جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

رامزاننىڭ ئەۋۋىلىدە ئوقۇلىدىغان دۇئا دەپ ئايرىم دۇئا يوق ئىكەنلىكى توغىرسىدا

سۇئال

روزىنىڭ باشلىنىشىدا ئوقۇيدىغان دۇئا قايسى؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن. 

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

   تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغتەمبەرئەلەيھىسسالام يېڭى ئاينى كۆرگەندە: «ئى ئاللاھ!  بۇ ئاينى بىزگە بەرىكەت، تېنىچلىق، سالامەتلىك، ئىمان ۋە ئىسلامغا پايدىلىق قىلىپ بەرگىن، مېنىڭ ۋە سېنىڭ رەببىڭ ئاللاھدۇر» دەيتتى. [تىرمىزى رىۋايىتى 3451 -ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 2745 -ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    بۇ پەقەت رامىزان ئېيىغىلا خاس دۇئا ئەمەس، بەلكى ھەر ئاينىڭ دەسلىۋىدە مۇسۇلمان كىشى دەيدىغان دۇئادۇر.

    ئەمما ھەر كۈندە ئوقۇيدىغان ۋە ھەر كۈنى روزىنى باشلاش ئۈچۈن ئوقۇيدىغان ئايرىم دۇئا يوق. "ئەتە روزا تۇتىمەن "دېگەننى پەقەت دىلى بىلەن نىيەت قىلىدۇ.

    نىيەتنىڭ كېچىدە  تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن بولىشى شەرت قىلىنىدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كېچىدە يەنى تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى روزا تۇتۇشنى مەقسەت قىلمىغان كىشىنىڭ روزىسى روزا بولمايدۇ.» [ تىرمىزى  رىۋايىتى 730-ھەدىس].

    نەسائىينىڭ رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن: « كېچىدە روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلمىغان كىشىنىڭ روزىسى روزا بولمايدۇ» 2334-ھەدىس. [شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 573-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    نىيەت دىلنىڭ ئەمىلى، مۇسۇلمان دىلى بىلەن ئەتە روزا تۇتىمەن دېگەننى كەسكىن قىلىدۇ، بەزى كىشىلەر پەيدا قىلغاندەك ئاغزاكى "روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلدىم " دېگەندەك سۆزلەرنى قىلمايدۇ.  

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى