شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

قىزلارنىڭ قىسقا ۋە يالىڭاچ-ئوچۇق- كىيىملەرنى كىيىشى توغرىسىدا

سۇئال

   بالاغەتكە يەتمىگەن قىزلار جىنىس ئىشتان ۋە ئوچۇق كىيىملەرنى كىيىشى توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

  بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    كېچىك ئوغۇل-قىزلارنىڭ ئەۋرىتى توغرىسىدا قۇرئان، ھەدىستىن ئوچۇق دەلىل كەلمىگەن، كۆپچىلىك پىقھى ئالىملىرى: "ئەگەر قىز بالا  ساغلام تەبىئەتلىك كىشىلەرنىڭ قارىشىدا باشقىلارنىڭ مەيلىنى تارتقۇدەك بولىدىكەن، ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئەۋرىتىمۇ بالاغەتكە يەتكەن قىزلارنىڭ ئەۋرىتىگە ئوخشاش بولىدۇ، ئەمما باشقىلارنىڭ مەيلىنى تارتقۇدەك بولمىغان بولسا، مۇشۇ ياشقا يەتكۈچە ھىجاپقا رۇخسەت قىلىنىدۇ"دېگەن.

   شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كېچىك قىزچاقنىڭ ئەۋرىتىگە ھۆكۈم يوق، ئۇنىڭ يۈزىنى، بوينىنى، قولى ۋە پۇتىنى ئورىشى كېرەك بولمايدۇ، كېچىك بالىنى بۇنىڭغا مەجبۇرلاشمۇ توغرا بولمايدۇ، لېكىن قىزچاق ئەرلەرنىڭ كۆڭلى مايىل بولىدىغان، شەھۋەتنى قوزغايدىغان ياشقا يېتىدىكەن، پىتنە-پاساتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورىنىشى كېرەك بولىدۇ، بۇ ئاياللارنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن ئوخشاش بولمايدۇ، بەزى قىزلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى بەك تىز بولۇپ بالاغەتكە يەتكەندەك كۆرىنىدۇ، بەزى قىزلار بۇنىڭ ئەكسىچە يېشى چوڭايسىمۇ يەنىلا كېچىك قىزدەك كۆرۈنىدۇ.

   ئوچۇق كىيىملەرنى كىيدۈرۈش مەسىلىسىگە كەلسەك، قىزلارنى كېچىكىدىن باشلاپ بۇنداق كىيىملەرنى كىيىشكە ئادەتلەندۈرمەسلىك كېرەك. مۇھىمى قىزلار پەزىلەت، ھايانى سۆيىدىغان ئادەت بىلەن يېتىلىشى كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن  ئىسلام بالىلارنىڭ نامازنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن ئۇلارغا ئۈگۈنۈش باسقۇچى قىلدى، تۇيۇقسىزلا نامازنى پەرىز قىلمىدى، چۈنكى بالىلار ئادەتلىنىش ۋە كۆپ مەشىق قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ.

   قىزلار توققۇز ياشقا كىرگەندە ئۇنى نامازغا ئادەتلەندۈرۈش، بالاغەتكە يېتىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا پەرىز بولىدىغان ئىشلارنى بىلدۈرۈش كېرەك.

    قىزلارنىڭ ئەۋرىتىنى ئوراش بىلەن ئورىماسلىقنىڭ بەلگىلىمىسىنى قىزلارنىڭ ھەيز كۆرۈش بىلەن ئاياللىق باسقۇچىغا يېتىدىغان باسقۇچقا بېكىتىش ئەقىلگە ئۇيغۇنمۇ ئەمەس ۋە بۇنداق قىلىش توغرا بولمايدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مېنىڭچە ئىنساننىڭ كېچىك قىزلىرىغا شۇ ۋاقىتتىن باشلاپلا ئوچۇق كىيىملەرنى كەيدۈرۈپ ئادەتلەندۈرىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى قىزچاق كېچىكىدىن شۇنىڭغا ئادەتلىنىپ قالسا، كېيىنمۇ بۇنىڭغا پەرۋا قىلمايدۇ، ئەگەر كېچىكىدىن ئۇرۇنۇپ ئۆسۈپ يېتىلسە، چوڭ بولغاندىمۇ شۇ ھالەتتە قالىدۇ، مۇسۇلمان ھەمشىرىلىرىمىزگە قىلىدىغان نەسىھىتىمىز:  ئىسلامى ئەخلاققا زىت بولغان، دىن دۈشمەنلىرىنىڭ كىيىملىرىنى دوراپ كىيمەسلىك، قىزلارنى كېچىكىدىن ئىپپەتلىك، ھايالىق كىيىملەرنى كىيىشكە ئادەتلەندۈرۈش كېرەك، چۈنكى بۇمۇ ئىماننىڭ جۈملىسىدىن". "[شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ دەۋەت ژورنىلىدىكى پەتىۋالىرىدىن"  1709 -سان 35 بەت].

   ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، يەتتە ياشتىن كېچىك بالىلارنىڭ ئەۋرىتىگە ھۆكۈم يوق، لېكىن كېچىك قىزلارنى مۇشۇنداق ئوچۇق، قىسقا كىيىملەرگە كۆندۈرۈپ قويسا، شەكسىزكى، ئۇلارغا كەلگۈسىدە ئەۋرىتىنى ئېچىش ئېغىر تۇيۇلمايدۇ، بەلكى بەزى ۋاقىتتا يوتىلىرى ئېچىلىپ قالسىمۇ كىشىلەردىن ھايا قىلمايدۇ، چۈنكى ئۇ كېچىكىدىن يوتىسىنى ئېچىپ ئادەتلەنگەن بۇنى يېپىشقا كۆڭۈل بۆلمىگەن.

   گەرچە بالىلار كېچىك بولسىمۇ ئۇلارنى مۇنداق كىيىملەرنى كېسىشتىن چەكلەش ياخشى بولىدۇ.  

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى