سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

نامازنى تەرك قىلىپ تۇتۇلغان رامىزان روزىسى دۇرۇس بولمايدۇ

سۇئال

رامىزاندا بەش ۋاخ نامازنى ئادا قىلماي تۇرۇپ تۇتقان روزا دۇرۇس بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھقا ھەمدۇ-سانالار بولسۇن

نامازنى تەرك قىلغۇچىنىڭ روزا، زاكات، ھەجگە ئوخشاش ئەمەللىرىنىڭ ھېچقايسىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ.

بۇرەيدە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمكى ناماز ئەسىرنى تەرك قىلىدىكەن ئۇنىڭ ئەمەللىرى ئۆچۈرۈلىدۇ . [ بۇخارىي رىۋايىتى 520- نومۇرلۇق ھەدىس]. يۇقىرىدىكى ھەدىستىكى "ئۆچۈرۈلىدۇ " دېگەن سۆزلۈكنىڭ مەنىسى : يەنى ئەمەللىرى يوققا چىقىرىلىدۇ ۋە مەنپەت بەرمەيدۇ دېگەنلىك بولۇپ، بۇ ھەدىس بىزگە نامازنى تەرك قىلغۇچىنىڭ ئەمەللىرىنىڭ قوبۇل بولمايدىغانلىقىنى، ھەتتانامازنى بەرپا قىلماي تۇرۇپ قىلغان باشقا ئەمەللىرىنىڭمۇ مەنپەت بەرمەيدىغانلىقى، شۇنداقلا مەزكۇر ئەمەلنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كۆتۈرۈلمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىبنى قەييۇم رەھىمەھۇللاھ ناماز توغرىسىدىكى ئەسىرىدە مەزكۇر ھەدىسنىڭ شەرھىسىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىستە ئايان بولغان تەرك قىلىش ئىككى خىل بولۇپ، بىرىنچىسى: ھەممىنى تەرك قىلىپ پەقەتلا ناماز ئوقۇماسلىق. بۇ بولسا بارلىق ئەمەللەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆچۈرۈۋىتىدۇ. ئىككىنچىسى : مەلۇم نامازنى مەلۇم كۈنلەردە تەرك قىلىش بولۇپ، بۇ بولسا تەرك قىلغان شۇ كۈننىڭ ئەمىلىنى ئۆچۈرىدۇ. بىر يىل تەرك قىلغان بولسا قارشىسىدا بىر يىل ئىچىدە قىلىنغان ياخشى ئەمەللەر ئۆچۈرۈلىدۇ. مەلۇم ۋاقىت تەرك قىلغان بولسا ئۇنىڭ قارشىسىدا مەلۇم ۋاقىت ئۆچۈرۈلىدۇ ". [ئىمام ئىبنى قەييۇم رەھىمەھۇللاھنىڭ ناماز كىتابى ناملىق ئەسىرىنىڭ 65-بېتىگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن نامازنى تەرك قىلغۇچىنىڭ روزىسىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا سورالغىنىدا، تۆۋەندىكىدەك جاۋاب بەرگەن: "نامازنى تەرك قىلغۇچىنىڭ روزىسى توغرا ئەمەس ھەم قوبۇل قىلىنمايدۇ. چۈنكى نامازنى تەركقىلىش كۇپۇرلۇق يەنى مۇرتەدلىك. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر ئۇلار (كۇفرىدىن) تەۋبە قىلسا، ناماز بەرپا قىلسا، زاكات بەرسە، دىنىي جەھەتتە سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار بولىدۇ (يەنى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتتە ئۇلار سىلەر بىلەن ئوخشاشتۇر). بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن، ئايەتلەرنى تەپسىلىي بايان قىلىمىز. [سۈرە تەۋبە 11-ئايەت].

بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: مۇسۇلمان بىلەن كۇفىر ۋە شېرىك ئوتتۇرسىدىكى پەرق نامازنى تەرك قىلىشتۇر. [مۇسلىم رىۋايىتى 82-نومۇرلۇق ھەدىس] .

يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ: بىز بىلەن ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى كېلىشىم نامازدۇر كىمكى ئۇنى تەرك قىلىدىكەن، ئۇ ئاللاھقا كۇفرىلىق قىلغان بولىدۇ. [تىرمىزى رىۋايىتى 2621-نومۇرلۇق ھەدىس، شەيخ ئالبانى سەھىھلىگەن]. يۇقىرىدىكى سۆزلەر بولسا، كۆپلىگەن ساھابە كىراملارنىڭ كۆز قاراشلىرىغا ئۇيغۇندۇر.

ئابدۇللاھ ئىبنى شەقىق -ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن - ئۇ بولسا مەشھۇر تابىئىنلاردىن بولۇپ، بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى نامازدىن باشقا ئەمەللەرنىڭ تەرك قىلىنىشىنى كۇفىر كاتىگورىيەسىگە كېرىدۇ دەپ قارىمايتتى". يۇقىرىدىكى كۆزقاراشقا ئاساسلانغاندىمۇ؛ كىمكى روزا تۇتۇپ نامازنى ئادا قىلمىسا، ئۇنىڭ روزىسى رەت قىلىنىدۇ ۋە قوبۇل بولمايدۇ. قىيامەت كۈنى بۇ روزا ئاللاھنىڭ ئالدىدا مەنپەئەت بەرمەيدۇ. بىز ئۇ ئىنسانغا دەيمىزكى: ئاۋۋال ناماز قىلىڭ ئاندىن روزا تۇتۇڭ. ئەمما سىز روزا تۇتۇپ ناماز ئوقۇمىسىڭىز روزىڭىز رەت قىلىنىدۇ. سىزنىڭ نامازنى ئومۇمى تەرك قىلغانلىقىڭىز، نامازنى ئىنكار قىلغانلىقىڭىزدۇر، نامازنى ئىنكار قىلغانلىقىڭىز ئاللاھقا كۇپرى قىلغانلىقىڭىزدۇر. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، كاپىردىن ئىبادەت قوبۇل قىلىنمايدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى، ئەگەر ئىنسان رامىزاندا ناماز ۋە روزىغا ھېرىسمەن بولۇپ، رامىزاندىن كىيىنلا نامازنى تاشلىسا ئۇنىڭ روزىسى قوبۇل بولامدۇ؟ دەپ سورالغىنىدا تۆۋەندىكىدەك جاۋاب بەرگەن: "ناماز بولسا، ئىسلامنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرى بولۇپ، ھەمدە شاھادەتتىن قالسىلا ئەڭ مۇھىم ئاساس ۋە قىلمىسا بولمايدىغان پەرزلەردىن ھېسابلىنىدۇ. كىمكىنامازنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ قەستەنلىك بىلەن تەرك قىلسا، ئەھمىيەتسىز دەپ قارىسا،ياكى ھورۇنلىقتىن تەرك قىلسا ئاللاھقا كۇپرى قىلغان بولىدۇ. ئەمما رامىزاندا روزا تۇتۇش مۇناسىۋىتى بىلەنلاناماز ئوقۇپ، باشقا ۋاقىتتا ناماز قىلمىغانلىق بولسا، ئاللاھنى ئالدىغانلىق بولىدۇ. ئاللاھنى رامىزاندىلا تونۇيدىغان، باشقا ئايلاردا گەدەنكەشلىك قىلىدىغان كىشىلەر نېمىدېگەن ناچار ئىنسانلار ھە!. ئۇلارنىڭ رامىزاندىن باشقا چاغدا نامازنى تەرك قىلغانلىقى ئۇچۇن، رامىزان روزىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ. نامازنىڭ پەرزلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ قەستەنلىك بىلەن تەرك قىلسا ئۆلىمالارنىڭ توغرا كۆز قاراشلىرىدا ئۇلار كاپىر ۋە ئەڭ چوڭ كۇفىرلىق بولىدۇ ".

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى