شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

«دائىم كېيىن قالغان قەۋىمنى ئاللاھ تائالامۇ كېيىن قويىدۇ» دېگەن ھەدىس مەناسى توغرىسىدا

سۇئال

  «دائىم كېيىن قالغان قەۋىمنى ئاللاھ تائالامۇ كېيىن قويىدۇ» دېگەن ھەدىسنىڭ ئىزاھاتىنى بىلىشنى مەقسەت قىلىمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
    ئەبۇ سەئىدىل خۇدەرى رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئالدىغا ئۆتۈڭلار، مەن بىلەن بىرىنچى سەپنى تولدۇرۇڭلار، سىلەر بىلەن سىلەردىن كېيىن كەلگەنلەر بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ، دائىم كېيىن قالغان قەۋىمنى ئاللاھ تائالامۇ كېيىن قويىدۇ». [ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى 438-ھەدىس].

   ھەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلەرنىڭ بەزىسىنىڭ بىرىنچى سەپتىن كېيىن قالغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئىقتىدا قىلىشى ۋە كېيىنكىلەرنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى كۆرەلمەي ئۇلارغا ئىقتىدا قىلىشى ئۈچۈن بىرىنچى سەپنى تولدۇرۇشقا بۇيرىدى.

يەنە بىر مەنىدە: ئىمام سىندىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كېيىنكى ئۈممەتلەرنىڭ ئۇلارغا ئەگىشىشى ئۈچۈن، چۈنكى ساھابىلار ئۇلارغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ئادا قىلىش سۈپەتلىرىنى ئۆزلىرى كۆرگەن بويۇنچە يەتكۈزىدۇ".

    ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «دائىم كېيىن قالغان قەۋىمنى ئاللاھ تائالامۇ كېيىن قويىدۇ». يەنى: بىر قەۋىم دائىم ئالدىنقى سەپتىن كېچىكىشنى ئادەت قىلىۋالسا ياكى ئالدىنقى سەپنى تولدۇرمىسا ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئالدىنقى سەپتىن كېچىكتۈرۈش بىلەن جازالايدۇ.

    بۇنىڭ مەنىسى: ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئۆزىنىڭ رەھمىتىدىن ياكى جەننىتىدىن ياكى كاتتا پەزلىدىن ياكى مەرتىۋىسىنى ئۈستۈن قىلىشتىن ياكى ئىلىم-مەرىپەتتىن يىراق قىلىدۇ دېگەن بولىدۇ.

    ھەدىسنى مۇشۇ مەنالارنىڭ ھەممىسىگە قارىتىشتىن چەكلەيدىغان چەكلىمە يوق. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بەزى ساھابىلەرنىڭ مەسچىتتە ئالدىنقى سەپكە كەلمەي ئاخىرىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ: «دائىم كېيىن قالغان قەۋىمنى ئاللاھ تائالامۇ كېيىن قويىدۇ» دېدى.

   شۇنىڭغا ئاساسەن ئىنسان ئۆزىنى ئىبادەتتە كېيىن قىلىشقا ئادەتلەندۈرسە ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى ياخشىلىق ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسىدە كېيىن قويۇش بىلەن سىنايدۇ. [ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالىرى 13-توم 54-بەتتىن قىسقارتىلىپ ئىلىندى].

   بەزى ئالىملار بۇ جامائەتتىن مۇناپىقلار مەقسەت قىلىنىدۇ دەيدۇ، توغرىسى بۇ ھەدىس ئومۇم بولۇپ پەقەت مۇناپىقلارغىلا خاس ئەمەس.

   ئىمام شەۋكانىي "نەيلىل ئەۋتار"دا مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىس مۇناپىقلار توغرىسىدا سۆزلەنگەن دېگەنلەرمۇ بار، توغرىسى بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى ئومۇم بولۇپ ھەممىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭدا بىرىنچى سەپتە بولۇشقا قىزىقتۇرۇش ۋە سەپنىڭ كەينىدە قىلىشتىن تەزدۈرۈش بايان قىلىنىدۇ".

    سۆزنىڭ خۇلاسىسى: بۇ ھەدىس؛ ئەرلەرنى بىرىنچى سەپتە ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ياندىشىپ تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن بىرگە، كېچىكىپ كېلىپ سەپنىڭ ئاخىرىدا تۇرىۋېلىشقا ئادەتلىنىشنى چەكلەيدۇ.

ئاللاھ تائالادىن بىزنى ياخشىلىققا ئالدىرايدىغان ۋە ياخشى ئىشلاردا مۇسابىقە قىلىشىدىغان كىشىلەرنىڭ جۈملىسىدىن قىلىشنى سورايمىز.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى