار ئارىلىشىپ يۈرىدىغان، تۈرلۈك ناخشا-مۇزىكا قاتارلىق چەكلىمىسىز ئىش-ھەرىكەتلەر تىپىلىدىغان بۇنداق مېھمان كۈتۈشلەردە خىزمەت قىلىش توغرا بولمايدۇ بەلكى چەكلىنىدۇ، سىز يۇقىرىدا سۆزلىگەندەك، بەزى ۋاقىتتا مېھمانلارنىڭ ھاراق سالغان سومكىلىرىنىمۇ ئەكىرىسىز، بۇ تۈرلۈك ئىشلار سىزنىڭ بۇنداق مېھمان كۈتۈشتە ئىشلىمەسلىكىڭىزنى كۈچلاندۇرىدۇ.

    شۇنىڭغا ئاساسەن: سىز تىزدىن بۇ خىزمەتنى تاشلاپ، كۆڭلىڭىز راھەتلىنىدىغان ۋە ھالال رىزىق كىلىدىغان بىر ئىش قىلىشىڭىز كېرەك بولىدۇ، سىز شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى،  وَمَن يَتَّقِ اللَّـهَ يَجْعَل لَّهُ مَخْرَجًا ، وَيَرْزُقْهُ مِنْ حَيْثُ لَا يَحْتَسِبُ   تەرجىمىسى: كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ ئاللاھ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ. [تالاق سۈرىسى 2-3-ئايەت].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سەن بىر ئىشنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن تەرك قىلساڭ، ئاللاھ تائالا ئۇ ئىشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى بولغان يەنە بىر ئىشنى ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ [ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ:"مۇسۇلمان ئايالنىڭ ھىجابى"ناملىق ئەسەردە كەلتۈرگەن].  

   46704- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بەزى ئۆلىمالارنىڭ: چەكلەنگەن ئىشلار يۈز بېرىدىغان مېھمان كۈتۈشلەردە تېنىچلىق ساقلىغۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى، شۇنىڭدەك چەكلەنگەن ئىشلار يۈز بېرىدىغان باشقا ياتاقلاردىمۇ خىزمەت قىلىشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى توغىرسىدىكى پەتىۋالىرى بايان قىلىنغان.

    82356- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدىمۇ مۇشۇنداق ئورۇنلاردا خىزمەت قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا تەپسىلى جاۋاپ بەردۇق.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى