جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

كىچىك تەرەت تۇتالماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشى تاھارەتنى قانداق ئالىدۇ؟ ئەگەر جۇنۇپ بولۇپ قالسىچۇ؟

سۇئال

مەن ئولتۇرۇپ قالغان مىيىپ، ئاللاھ تائالاغا ھەمدىلەر بولسۇن، ئىختىيارسىز كىچىك تەرەت تۇتالماسلىق كېسىلىگە مۇبتىلا بولدۇم، بەك كۆپ كىچىك تەرەت كىلىدۇ، دائىم كىيىم ئالماشتۇرۇشقا قادىر بولالمايمەن، مەن بۇ ئەھۋالىمدا نامازنى قانداق ئوقۇيمەن، تاھارەت ئالىمەنمۇ ياكى تەيەممۇم قىلىمەنمۇ؟، مەن تاھارەت ئىلىشقا قادىر بولالايمەن، ئەگەر ئىختىيارسىز مەنى ياكى مەزى چىقىپ قالسا قانداق قېلىمەن؟ مەن ھەپتىدە پەقەت بىر قېتىم ياكى ئىككى قېتىم يۇيۇنالايمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، بارلىق ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئاللاھ تائالادىن سىزگە تىزدىن شىپالىق ئاتا قىلىشنى، يەتكەن مۇسىبەتلەرگە كۆپلەپ ئەجىر-ساۋاپ بېرىشنى سورايمىز.

   كىچىك تەرەت تۇتالماسلىق كېسىلى بولۇپ قالغان كىشى، كىچىك تەرەتنىڭ تاراپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان نەرسىلەرنى ئىشلىتىش كېرەك، ئاندىن ھەر بىر نامازغا ئايرىم تاھارەت ئېلىش كېرەك، ھەر نامازغا ئايرىم تاھارەت ئېلىش قېيىن بولسا، ئىلگىرى ياكى كېيىن قىلىپ پىشىن بىلەن ئەسىرنى ۋە شام بىلەن خۇپتەننى بىرگە جەملەپ ئوقۇشى كېرەك.

   تەرەت تاراپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان نەرسىلەرنى مۇستەھكەم بېكىتكەن بولسا بۇنى ئالماشتۇرۇش كېرەك بولمايدۇ.

   "شەرھى مۇنتەھىل ئىرادات"1-توم 120—بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "ئاياللار كېسىلى، كىچىك تەرەت توختىماسلىق كېسىلى، مەزى كېلىدىغان، دائىم يەل كېلىدىغان كېسىلى بار كىشىلەر تەرەتسىزلىك يۈز بەرگەن ئورۇننى سۇ بىلەن يۇيىشى، پاكىزە بولمىغان نەرسىلەرنى تازىلىۋېتىشى، ئىمكانىيتى بويىچە پاكىزە نىجاسەتنىڭ سېرتقا چېقىشىنى چەكلەيدىغان نەرسىلەرنى ئىشلىتىشى كېرەك بولىدۇ.

    دەسلەپتە سەل قارىمىغان بولسا تاھارەت ۋە غۇسلىنى قايتىدىن ئىئادە قىلىش كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى تەرەتسىزلىك كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭدىن ساقلىنىش مۇمكىن بولمايدۇ.

تەرەتسىز كىشى ھەر نامازنىڭ ۋاقتىدا تاھارەت ئالىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن بىر نەرسە چىقىپ كەتسە قايتا تاھارەت ئېلىش كېرەك بولمايدۇ.

    بەزى ئۆلىمالار تەرەتنىڭ تارىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان نەرسىلەرنى ئىشلىتىش كېرەك ئەمەس دەيدۇ، بۇ مالىكى مەزھەب ئۆلىمالىرىنىڭ قارىشىدۇر، تەرەت ساقلاش نەرسىلىرىنى ئىشلىتىش قېيىن بولسا مالىكى مەزھەب قارىشىنى تۇتسىڭىزمۇ بولىدۇ.

    مالىكى ئۆلىمالىرىدىن ھەتتاب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىرەر پارچە لاتا ياكى لۆڭگە قويىۋېلىش ياخشى بولىدۇ. ئەمما سەنەد دېگەن ئالىم: بۇنداق قىلىش زۈرۈر ئەمەس ، چۈنكى پاكىز بولمىغان كىيىم بىلەن ناماز ئوقۇغانغا ئوخشاش نىجاسەت بولغان لاتا بىلەن ناماز ئوقۇيدۇ دەيدۇ.

سەنەد دېگەن ئالىم مۇنداق دەدۇ: "نىجاسەت بولغان لاتىنى ئالماشتۇرۇش كېرەك بولامدۇ؟ شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ: ھەر ناماز ۋاقتىدا ئۇنى ئالماشتۇرۇپ يۇيۇش ياخشى بولىدۇ دەيدۇ. سەھنۇن: بۇنداق قىلىش كېرەك بولمايدۇ، ئۇنىڭدىن ئەۋرىتىنى يۇيۇش ئاسان بولىدۇ دەيدۇ. [مەۋاھىبۇل جەلىيل 1-توم 143-بەت].

   ناماز توغرىسىدا ھەر ناماز ئۈچۈن تەرەت ئېلىش ۋە نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇش قېيىن بولسا، بىر تاھارەت بىلەن ئىككى نامازنى بىرگە ئوقۇسىڭىز بولىدۇ، پېشىن بىلەن ئەسىرنى ۋە شام بىلەن خۇپتەننى بىرگە ئوقۇيسىز.

   شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ "پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 24-توم 14-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: بىمار ۋە خۇن كېسىلى بولغان ئايال ئىككى نامازنى بىرگە جەملەپ ئوقۇيدۇ".

     بۇ ئىش ئوچۇق بولغاندىن كېيىن مۇنداق تەرتىپلىنىدۇ:

   1-پاختا ياكى لاتا بىلەن ياخشى ئوراش كېرەك، ئۇنى يېڭىلاش ۋە ھەر ناماز ئۈچۈن ئورۇننى يۇيۇش كېرەك بولمايدۇ، لېكىن نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن تاھارەت ئىلىش كېرەك بولىدۇ.

   2-ئەگەر بىر نەرسە قويۇش قېيىن بولسا، مالىكى مەزھىبىنىڭ بىر نەرسە قويۇش كېرەك بولمايدۇ دېگەن قارىشىنى تۇتۇش كېرەك.

    3-ئىككى نامازنى بىرگە ئوقۇش رۇخسەت قېلىنىدۇ.

    ئىككىنچى: سۇ ئىشلىتىشكە قادىر بولغان كىشىنىڭ تاھارەت ئىلىشى كېرەك بولىدۇ، تەيەممۇم قىلىشى توغرا بولمايدۇ، ئۆزىنىڭ تاھارەت ئىلىشى قېيىن بولسا مەلۇم ھەق بېرىپ بولسىمۇ تاھارەت ئالدۇرىدىغان كىشىنى تىپىشى كېرەك.

    "كەشاپۇل قىنا"1-توم 102-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "چولاق ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بىمارلار ئۆزى تاھارەت ئىلىشقا ۋە يۇيۇنىشقا قادىر بولالمىسا، ئۆزىگە ۋە ئۆزى نەپىقە قىلىپ بېرىدىغان كىشىلەرگە زەرەر يەتكۈزمىگەن ئاساستا مەلۇم مىقداردا ھەق بېرىپ تاھارەت ئالدۇرىشى كېرەك بولىدۇ.

    تاھارەت ئالدۇرۇپ قويىدىغان كىشىنى تاپالماي، تەيەممۇم قىلدۇرۇپ قويىدىغان كىشنى تاپقان بولسا، تەيەممۇم قىلدۇرۇش كېرەك بولىدۇ، بۇ تاھارەت ئىلىشقا قادىر بولالماي تەيەممۇم قىلغان ساق كىشىگە ئوخشاش بولىدۇ.

    ئەگەر تاھارەت ئالدۇرۇپ ياكى تەيەممۇم قىلدۇرۇپ قويىدىغان كىشىنى تاپالمىسا، ئۇنىڭ ھەققىنى بېرىشتىن ئاجىز كەلسە، ئۆز ھالى بويىچە ناماز ئوقۇيدۇ، بۇ توغرىدا ئۆلىمالارنىڭ ئارىسىدا ئىختىلاپ بارلىقىنى بىلمەيمەن.

   نورمال باھادىن يۇقىرى ھەق ئالىدىغان كىشىنى تاپقان بولسا، تەيەممۇم قىلسا بولىدۇ. قايتىدىن تاھارەت ئىلىش ۋە نامازنى ئىئادە قىلىش كېرەك بولمايدۇ.

   يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك ئىستىنجا قىلىشمۇ تاھارەتكە ئوخشاش بولىدۇ. ئەگەر بىرەر كىشى خالىس ياردەم قىلىپ پاكىزلاپ قويسا بولىدۇ.

    تاھارەت ئىلىشقا قادىر بولىدىكەن، تاھارەت ئىلىش كېرەك بولىدۇ، تەيەممۇم قىلىش توغرا بولمايدۇ.

    ئۈچىنچى: ئېھتىلام بولۇپ قىلىپ يۇيۇنۇش كېرەك بولسا، ئۆزى يۇيۇنۇشقا قادىر بولالمىسا، بىكارغا ياكى ھەق ئىلىپ يۇيۇندۇرۇپ قويىدىغان كىشىنى تاپالمىسا، يۇقىرىدا بايان قىلىنغانغا ئوخشاش جۇنابەت ئۈچۈنمۇ تەيەممۇم قىلسا توغرا بولىدۇ.

    بۇ ئىشلاردا سەل قاراش توغرا بولمايدۇ، بەلكى ئۆزى يۇيۇش ياكى بىكارغا يۇيۇپ قويىدىغان كىشى تاپالمىسا ھەق بېرىپ بولسىمۇ يۇيۇپ قويىدىغان كىشىنى تىپىشى كېرەك، ئۇنىڭغىمۇ ئامال بولمىسا تەيەممۇ قىلغاچ تۇرۇپ، يۇيۇنۇش پۇرسىتى تىپىلغاندا يۇيۇنۇش كېرەك بولىدۇ.

   باشقىلار يۇيۇپ قويغاندا، ئۇ كىشى سىزگە سۇنى قۇيوپ بېرىدۇ، ئەۋرىتىڭىزنى يېپىش كېرەك بولىدۇ، ئەۋرەت كىندىكتىن تىزغىچە بولىدۇ. 101816- ۋە 40204 نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    بەزى ئۆلىمالار: يۇيۇنالمايدىغان ئەمما تاھارەت ئىلىشقا قادىر بولالايدىغان كىشى، جۇنابەت ئۈچۈن تەيەممۇم قىلىدۇ، ئاندىن تاھارەت ئالىدۇ، شۇنداق قىلىش بەك ياخشى ۋە ئېھتىياتچان بولۇشتۇر ۋە ھەممە ئىختىلاپتىن يىراق بولۇشتۇر.

ئەگەر سىز تاھارەت ئېلىشقا قادىر بولۇپ، يۇيۇنۇشقا قادىر بولالمىسىڭىز، سوئالدا بايان قىلىنغاندەك، جۇنابەتكە تەيەممۇم قىلىپ، نامازغا تاھارەت ئالىسىز.

 ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەر-ئاياللارغا تاھارەت ئېلىش ۋە تەيەممۇم قىلىش مۇمكىن بولسا شۇنداق قىلىش كېرەك، ئەگەر تەيەممۇم قىلسا ئۆلىمالارنىڭ ئىككى قارىشىنىڭ بېرىدە بۇمۇ توغرا بولىدۇ".

    ھەنەپى ۋە مالىكى مەزھىبىدە، سۇ بىلەن پاكىزلىنىش بىلەن تەيەممۇم بىلەن پاكىزلىنىشنى بىرگە قىلمايدۇ، يەنى ئەسلى بىلەن ئەسلىنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان ئىشنى بىرگە قىلمايدۇ، ياكى تاھارەت ئالىدۇ ياكى تەيەممۇم قىلىدۇ.

    شاپىئى ۋە ھەنبەلى مەزھىبىدە، مۇمكىن بولسا سۇ بىلەن يۇيۇنىدۇ، مۇمكىن بولمىغان يەرلىرىگە تەيەممۇم قىلىدۇ.

    تاھارەت ئىلىپ ھەم تەيەممۇم قىلغاندا قايسىسىنى باشتا قىلسا ئوخشاش بولىدۇ، ياخشىسى دەسلەپتە تاھارەت ئىلىپ كېيىن تەيەممۇم قىلىشتۇر. [پەتىۋالار مەجمۇئەسى21-توم 453-بەت]. 

    شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: مېنىڭ دۈمبەمنى ئوپىراتسىيە قىلغان، مان نامازغا تەستە تەرەت ئالىمەن، بىر كېچىسى ئېھتىلام بولۇپ قىلىپ، ئوپىراتسىيە قىلغان ئورۇنغا تەسىرى بولمىسۇن دەپ يۇيۇنۇشقا قادىر بولالمىدىم، بۇنىڭ ئورنىغا تەيەممۇم قىلساممۇ بولامدۇ؟ تەيەممۇم قىلىپ بولغاندىن كېيىن تاھارەت ئىلىشىم كېرەكمۇ؟بۇنداق ھالەتتە قانداق قىلىشىم كېرەك؟ جاۋابىلارنى كۈتىمەن دەپ سوئال قىلىنغاندا، شەيخ مۇنداق دەپ جاۋاپ بەرگەن: مۇسۇلمان بارلىق ئەھۋالدا كۈچىنىڭ يېتىشچە ئاللاھدىن قورقۇشى كېرەك، چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: كۈچىڭلارنىڭ يېتىشچە ئاللاھدىن قورقۇڭلارتەغابۇن سۈرىسى 16-ئايەت. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:مەن سىلەرنى قانداق ئىشتىن چەكلىسەم ئۇنىڭدىن يىراق بولۇڭلار، قانداق ئىشقا بۇيرىسام كۈچىڭلارنىڭ يېتىشچە ئۇنى ئادا قىلىڭلار. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

    بىمار تاھارەت ئىلىش ۋە يۇيۇنۇشقا قادىر بولالمىسا، تەيەممۇم قىلسا كۇپايە قىلىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:   وَإِنْ كُنْتُمْ مَرْضَى أَوْ عَلَى سَفَرٍ أَوْ جَاءَ أَحَدٌ مِنْكُمْ مِنَ الْغَائِطِ أَوْ لامَسْتُمُ النِّسَاءَ فَلَمْ تَجِدُوا مَاءً فَتَيَمَّمُوا صَعِيدًا طَيِّبًا فَامْسَحُوا بِوُجُوهِكُمْ وَأَيْدِيكُمْ مِنْهُ  تەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر! (سىلەر تاھارەتسىز بولۇپ) ناماز (ئوقۇماقچى بولۇپ) تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسھى قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، ئەگەر جۇنۇپ بولساڭلار پاكلىنىڭلار (يەنى غۇسلى قىلىڭلار)، ئەگەر كېسەل بولساڭلار (سۇ زىيان قىلىدىغان بولسا)، ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ (سۇ تاپالمىساڭلار)، ياكى سىلەرنىڭ بىرسىڭلار ھاجەتخانىدىن كەلگەن (يەنى تاھارەت سۇندۇرغان) بولساڭلار، ياكى ئاياللىرىڭلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلغاندىن كېيىن (غۇسلى تاھارەت ئۈچۈن) سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراقتا تەيەممۇم قىلىڭلار، ئۇنىڭ بىلەن يۈزۈڭلارغا، قولۇڭلارغا مەسھى قىلىڭلار، اﷲ سىلەرگە سىلەرگە مۇشەققەتنى خالىمايدۇ، لېكىن اﷲ شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى پاك قىلىشنى، (ئىسلام شەرىئىتىنى بايان قىلىش بىلەن) نېمىتىنى سىلەرگە تاماملاشنى خالايدۇمائىدە سۈرىسى 6-ئايەت.

   سۇ بىلەن تاھارەت ئېلىش ۋە يۇيۇنۇشقا قادىر بولالمايدىغان كىشىلەر سۇنى يوقۇتۇپ قويغان كىشىنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ.

    يۇيۇنماستىن تاھارەت ئېلىشقا قادىر بولالىسا، تاھارەت ئالىدۇ، يۇيۇنىشنىڭ ئورنىغا تەيەمممۇم قىلدۇ. بۇ ھەقتە بىز يۇقىرىدىكى ئايەتتە بايان قىلدۇق". ئاللاھ تائالا توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى