جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

شەۋۋالنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسى بىلەن رامىزاننىڭ قازا روزىسىنى بىر نىيەت بىلەن تۇتۇش توغرا بولمايدۇ

سۇئال

ئادەت كۆرۈپ قالغانلىق سەۋەبىدىن رامزاندا تۇتالمىغان روزىنىڭ قازاسىنى شەۋۋال ئېيىدا تۇتىدىغان ئالتە كۈنلۈك روزا بىلەن بىر نىيەت قىلىپ تۇتسام توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بىرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

بۇنداق قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى شەۋۋالدا تۇتىدىغان ئالتە كۈنلۈك روزا رامىزان روزىسىنى تولۇق ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن تۇتىلىدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ "رامىزان پەتىۋالىرى" ناملىق ئەسەرنىڭ 438-بىتىدە مۇنداق دەيدۇ: "رامزاننىڭ قازا روزىسى تۇرۇپ ئەرەپات كۈنىدە ياكى ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتسا ئۇ كىشىنىڭ تۇتقان روزىسى توغرا بولىدۇ، ئەگەر مۇشۇ كۈندە روزا تۇتقاندا رامزاننىڭ قازا روزىسىنى قېتىپ بىللە نىيەت قىلسا، ئۇ كىشىگە قوش ئەجىر ھاسىل بولىدۇ يەنى رامزاننىڭ قازا روزىسىنى تۇتۇشنىڭ ئەجرى بىلەن ئەرەپات كۈنى ياكى ئاشۇرا كۈنى روزا تۇتقاننىڭ ئەجرى بولىدۇ، بۇ رامىزان روزىسى بىلەن ئالاقىسى بولمىغان مۇتلەق نەپلە روزىلارغا نىسبەتەن شۇنداق بولىدۇ. ئەمما شەۋۋال ئېيىدا تۇتىدىغان ئالتە كۈن روزا بولسا رامىزان روزىسىغا ئالاقىدار بولۇپ، بۇ ئالتە كۈنلۈك روزا رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن تۇتىلىشى كېرەك. ئەگەر رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىشتىن بۇرۇن شەۋۋالدىكى ئالتە كۈنلۈك روزىنى تۇتسا، بۇ روزىغا بېرىلىدىغان ئەجىر-ساۋاپقا ئېرىشەلمەيدۇ. چۈنكى بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى رامىزان روزىسىنى تۇتۇپ، ئۇنىڭغا ئەگەشتۈرۈپ شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتسا، يىل بويى روزا تۇتقانغا ئوخشاش بولىدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى].

ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، زىممىسىدە رامزاننىڭ قازا روزىسى بولغان كىشى قازا روزىسىنى تولۇق ئادا قىلماي تۇرۇپ، رامىزان روزىسىنى تولۇق ئادا قىلغان بولمايدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى