پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئايال ئۆزىدىن شام نامىزىدىن ئىلگىرى ياكى شام نامىزى ۋاقتىدا ياكى شام نامىزىدىن كىيىن ھەيزنىڭ قىنى كەلگەنلىكى توغرىسىدا شىكايەت قىلدى، ئۇ ئايالنىڭ تۇتقان روزىسى ۋە ئوقۇغان نامىزى قانداق بولىدۇ؟.

سۇئال

ھەيز توغرىسىدا سورىماقچى ئىدىم، شام نامىزىغا يىگىرمە منىۇت ئەتراپىدا قالغاندا، ئاغرىق ھېس قىلدىم، تەكىتلەش ئۈچۈن تەكشۈردۈم بىر نەرسە كەلمەپتۇ، روزامنى تاماملىدىم، شام نامىزىغا تاھارەت ئىلىش ئۈچۈن بارغاندا قاتتىق ئاغرىق ھېس قىلدىم چىداپ تۇرۇپ تاھارەت ئالدىم، ئاندىن نامازغا چىقتىم، ناماز ئوقۇدۇم، ناماز ئارىسىدا ئاغرىق پەسىيىپ قالدى، ئادەتتە بۇنداق ھالەت يۈز بەرگەندە ھەيز كېلەتتى، لىكىن مەن نامىزىمنى بۇزمىدىم، نامازنى ئادا قىلىپ بولۇپ ھاجەتخانىغا كىرىپ تەكشۈردۈم، ھەيزنىڭ قىنى كەپتۇ، يېڭىلا كەلگەندەك، مەن شام نامىزىنى قايتا ئوقۇشۇم كېرەكمۇ؟ شۇ كۈندىكى روزىنىمۇ قايتىدىن تۇتىمەنمۇ ياكى تۇتمىساممۇ بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.  

جاۋاپنىڭ تىكىستى

  بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بىرنچى: سىزنىڭ ئۇ كۈندە تۇتقان روزىڭىز توغرا بولىدۇ، چۈنكى سىز شامدىن بۇرۇن قاننى كۆرمىدىڭىز ۋە ئۇنىڭ كەلگەنلىكنىمۇ ھېس قىلمىدىڭىز، ئەسلىدە، قاننىڭ قاچان كەلگەنلىكىدە شەك بولدى، شامدىن بۇرۇنمۇ ياكى شامدىن كېيىنمۇ؟ پىقھى قائىدىسىدە، ۋەقەلىك ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىنغا قېتىلىدۇ، بۇ يەردە ئەڭ يېقىن ۋاقتى بولسا شامدىن كىيىنكى ۋاقىتتۇر.

    يۇقىرىدىكى قائىدىنىڭ مەنىسى: ئىشنىڭ يۈزبەرگەن ۋاقتىدا ئىختىلاپ بولغاندا، ئۇنى بېكىتىدىغان دەلىل بولمىسا، بۇ ئىش شۇ ھالەتنىڭ ئەڭ يېقىن ۋاقتىغا نىسبەت بېرىلىدۇ، چۈنكى بۇ ئېنىق، ئۇنىڭدىن يىراق بولغان ۋاقىت شەكلىك، لىكىن يىراقراق زامانغا نىسبەت بېرىلىشى ئىسپاتلانغاندا، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش زۆرۈر بولىدۇ". [دوكتۇر مۇھەممەد سىدقى بەرنۇنىڭ" پىقھى قائىدىلەر توپلىمى" 12-توم 316-بەت].

   ئىمام سۇيۇتىي رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ "ئەل ئەشباھۇ ۋەننەزائىر" ناملىق ئەسىرى 59-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "قائىدە: ئەسلىدە ھەرقانداق ۋەقەنى بېكىتىش ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن زامانىغا بولىدۇ، بۇ قائىدىنىڭ شاخچلىرىدىن: بىر كىشى كىيىمىدە مەنىينى كۆرۈپتۇ، قاچان ئېھتىلام بولغىنىنى ئېسىگە ئالالماپتۇ، توغرا قاراشتا ئۇ كىشىگە يۇيۇنۇش كېرەك بولىدۇ. ئىمام شافىئىي "ئەل ئۇم"دا مۇنداق دەيدۇ:  ئۇ كىشى ئاخىرقى قېتىم ئۇخلاپ ئويغانغاندىن كىيىنكى نامازلىرىنىڭ ھەممىسىنى قايتىدىن ئوقۇشى كېرەك بولىدۇ".

    ئىككىنچى: شام نامىزىغا كەلسەك، سىز سوئالدا بايان قىلغاندەك ئاغرىق پەسىيىپ، قان ناماز ئەسناسىدا كەلدى دېگەن سۆزىڭىزدە ئىشەنچ قىلالىسىڭىز، نامازدىن كىيىنلا قاننىڭ يېڭىدىن كەلگەنلىكىنى جەزىم قىلسىڭىز، بۇ كۈچلۈك گۇماننى بىلدۈرىدۇ، ئوقۇغان نامىزىڭىز توغرا بولمايدۇ، ھەيزدىن پاكلانغاندا ئۇ نامازنى قايتىدىن ئوقۇيسىز.

    ئەگەر سىزدە كۈچلۈك گۇمان يوق، پەقەت شەكلىنىش بولسا، ئوقۇغان نامىزىڭىز توغرا بولىدۇ، بىر يۇقىرىدا بايان قىلغان قائىدىگە ئاساسەن ۋاقىئە ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن زامانىغا نىسبەت بېرىلىدۇ، قاننىڭ نامازدىن كىيىن كەلگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىمىز.

   شەيخ مۇھەممەد بىن مۇھەممەد ئەلمۇختار شەنقىتىي ھەزرەتلىرىدىن: بىر ئايال شام نامىزىدىن كىيىن ھەيزدىن بىر نەرسىنى كۆرگەن بولسا، بۇنىڭ نامازدىن بۇرۇن كەلگەن ياكى كىيىن كەلگەنلىكىنى بىلمىسە، ئۇ ئايالغان ئوقۇغان نامىزى ۋە تۇتقان روزىسى قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن:" ئەگەر قاننى كۆرۈپ ئۆز گۇمانىدا بۇ شامدىن بۇرۇن كەلگەن دەپ قارىسا، شۇ كۈندىكى روزىسى بىكار بولىدۇ، ئۇ كۈننىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولىدۇ.

ئەمما ئۆز گۇمانىدا بۇ يېڭىدىن كەلگەن قان، شامدىن كىيىن بولدى دەپ قارىسا، شۇ كۈندىكى روزىسى توغرا بولىدۇ، پەقەت شۇ كۈندىكى شام نامىزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولىدۇ، ھەيزدىن پاك بولغاندا ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ.

   ئەمما قاننىڭ قاچان كەلگەنلىكىنى تەكىتلىيەلمەي، ئىككىلىنىپ قالغان بولسا، ئالىملارنىڭ قارىشىدىكى: ۋەقەلىك ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن زامانىغا نىسبەت بېرىلىدۇ دېگەن قائىدىگە ئاساسەن، روزىسى توغرا بولمىدى دېگەنگە دەلىل بېكىتىلگەنگە قەدەر تۇتقان روزىسى توغرا بولىدۇ، ئەسلىدە، ئۇ ئايال تولۇق بىر كۈن روزا تۇتتى، مۇشۇ تەسىر كۆرسەتكۈچى نەرسىنىڭ تېپىلغان ۋاقتى ئەمەلىلەشكىچە زىممىسىدىن مەسئۇلىيەت ئادا بولىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا روزىسىنىڭ توغرا بولغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ

ئەمما قاننىڭ ئۇ كۈندىكى روزىغا تەسى بولمايدۇ، مەسىلە ئەكسىچە قالىدۇ، چۈنكى سىز ئۇ كۈننىڭ روزىسى توغرا بولىدۇ دېسىڭىز شام نامىزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولىدۇ. ئەگەر ئۇ كۈننىڭ روزىسى توغرا بولمايدۇ دېسىڭىز، ئۇ ۋاقىتتا شام نامىزىنىڭ قازاسىنى قىلىش دېگەن گەپ بولمايدۇ، ئەگەر روزىسى توغرا بولسا شامنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولىدۇ، چۈنكى ۋاقىتنىڭ كىرىشى ھەيزدارغا نىسبەتەن  ئۇنىڭ زىممىسىگە شۇ ۋاقىتتىكى ئىبادەتنى ئادا قىلىشنى لازىم قىلىدۇ. بۇ ھەنەپى مەزھەب پىقھى ئالىملىرى ۋە بەزى ھەنبەلى مەزھەب ئالىملىرى ئېيتقاندەك ئاخىرىقى ۋاقىتتىن ھېسابلانمايدۇ". [شەيخ شەنقىتىينىڭ" شەرھى زادۇل مۇستەقنىئ" ناملىق ئەسىرىدىن ئىلىندى]. 

    بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئىلىش ئۈچۈن 191684 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى