شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

نامازدا ئىككى قولىنى كۆتۈرۈشنىڭ سۈپەتلىرى ۋە ناماز ئوقۇغۇچى بۇنى خاتا قىلىپ سالسا قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

مەن ناماز ئوقۇغان ۋاقتىمدا، رۇكۇدىن تۇرغاندا ئىككى قولۇمنى ئىككى دولامنىڭ باراۋېرىدە ياكى ئىككى قۇلۇقىمنىڭ باراۋېرىدە قىلماي پەسكە چۈشۈرۈپتىمەن، بىلگەندىن كېيىن قولۇمنى قويۇشنى توغرا شەكىلدە قىلدىم، مېنىڭ قولۇمنى توغرا شەكىلدە قويمىغان ھالەتتىكى نامىزىم توغرا بولامدۇ ياكى خاتامۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، بارلىق ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: ناماز باشلاش تەكبىرىنى ئېيتقاندا، رۇكۇ قىلغاندا، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە ۋە ئىككىنچى رەكەتتە تەشەھھۇتتىن كېيىن ئورنىدىن تۇرغاندا، ئۈچىنچى رەكەتكە تۇرغاندىكى ۋاقىتلاردىن ئىبارەت نامازدىكى تۆت ئورۇندا قولىنى كۆتۈرىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. بۇنىڭ دەلىلى، ناپىئ مۇنداق دەيدۇ: ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نامازنى باشلىغاندا ئىككى قولىنى كۆتۈرەيتتى، رۇكۇ قىلغاندىمۇ شۇنداق قىلاتتى، رۇكۇدىن تۇرۇپ"سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە" دېگەندىمۇ ئىككى قولىنى كۆتۈرەيتتى، ئىبنى ئۆمەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇنداق قىلاتتى دېگەن. [بۇخارى رىۋايىتى 739-ھەدىس].

    ئۇستاز ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:"ئىككى قولىنى كۆتۈرەيدىغان ئورۇن تۆت بولۇپ، ناماز باشلاش تەكبىرىنى ئېيتقاندا، رۇكۇ قىلغاندا، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە، ئىككىنچى رەكئەتتىن كېيىن تەشەھھۇت ئوقۇپ بولۇپ ئۈچىنچى رەكئەتكە تۇرغاندا". [شەھرىل مۇمتى، 3-توم 214-بەت].

   ئىككى قولىنى كۆتۈرۈشنىڭ شەكلى توغرىسىدا: بەزى ھەدىسلەردە ئىككى دولىسىنىڭ باراۋېرىدە دېيىلگەن، بەزى ھەدىسلەردە ئىككى قۇلۇقىنىڭ يۇمشىقىغىچە دېيىلگەن.

    ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز باشلىغاندا ئىككى قولىنى ئىككى دولىسىنىڭ باراۋېرىدە كۆتۈرگەنلىكىنى كۆردۈم، رۇكۇ قىلىش ئۈچۈن تەكبىر ئېيتقاندىمۇ شۇنداق قىلاتتى، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندىمۇ شۇنداق قىلىپ "سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە" دەيتتى، سەجدىگە بارغاندا ئۇنداق قىلمايتتى. [بۇخارى رىۋايىتى 736-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 390-ھەدىس].

    مالىك ئىبنى ھۇۋەيرس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ناماز باشلاش ئۈچۈن تەكبىر ئېيتقاندا ئىككى قولىنى ئىككى قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىنىڭ باراۋېرىگىچە كۆتۈرەيتتى، رۇكۇ قىلغاندىمۇ شۇنداق قىلاتتى، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە "سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە" دەپ شۇنداق قىلاتتى دېيىلگەن. [مۇسلىم رىۋايىتى 391-ھەدىس].

    مۇشۇ ھەدىسلەرگە ئاساسەن ئۆلىمالار ئىككى قولىنى قانداق كۆتۈرۈش توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشتى: بەزى ئۆلىمالار ئىككى قولىنى كۆتۈرۈش ئىككى دولىسىنىڭ باراۋېرىگىچە بولىدۇ دېگەن ھەدىس بويىچە يول تۇتتى، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب، ئىبنى ئۆمەر، ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارمۇ مۇشۇ قاراشتا بولدى. ئىمام شاپىئى رەھىمەھۇللاھمۇ "ئەلئۇم" ناملىق ئەسىرىدە بۇ قاراشنى بايان قىلدى، شاپىئى مەزھىبىدىكىلەر، ئىمام مالىك، ئىمام ئەھمەد، ئىسھاق ۋە ئىبنى مۇنزىر قاتارلىق ئۆلىمالارمۇ مۇشۇ قاراشنى تاللىغان. [ئەلمەجمۇئ 3-توم 307-بەت].

    ئىمام ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھ ئىككى قۇلاقنىڭ يۇمشىقىغىچە بولىدۇ دېگەن ھەدىس بويىچە يول تۇتقان.

    ئىمام ئەھمەدتىن بايان قىلىنغان يەنە بىر رىۋايەتتە: قايسىسىنى قىلسا بولىدۇ، ئىككىلىسى بىر-بىرىن ئارتۇق ئەمەس دېيىلگەن، ئىبنى مۇنزىر ۋە بەزى ھەدىس ئۆلىمالىرىمۇ بۇ قاراشنى ياخشى دەپ قارىغان.

    شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ: بۇ ئەڭ توغرىسىدۇر، ھەر ئىككى شەكىلدە قولنى كۆتۈرۈش سۈننەتتۇر، بىزنىڭ موللا ئەلى قارى، ئىمام سىندىي ھەنەپىي قاتارلىق تەتقىقاتچى ئالىملارمۇ بۇ قاراشقا مايىل بولغان.

    شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھنىڭ "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزىنىڭ ئەسلى سۈپىتى" ناملىق ئەسىرى 1-توم 202 -بەت.

    ئىككىنچى: نامازدا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئورۇنلاردا ئىككى قولىنى كۆتۈرۈش نامازنىڭ سۈننەتلىرىدىندۇر.

     "پىقھى توپلاملىرى 27-توم 95-بەتتە" مۇنداق بايان قىلىنغان: "شاپىئى ۋە ھەنبەلى مەزھەپ ئۆلىمالىرى: رۇكۇ قىلغاندا، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە ئىككى قولىنى كۆتۈرۈشنى نامازنىڭ سۈننەتلىرىدىن ھېسابلىغان".

    ئىمام سۇيۇتى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "نامازدا ئىككى قولىنى كۆتۈرۈش پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئەللىك ساھابىنىڭ ھەدىس بايان قىلىشى بىلەن بىكىتىلگەن".

     نامازنىڭ سۈننەتلىرىنى تەرك قىلىش نامازنىڭ توغرا بولماسلىقىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، ئەگەر ناماز ئوقۇغۇچى ناماز ئېچىدە ھېچ يەردە قولىنى كۆتۈرمىسە بۇنىڭ ئۇ كىشىنىڭ نامىزىنىڭ توغرا بولماسلىقىغا تەسىرى بولمايدۇ، لېكىن نامازنىڭ سۈننەتلىرىنى تەرك قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ساۋابىدىن مەھرۇم قالىدۇ.

    ئىككى قولىنى كۆتۈرۈش ۋە قول كۆتۈرۈشنىڭ شەكلى تەرەپتىن يۈز بەرگەن بەزى ئىشلارنىڭ ھېچ تەسىرى بولمايدۇ، چۈنكى بۇ پۈتۈنلەي قولىنى كۆتۈرمىگەندىن ئاساندۇر.

    سوئالنىڭ جاۋابى: قول كۆتۈرۈرشنىڭ شەكلىدە يۈز بەرگەن ئازراق خاتالىق، ئاندىن ئۇ خاتالىقنى تۈزەلتىشنىڭ نامىزىڭىزنىڭ توغرا بولىشىغا ھېچ تەسىرى بولمايدۇ.

    شۇنىڭ ئۈچۈن سىزگە قىلىدىغان نەسىھىتىمىز: ئىككى قولىنى كۆتۈرۈشنىڭ شەكلى توغرىسىدا بەك چەكتىن ئاشۇرۋەتمەڭ، ئىككى قولىڭىز ئىككى دولىڭىزنىڭ باراۋېرىدە بولماي قالسا، يەنە بىر قېتىمدا ئۇنىڭدىن بەك ئاشۇرىۋەتمەڭ، چۈنكى بۇنداق قىلىش شەك-شۈبھە ۋە ۋەسۋەسىنى پەيدا قىلىدۇ، نامازدىكى ھەرىكەتلەرنى تەكرار قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇنداق قىلىش ئىككى قولىنى كۆتۈرۈشتىكى ئىختىلاپتىنمۇ يامان بولىدۇ.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى