جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

يىلنىڭ ئوتتۇرىسىدا پايدا ئالغان ئالتۇننىڭ زاكىتىنى قانداق بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

    مېنىڭ يېنىمدا زاكات بېرىش ۋاجىپ بولغان مىقداردا ئالتۇن بار، لېكىن يىل توشماستا، يىل ئاخىرىدا يېنىمدا بار ئالتۇننىڭ مىقدارى يىلنىڭ بېشىدىكىدىن زىيادە بولدى، بۇنىڭغا بېرىلىدىغان زاكاتنىڭ مىقدارى يىل بېشىدىكى ئالتۇننىڭ مىقدارى بويىچە بېرىلەمدۇ ياكى يىلنىڭ ئاخىرىدا قېتىلغان يېڭى ئالتۇنلارنى مىقدارىنى قېتىپ شۇ بويىچە بېرىش كېرەكمۇ؟. بۇ ھەقتە جاۋاپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بىر كىشىنىڭ يېنىدا زاكات بېرىش مىقدارىغا يەتكەن ئالتۇن بار، ئۇ كىشى يىل ئارىسىدا يېڭىدىن يەنە ئالتۇن سېتىۋالدى ياكى پايدا ئالدى ياكى ھەدىيەگە ئېرىشىپ، يېنىدىكى ئالتۇننىڭ مىقدارى زىيادە بولغان بولسا، ئۇ كىشى زاكات بېرىدىغان ۋاقىتتا يېڭىدىن قېتىلغان ئالتۇنلارنىڭ زاكات بېرىش ۋاقتىنى شۇ ئالتۇننى سېتىۋالغان ياكى ھەدىيە قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلايدۇ.

    شۇنىڭغا ئاساسەن: ئالدى بىلەن يىل توشقاندا يېنىدا بار بولغان ئەسلىدىكى ئالتۇننىڭ زاكىتىنى بېرىدۇ، كېيىن قېتىلغان ئالتۇنلارنىڭ زاكىتىنى بولسا، شۇ ئالتۇنلار قولىغا كىرگەن كۈندىن باشلاپ بىر يىل توشقاندا ئاندىن ئۇ ئالتۇنلارنىڭ زاكىتىنى بېرىدۇ.

     ئەگەر ئەسلىدە يېنىدا بار بولغان ئالتۇنلارنىڭ زاكات بېرىش ۋاقتى بولغاندا يېنىدا بار بولغان ھەممە ئالتۇنلارنىڭ زاكىتىنى بەرسىمۇ بولىدۇ، ئۇ ھالەتتە ئۇ كىشى يېڭىدىن قېتىلغان ئالتۇنلارنڭ زاكىتىنى تولۇق بىر يىل توشۇشتىن ئىلگىرى ئادا قىلغان بولدۇ، بۇنداق قىلسىمۇ توغرا بولىدۇ، بۇ زاكاتنى مۇددەتتىن بۇرۇن بېرىش دېيىلىدۇ.

   شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: "بىر كىشى يېڭىدىن ئالتۇن سېتىۋېلىپ، ئۇنى يېنىدىكى زاكات بېرىش ۋاقتى توشقان ئالتۇنغا قاتقان بولسا قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "يىلنىڭ ئوتتۇرىسىدا سېتىۋېلىنغان ئالتۇن يىلنىڭ ئەۋۋىلىدە بار بولغان ئالتۇنغا قېتىلمايدۇ، بەلكى كېيىن سېتىۋالغان ئالتۇن ئۈچۈن سېتىۋالغان ۋاقىتتىن باشلاپ يىل ھېسابلىنىدۇ، ئالدى بىلەن يېنىدا بۇرۇن بار بولغان ئالتۇننىڭ زاكىتىنى بېرىۋېتىپ كېيىن يېڭىدىن سېتىۋالغان ئالتۇننىڭ يىلى توشقاندا ئۇنىڭ زاكىتىنى ئايرىم بېرىدۇ، ئەگەر خالىسا كېيىن سېتىۋالغان ئالتۇننى ئەسلىدە بار بولغان ئالتۇنغا قېتىپ، ئەسلىدىكى ئالتۇننىڭ زاكات بېرىش يىلى توشقاندا ھەممە ئالتۇننىڭ زاكىتىنى بىرگە بەرسىمۇ بولىدۇ، بۇ مالنىڭ زاكىتىنى ۋاقتى كېلىشتىن بۇرۇن بېرىش دەپ ئاتىلىدۇ.

     ئەگەر يېڭىدىن سېتىۋالغان ئالتۇن زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتمىسە قانداق قىلىدۇ؟ دېيىلگەندە، ئەگەر يېڭىدىن سېتىۋالغان ئالتۇن زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتمىسە، ئۇنى ئىلگىرى بار بولغان ئالتۇننىڭ ئۆلچىمىگە قېتىۋېتىدۇ، ھەممىسىنىڭ زاكىتىنى بىر ۋاقىتتا بېرىشنى خالىمىسا، ئۇ ۋاقىتتا كېيىن سېتىۋالغان ئالتۇن ئۈچۈن سېتىۋالغاندىن باشلاپ يىل ھېسابلايدۇ دېگەن. "ئايلىق ئۈچرۈشىش" پروگراممىسىدىن ئېلىندى.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى