جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ھېيت كۈنىدە يۈز بېرىدىغان خاتالىقلار توغرىسىدا

سۇئال

ئىككى ھېيت كۈنىدە مۇسۇلمانلارنى ئاگاھلاندۇرۇش كېرەك بولغان خاتالىق ۋە مۇنكەر ئىشلار قايسى؟، بىز ئۇلارنىڭ ھېيت نامىزىدىن كېيىن قەبرە زىيارەت قىلىش ۋە ھېيت كېچىسىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈش دېگەندەك بەزى ئىشلىرىنى كۆرسەك قانداق قىلىمىز؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   مۇبارەك ھېيت كېلىشتىن ئىلگىرى ئاللاھنىڭ شەرىئىتى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىنى بىلمەيدىغان بەزى كىشىلەرنىڭ قىلىۋاتقان خاتا ئىشلىرىدىن ئاگاھلاندۈرۈش بېرىمىز:

   1-بەزى كىشىلەر ھېيت كېچىسىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈش كېرەك دەپ قارايدۇ:

بەزى كىشىلەر ھېيت كېچىسىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈش يولغا قويۇلغان دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ، بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سەھىھ ھەدىس بايان قىلىنمىغان بىدئەت ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ، ئەمما بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان زەئىپ ھەدىستە: ھېيت كېچىسىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگەن كىشىنىڭ قەلبى قەلبلەر ئۆلگەن كۈندە ئۆلمەيدۇ دېيىلگەن بولۇپ بۇ ھەدىس سەھىھ ئەمەس، بۇ ھەدىس ئىككى يول بىلەن بايان قىلىنغان بولۇپ، ئىككىسىنىڭ بىرى توقۇلما، يەنە بىرى بولسا بەك زەئىپ. [شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھنىڭ زەئىپ ۋە توقۇلما ھەدىسلەر توپلىمى ناملىق ئەسىرىنىڭ 520-521-بېتىگە قارالسۇن].

    ھېيت كېچىسىنى باشقا كېچىلەردىن پەرقلىق ھالەتتە ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈش يولغا قويۇلمىغان، ئەمما ھەر كېچىسى كېچىدە تۇرۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان كىشىلەر بولسا ھېيت كېچىسىمۇ ئادىتى بويىچە تۇرۇپ ئىبادەت قىلسا بولىدۇ.

   2-ئىككى ھېيت كۈنىدە قەبرىستانلىقنى زىيارەت قىلىش:

    بۇنداق قىلىش ھېيتنىڭ شۇئارلىرىدىن بولغان خۇرسەنلىك، خوشلۇقنى ئاشكارا قىلىشتىن ئىبارەت ئاساسى مەقسەتكە زىت بولۇپ، شۇنداقلا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە سەلەپلەرنىڭ ئىشلىرىغا قارشى كېلىدۇ، بۇ يەنە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىستانلىقنى مەلۇم ۋاقىتتا زىيارەت قىلماڭلار دېگەن چەكلىمىسىنىڭ قاتارىغا كېرىدۇ، چۈنكى ئۇلار قەبرىنى مەلۇم ۋاقىتتا زىيارەت قىلغان بولدى، ئۆلىمالار زىكىر قىلغاندەك ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان ھېيت ۋاقتىنى قەبرە زىيارەت قىلىدىغان ۋاقىت قىلىۋالدى. [شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھنىڭ"جىنازا ھۆكۈملىرى ۋە ئۇنىڭدىكى بىدئەتلەر"ناملىق ئەسىرى 219-ۋە 258-بەتكە قارالسۇن].

   3-ناماز ۋاختىدا ئۇخلاپ جامائەتكە ئۇلگۈرەلمەسلىك:

كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان ئىشلاردىن: بەزى كىشىلەر جامائەتنى تەرك قىلىپ، ناماز ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرق نامازدۇر، نامازنى تەرك قىلغان كىشى كاپىر بولدى. [تىرمىزى رىۋايىتى2621-ھەدىس. نەسائى رىۋايىتى 463-ھەدىس، شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن]. 

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مۇناپىقلارغا ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان ناماز خۇپتەن نامىزى بىلەن بامدات نامىزىدۇر، ئەگەر ئۇلار بۇ ئىككى نامازدىكى پەزىلىتىنى بىلگەن بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۆمۈلەپ بولسىمۇ نامازغا كېلەتتى، مەن نامازغا تەكبىر ئېيىتىشقا بۇيرۇپ بىر كىشىنى كىشىلەرگە ناماز ئوقۇپ بېرىش ئۈچۈن ئىمام قىلىپ قويۇپ، مەن ئۆزۈم بىلەن ئۆتۈن كۆتۈرگەن بىر قانچە كىشىنى ئېلىپ، جامائەت بىلەن نامازغا ھازىر بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئۆيىنى كۆيدۈرۈۋەتسەمچۇ دەيمەن. [مۇسلىم رىۋايىتى 651-ھەدىس].

   4-ھېيت كۈنىدە ناماز ئوقۇيدىغان ئورۇنلاردا، كوچىلاردا ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشى، ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن قىستىلىشى:

    بۇ زور پىتنىگە سەۋەپ بولىدىغان خەتەرلىك ئىشتۇر، ئەر-ئاياللارنى بۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرۇش كېرەك، ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە بۇنى چەكلەشنىڭ چارىسىنى قېلىش كېرەك، ئەرلەر ۋە ياشلار مەسچىت ياكى ناماز ئوقۇيدىغان مەيداندىن ئاياللار تولۇق قايتىپ بولغاندىن كېيىن قايتىشى كېرەك.

   5-بەزى ئاياللارنىڭ ناماز ئوقۇيدىغان جايغا خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ، ياسىنىپ چېقىشى:

     بۇ ئومۇملىشىپ كەتكەن پىتنە بولۇپ، كىشىلەر بۇنىڭغا سەل قاراۋاتىدۇ، ھەتتا بەزى ئاياللار-ئاللاھ ئۇلارنى توغرا يولغا باشلىسۇن-تەراۋىھ ياكى ھېيت نامىزى ياكى باشقا ۋاقىتلاردا مەسچىتكە ئەڭ چېرايلىق كىيىملەرنى كېيىپ، خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ چىقىدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ھەر قانداق ئايال ئەتىر ئىشلىتىپ، ئەرلەر بار سورۇندىن ئۆتسە، ئۇلار ئەتىر پۇرىقىنى پۇرىسا، ئۇ ئايال پاھىشە ھېسابلىنىدۇ. [نەسائى رىۋايىتى 5126-ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى 2786-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ھەسەن دەپ"تەرغىب ۋەتتەرھىب" ناملىق ئەسەرنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 2019- نومۇردا كەلتۈرگەن].

    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مەن تېخى كۆرۈپ باقمىغان دوزاخ ئەھلىدىن بولۇپ كېتىدىغان ئىككى تۈرلۈك ئادەم بار، بىرى: قوللىرىدا كالىنىڭ قۇيرۇقىدەك قامچىلارنى تۇتۇۋېلىپ كىشلەرنى ئۇرىدىغان ئادەملەر، يەنە بىرى: كىيىم كىيگەن لېكىن يالىڭاچ ئاياللار (يەنى كىيىمنىڭ ئاستىدىن بەدەنلىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغانلار)، يول يۈرگەندە باشقىلارنى جەلىپ قىلىش ئۈچۈن نورمالسىز ماڭىدىغان (يەنى ئىپپەت ۋە ھايانى لازىم تۇتمايدىغانلار)، چاچلىرىنى چوققىسىغا تۆگىنىڭ لوكىسىدەك قىلىپ تۈگۈۋالغانلاردىن ئىبارەت ئاياللار جەننەتكە كىرمەيدۇ. ھەتتا جەننەتنىڭ پۇرىقى شۇنچىلىك-شۇنچىلىك يىراق جايلاردىن ھېدلىنىغان تۇرۇقلۇق ئۇلار جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى 2128-نومۇرلۇق ھەدىس].

   ئاياللارنىڭ ۋەلىلىرى ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى ئاياللار توغرىسىدا ئاللاھدىن قورقسۇن، ئۇلارنى ئاللاھ تائالانىڭ كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن ھالەتتە ئىدارە قىلسۇن، بۇ ھەقتە ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:  الرِّجَالُ قَوَّامُونَ عَلَى النِّسَاءِ بِمَا فَضَّلَ اللَّـهُ بَعْضَهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ  تەرجىمىسى: ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇر، بۇ ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن (يەنى ئەرلەرنى كۈچ-قۇۋۋەت، غازاتقا چىقىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاياللاردىن) ئارتۇق قىلغانلىقىدىندۇر ۋە ئەرلەرنىڭ ئۆز پۇل ـ ماللىرىنى سەرپ قىلغانلىقىدىندۇر (يەنى ئاياللارنىڭ نەپىقىسى ئەرلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنلىكتىندۇر). [سۈرە نىسا 34-ئايەت].

    ئەرلەر ئۇلارنى توغرا يولغا باشلاپ، نىجاتلىققا يېتەكلەپ، دۇنيا-ئاخىرەتتە سالامەت بولىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا چەكلىگەن ئىشلاردىن يېراقلاشتۇرۇپ، ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىدىغان ئىشلارغا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك بولىدۇ.

   5-چەكلەنگەن ناخشا-مۇزىكىلارنى ئاڭلاش:

ھازىرقى دەۋرىدە ناخشا-مۇزىكىلار ھەممە يەرنى قاپلىدى، كىشىلەر سەل قارىغاچ، ھەممە يەرگە تارالدى، تىلىۋېزۇردا، رادىيودا، ماشىنىدا، ئۆيدە، بازاردا مۇزىكا ئەۋج ئالدى، -ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن- ھەتتا تىلپۇنلارمۇ بۇ مۇنكەر ئىشلاردىن سالامەت قالمىدى، شىركەتلەر تېلىفۇنلارغا ناخشا-مۇزىكا قويۇشتا بەسلىشىۋاتىدۇ، تېلىفۇن ئارقىلىق ناخشا-مۇزىكىلار مەسچىتلەرگە ھەتتا ئاللاھنىڭ بەيتى بولغان ھەرەم مەسچىتى ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىگىمۇ يىتىپ كەلدى، ئاللاھنىڭ بەيتى ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىدە ناخشا-مۇزىكا ئاۋازىنى ئاڭلاش دېگەن مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەڭ چوڭ بالا-مۇسىبەتتۇر. بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن 34217-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ سۆزى بۇنى ئىسپاتلايدۇ: مېنىڭ ئۈممىتىمدىن بىر بۆلۈك كىشىلەر زىنانى، يىپەكنى، ھاراقنى ۋە ناخشا-مۇزىكىنى ھالال-دۇرۇس دەيدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 5000-ھەدىس. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن 34432-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن].

    مۇسۇلماننىڭ ئاللاھتىن قورقىشى، ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىشى كېرەك، مۇسۇلماننىڭ ئۆزىگە نېمەت ئاتا قىلغان پەرۋەردىگارىغا ئاسىيلىق قىلىشى ئىسيانكارلىقتۇر.

    ياخشى كىشىلەردىن بىرى ھېيت كۈنىدە ئويۇن-تاماشا قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كىتىۋىتىپ: ئەگەر سىلەر رامىزاندا ياخشى ئىش قىلغان بولساڭلار، بۇ ياخشىلىققا شۈكۈر ئېيتىش ئەمەستۇر، ئەگەر ياخشى ئىش قىلمىغان بولساڭلار، بۇ ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلغان كىشىلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس دەيدۇ.

     ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى