سەيشەنبە 14 شەۋۋال 1445 - 23 ئاپرىل 2024
Uygur

نىپاس ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ھامىلدارلىقتىن چەكلەش ئۈزۈكى سالدۇرغانلىق سەۋەبىدىن قان كەلگەنلىكى توغرىسىدا

سۇئال

    مەن رامزاندىن ئون كۈن ئىلگىرى نىپاسنىڭ قىنى ئۈزۈلگەندىن كىيىن رامزاندىن ئىككى كۈن بۇرۇن ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈزۈكى سالدۇرۇش ئۈچۈن دوختۇرنىڭ يېنىغا باردىم، ئاندىن كىيىن قايتىدىن قان كېلىشكە باشلىدى ھەتتا بۈگۈنگىچىمۇ كېلىۋاتىدۇ، روزا تۇتۇپ، نامازنى ئوقۇۋىرىمەنمۇ؟ مەن شۇنداق قىلىۋاتاتتىم، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئەسلىدە ئايالدىن كەلگەن قان ئون بەش كۈندىن ئېشىپ كەتمىسە ئۇ ھەيزنىڭ قىنى ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر  ئون بەش كۈندىن ئېشىپ كەتسە كۆپچىلىك پىقھى ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا ئىستىھازە(خۇن كېسىلى) ھېسابلىنىدۇ، بەزى ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا: ئەگەر ئاينىڭ كۆپ ۋاقتىدا قان كىلىدىغان بولسا ئۇ ۋاقىتتا بۇ ئايالدىن كەلگەن قاننىڭ ھۆكمى خۇن كېسىلى ھېسابلىنىدۇ.

    ئىككىنچى: ئايالنىڭ ئايلىق ئادىتى بەزى زىيادە بولىدۇ، بەزى كېمىيىدۇ، بەزى ئىلگىرى-كىيىن بولىدۇ، مۇشۇنداق ھالەتلەردە كەلگەن قانغا پىقھى ئالىملىرىنىڭ كۈچلۈك قارىشىدا ئۇنىڭ تەكرار كەلگىنىگە قارىماستىن بۇ ھەيزنىڭ قىنى دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ.

    بەزى ۋاقىتتا ئايالنىڭ ئادەت كۈنى يەتتە كۈن بولۇپ، قان ئون كۈنگىچە داۋاملاشسا، بۇنىڭ ھەممىسىگە ھەيز دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ.

    ئۈچىنچى: ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈزۈكى سالدۇرۇش كۆپ ۋاقىتلاردا ئايلىق ئادەتنى قالايمىقان قىلىش، ئىلگىرى-كىيىن قىلىش ۋە ھەيز قېنىنىڭ سۈپىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىش قاتارلىق ئىشلارغا سەۋەپ بولىدۇ.

    تۆتىنچى: سىزنىڭ سوئالىڭىزنىڭ مەزمۇنىغا كۆرە، سىزدىن تۇراقسىز قان كېلىشى ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈزۈكىنى سالدۇرغاندىن كىيىن رامزاندىن ئىككى كۈن بۈرۈن باشلىنىپ تاكى ھازىرغىچە (رامىزاننىڭ يەتتىنچى كۈنىگىچە)داۋاملىشىپتۇ، ئىلگىرىكى ئايلىق ئادەت كۆرۈدىغان ۋاقتىڭىز ئېنىق بولماپتۇ، يەنى ئادەت ئۆز ۋاقتىدا كەلدىمۇ ياكى ئىلگىرى-كىيىن كەلدىمۇ بۇ ئېنىق ئەمەس؟، مۇشۇ ئىشلارغا ئاساسەن: سىزدىن كەلگەن قانغا ھەيزنىڭ قىنى دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ، ئەگەر ئون بەش كۈندىن زىيادە بولۇپ كەتسە، ئۇ ۋاقىتتا ئىستىھازە بولىسىز(خۇن كېسىلى بولىسىز). بەزى ئۆلىمالار ئاينىڭ كۆپ ۋاقتىدا قان كەلسە خۇن كېسلى ھېسابلىنىدۇ دەيدۇ. سىزنىڭ ئستەھازە(خۇن كېسىلى ئىكەنلىكىڭىز) بېكىتىلسە، سىز تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك ئەھۋالنىڭ ئارىسىدا بولىسىز:

   1-سىزنىڭ ئىلگىرى مەلۇم ئادەت كۈنىڭىز بولغان بولۇپ، سىز ھەر ئايدا شۇ ئادىتىڭىز بويىچە ناماز، روزا ۋە باشقا چەكلەنگەن ئىشلاردىن يىراق بولسىز، ئادەت كۈنىڭىز ئاخىرلاشقاندىن كىيىن يۇيۇنۇپ ناماز، روزا ۋە باشقا ئىشلىرىڭىزنى داۋاملاشتۇرىسىز، ئۇنىڭدىن كىيىن كەلگىنى ئىستىھازە(خۇن كېسىلى) بولىدۇ.

   2-ئەگەر سىزنىڭ ئىلگىرىكى بېكىتىلگەن ئادەت كۈنىڭىز بولمىسا، ئۇ ۋاقتىدا سىز قانلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىپ پەرىقلەندۈرىسىز،  ھەيزنىڭ قىنى قويۇق، قاپقارا، پۇرىقى سېسىق بولىدۇ، ئادەتتە قان كەلگەندە ئاغىرتىپ كىلىدۇ، ئىستىھازىنىڭ قىنى بولسا رەڭگى ئوچۇق ۋە سۇيۇق كىلىدۇ، قويۇق قارا قان كەلگەن كۈنلەر ھەيز كۈنلىرىڭىز بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقىچە كەلسە ئىستىھازە بولىدۇ.

   3- ئەگەر قانلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىغىلى بولمىسا،  ھەر ئايدا ئالتە كۈن ياكى يەتتە كۈن مىقداردا ناماز ئوقۇماي، رامىزان بولسا روزا تۇتماي تۇرىسىز، ھەيز ۋاقتىدا چەكلىنىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىسىز، چۈنكى بۇ كۈنلەر كۆپچىلىك ئاياللارنىڭ ئايلىق ئادەت كۈنلىرى، ئۇنىڭدىن كىيىن يۇيۇنۇپ نامازنى ۋە باشقا چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلسىڭىز بولىدۇ.

    ئىستىھازە-خۇن كېسىلى بولۇپ قالغان ئايال، روزا تۇتىدۇ، نامازنى ئادا قىلىدۇ، جىنسى مۇناسىۋەتتە بولىدۇ. ھەر بىر پەرىز نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندىن كىيىن شۇ نامازغا تاھارەت ئالىدۇ. شۇ تاھارەت بىلەن يەنە بىر پەرىز نامازنىڭ ۋاقتى كىرگۈچە خالىغانچە نەپلە نامازلارنى ئادا قىلسا بولىدۇ.

مۇستەھازە(خۇن كېسىلى بولۇپ قالغان ئايال) نىڭ ئەھۋالى 68818 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا دەلىللىرى بىلەن تەپسىلى بايان قىلىندى.

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى