پەيشەنبە 16 شەۋۋال 1445 - 25 ئاپرىل 2024
Uygur

ئايال ئېرىگە تويلۇق مېھرىنى قايتۇرۇپ بېرىپ ئۆزىنى تالاق قىلىشنى (خۇلئى) تەلەپ قىلدى، ئەر ئايالىنى تالاق قىلىپ، تويلۇق مېھرىنى ئىلىشنى رەت قىلسا، بۇ تالاق توغرا بولامدۇ؟ بۇ شەكىلدە تالاق بىلەن خۇلئى تالاقنىڭ ئارىسىدا نېمە پەرق بار؟

سۇئال

   بىر خانىم ئېرىدىن ئايرىلىش ئۈچۈن تويلۇق مېھرىنى ۋە باشقا قىممەت باھالىق بۇيۇملارنى ئېرىگە بېرىش ئارقىلىق ئۆزىنى (خۇلئى)تالاق قىلىشنى تەلەپ قىلدى، ئېرىمۇ تالاق قىلىشقا مۇۋاپىق كەلدى، لېكىن ئۇ ئايالىدىن ھېچ بىر نەرسە ئالمىدى، ئايال قانداق قىلىشى كېرەك؟ ئۇ ئايال تالاق قىلىنغاندىن كېيىن بۇ نەرسىلەرنى خەيرىيەت ئورۇنلىرىغا تارقىتىپ بەرسە توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئەر-ئايال ئارىسىدىكى ئايرىلىش خۇلئى سۆزى بىلەن ئەمەس بەلكى تالاق سۆزى بىلەن تامام بولغان بولسا، بۇ ئايرىلىش تويلۇق مېھرىنى ياكى مەلۇم مالنى ئېرىگە قايتۇرۇش بەدىلىگە بولۇپ، ئەر ئۇنى ئالماستىن رەت قىلىۋەتكەن بولسا، ئۇ ئوچۇق ئايرىلىدىغان تالاق بولىدۇ، ئەگەر بىر نەرسە بېرىشكە دېيىشمەستىن قىلىنغان تالاق بولسا ئۇ ئەر-ئايال قايتىدىن يېنىشىۋالسا بولىدىغان بىرىنچى ۋە ئىككىنچى تالاقتىن ئىبارەتتۇر.

    تالاقنىڭ ئىددىتى ھەر ئايدا ئادەت كۆرىدىغان ئايالغا نىسبەتەن ئۈچ ھەيز بولىدۇ، ئىددەت توشۇپتۇ، بۇ ئارىلىقتا ئەر يېنىۋېلىشنى خالىمىغان بولسا، ئۇ ئايال ئېرىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلغان بولدۇ، ئۇلار قايتىدىن بىر ئائىلىدە ياشىماقچى بولسا، بۇنىڭغا ئايالنىڭ رازى بولىشى، يېڭىدىن تويلۇق ئېلىشى ۋە نىكاھ قىلدۇرۇشى كېرەك بولىدۇ.

    ئىككىنچى: ئەگەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئايرىلىش خۇلئى سۆزى بىلەن بولغان بولسا، ئەر ئايالدىن ھېچ نەرسە ئالمىغان بولسا، بۇ شەكىلدە خۇلئى قىلىش توغرا بولامدۇ؟.

     بۇ مەسىلىدە ئالىملارنىڭ ئىككى خىل قارىشى بار:

    بىرىنچى قاراش: كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، بىر نەرسە ئالماستىن خۇلئى تالاق قىلسا توغرا بولمايدۇ، تالاقنى نىيەت قىلغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا قايتىۋالغىلى بولىدىغان بىر تالاق بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىددىتى يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك ئۈچ ھەيز بولىدۇ.

    ئىككىنچى قاراش: مالىكى مەزھەپ قارىشىغا كۆرە، خۇلئى تالاق بەدەل ئالمىسىمۇ توغرا بولىدۇ. بۇ توغرىدا "ھاشىيەتى دۇسۇقى" 2-توم351-بەت ۋە "ئەل مۇغنى"7-توم 337-بەتكە قارالسۇن.

    خۇلئىنىڭ توغرا بولىشىغا ئىككى ئىش تەرتىپلىنىدۇ: بىرى ئەر قايتىدىن يېنىشماقچى بولسا چوقۇم يېڭىدىن نىكاھ قىلدۇرۇش كېرەك بولىدۇ، يەنە بىرى كۈچلۈك قاراشتا خۇلئى قىلىنغان ئايال پەقەت بىر ھەيز ئىددەت تۇتىدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالانىڭ: فَلاَ جُنَاحَ عَلَيْهِمَا فِيمَا افْتَدَتْ بِهِ  تەرجىمىسى: «ئەگەر سىلەر ئۇلار (يەنى ئەر ـ ئايال) نىڭ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالماسلىقىدىن قورقساڭلار، خوتۇننىڭ (تالاق خېتىنى ئېلىش مەقسىتىدە) مال بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ ئىككىسىگە (يەنى ئەر ـ خوتۇنغا) گۇناھ بولمايدۇ.» [سۈرە بەقەرە 229-بەت].  بۇ ئايەتتە ئەرنىڭ ئايالىنى تالاق قىلىشى ئۈچۈن مال ئېلىشىنى گۇناھ بولمايدۇ دېگەن، بىر نەرسە ئالماي خۇلئى تالاق قىلسا، مال نەدە قالىدۇ؟ مال يوق بولىدۇ، بۇمۇ بىر قاراش".

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىر نەرسە ئالماستىن خۇلئى تالاق قىلىشنىڭ توغرا بولىدىغانلىقىغا ئىككى سەۋەپ بار:

بىرى: بىر نەرسە ئېلىش ئەرنىڭ ھەققى، بۇ ھەقنى ئەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن چۈشۈرۈۋەتكەن بولسا بۇ خۇددى باشقا ھەق-ھوقۇقلىرىنى چۈشۈرىۋەتكەنگە ئوخشاش توغرا بولىدۇ، بۇ خۇددى ئايال ئۆزىنى خۇلئى تالاق قىلسا مىڭ رىيال بېرىدىغانغا دېيىشىپ، ئەر خۇلئى تالاق قىلىپ بولۇپ ئۇ ئايالدىن مىڭ رىيالنى ئالمىسا خاتالاشقان بولمايدۇ، بۇ دەسلەپتىلا بىر نەرسە ئالمايدىغانلىقىغا كېلىشكەنگە ئوخشاش بولىدۇ.

    ئىككىنچىسى: ھەقىقەتەن ئەر ئايالنى خۇلئى تالاق قىلغان ۋاقىتتا، ئۇنى مال بېرىش بەدىلىگە تالاق قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ ئايال مال بېرىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نەپىقىسىنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ، چۈنكى ئەگەر ئەر كىشى ئايالىنى قايتىۋالغىلى بولىدىغان رەجئى تالاق قىلغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئەرنىڭ ئىددەت ئىچىدە ئايالىغا نەپىقە بېرىشى كېرەك بولاتتى، شۇ سەۋەپتىن ئايال ئۆزى خۇلئىنى تەلەپ قىلغاندا ئايالغا ئىددەت ئىچىدە نەپىقە بېرىش كېرەك بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئايال ئەرگە مال بەرگەندەك بولدى، ئۇ ئايال ئۆزىنىڭ ئىددەت ئىچىدە ئېرىدىن ئالىدىغان ھەققىنى چۈشۈرۈۋەتكەن بولدى، چۈنكى ئىددەت ئىچىدە نەپىقە تەلەپ قىلىش ئايالنىڭ ھەققى ئىدى،  ئەر كىشى بولسا ئىددەت ئىچىدە ئايالى بىلەن قايتىدىن يېنىۋالىدىغان ھەققىنى چۈشۈرىۋەتتى، چۈنكى قايتىدىن يېنىۋېلىش ئەرنىڭ ھەققى ئىدى. بۇ سەۋەب بىلەن ئەرنىڭ ئىددەت ئىچىدە ئايالى بىلەن يېنىۋېلىشى يوق بولدى، ئىككەيلەن خۇلئى قىلىش ئارقىلىق ئۆز ھەقلىرىنى چۈشۈرۈۋېتىشكە رازى بولغان بولسا بۇنىڭدا چەكلىمە يوق. 

    ئايەتتىن مۇنداق دەلىل ئېلىشىمىز لازىم: كۆپ ۋاقىتلاردا ئەر ئايالىدىن بەدەلسىز ئايرىلمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئايەتتە مۇنداق دېدى: «خوتۇننىڭ (تالاق خېتىنى ئېلىش مەقسىتىدە) مال بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ ئىككىسىگە (يەنى ئەر ـ خوتۇنغا) گۇناھ بولمايدۇ».

    ئىبنى تەۋسىيە رەھىمەھۇللاھنىڭ دېگەن سۆزى ناھايىتى توغرا، چۈنكى ھەقىقەتتە خۇلئى تالاق دېگەن مال بىلەن بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئەرنىڭ ئۈستىدىكى نەپىقىنى چۈشۈرۋېتىشتۇر". ["شەرھىل مۇمتىئ"12-توم 476-بەت].

    مۇشۇنىڭ بىلەن نورمال تالاق بىلەن خۇلئى تالاقنىڭ ئارىسىدىكى پەرق ئوچۇق بولىدۇ: ئەگەر ئايالىنى بىر نەرسە ئالماي تالاق قىلغان بولسا، بۇ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قېتىمدا بولسا ئايالى بىلەن يېنىۋالغىلى بولىدىغان رەجئى تالاق بولىدۇ، بۇنىڭ ئىددىتى ئۈچ ھەيز بولىدۇ.

    بەزى ۋاقىتتا ئايال ئېرىگە مال بېرەي مېنى خۇلئى تالاق قىلىڭ دەيدۇ، ئەر بۇ پىكىرگە مۇۋاپىق كېلىپ خۇلئى تالاق قىلىدۇ لېكىن ئايالدىن ھېچ نەرسە ئالمايدۇ، بۇ شەكىلدىكى تالاقمۇ توغرا بولىدۇ. بۇ يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك ئايالى بىلەن يېنىۋالغىلى بولىدىغان رەجئى تالاق بولىدۇ.

    خۇلئى دېگەن ئەر-ئايالنىڭ ئارىسىدىكى نىكاھنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بولۇپ، تالاقنىڭ ھېسابىغا كىرمەيدۇ، خۇلئى بىلەن ئەر-ئايالنىڭ ئارىسى ئايرىلىدۇ، بىر تالاق بولىدۇ، بۇنىڭدا ئىددەت بىر ھەيز بولىدۇ.

    ئۈچىنچى: ئەر كىشى تويلۇق مېھرى ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئالمىغان بولسا، بۇ ئايالنىڭ شەخسى مۈلكى بولۇپ قالىدۇ، ئايال ئۇنى باشقا ماللىرىغا ئوخشاش بىتەرەپ قىلسا بولىدۇ، باشقىلارغا ھەدىيە قىلامدۇ ياكى سەدىقە قىلامدۇ ياكى ساقلاپ قالامدۇ بۇ ئۆزىنىڭ ئىختىياردۇر.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى