پەيشەنبە 23 شەۋۋال 1445 - 2 ماي 2024
Uygur

رامزاننىڭ كۈندۈزدە تۈرۈك قەھۋەسىنى پۇراشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

   خىزمەتتە جۇشقۇن بولۇش ئۈچۈن رامزاننىڭ كۈندۈزدە تۈرۈك قەھۋەسىنىڭ ھورىنى سۈمۈرۈشنىڭ ھۆكمى قانداق؟ تۈرۈك قەھۋەسىنىڭ ھورىنى سۈمۈرگەن ۋاقتىمدا بەدىنىمدە بىر خىل كۈچنى تاپىمەن، ئەگەر ئۇنداق قىلمىسام، بىر خىل ھورۇنلۇق، مۈگدەش ۋە خىزمىتىمنى تولۇق ئادا قىلالماسلىقىمنى ھېس قىلىمەن؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئەگەر قەھۋە ماددىسىدىن بىر نەرسىنى سۈمۈرۈشىنى مەقسەت قىلغان بولسا، قەستەن شۇنداق قىلسا،روزا بۇزۇلىدۇ، چۈنكى ئۇ دىماغقا يېتىدۇ، كۆپچىلىك پىقھى ئالىملىرىنىڭ قارىشىغا كۆرە، ئۇ كىشى روزىسىنى بۇزغۇچى بولىدۇ، چۈنكى كۆپ ۋاقىتتا ئۇنىڭ مەلۇم قىسمى ئاشقازانغا يېتىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن يىمەكلىك قۇۋۋىتىگە ئوخشاش قۇۋۋەت ھاسىل بولىدۇ، خۇددى سوئالدا بايان قىلىنغانغا ئوخشاش.

    "كەشاپۇل قىنا"  2 -توم 318 -بەتتە مۇنداق كەلگەن: "بۇرنىدىن مايلىق ياكى مايسىز بىر نەرسىنى تېمىتسا، ئۇ نەرسە كانايغا ياكى نېرۋىسىغا يەتسە (كاپىيدا) دىمىقىغا يەتسە، ئۇنىڭ بىلەن روزىسى بۇزۇلىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام روزىدارنى تاھارەت ئالغاندا، دىمىقىغىچە سۇ ئېلىشتىن چەكلىگەن، چۈنكى دىماغ دېگەن بەدەننىڭ ئېچىگە ئوخشاش بوش بولۇپ، غىزالىنىدىغان ماددا ئۇنىڭغا يېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن روزىسى بۇزۇلىدۇ".

    ئەگەر ئۇ كىشىنىڭ مەقسىتى قەھۋەنىڭ ھورىنى سۈمۈرۈش ئەمەس بەلكى پۇراش بولسا بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ، چۈنكى پۇراق دېگەننىڭ ئېغىرلىقى بولمايدۇ.

    دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى 10 -توم 271 -بەتتە مۇنداق كەلگەن: "روزىدار كىشى رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە قايسى تۈردىكى خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلەتسە ئۇنىڭ بىلەن روزىسى بۇزۇلمايدۇ، لېكىن ئۇ كىشى سوقۇلغان مىسكە-ئەنبەرگە ئوخشاش سوقۇلغان خۇشبۇي نەرسىلەرنى سۈمۈرسە بولمايدۇ".

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن:  روزىدار كىشى رامزاننىڭ كۈندۈزدە خۇشبۇي ئەتىرلەرنى پۇرىسا روزىسى بۇزۇلامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: " رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلەتسە ۋە سۈمۈرسە بولىدۇ، لېكىن خۇشبۇي نەرسىنىڭ ئىسرىقلىرىنى پۇرىماسلىق كېرەك، چۈنكى ئىسرىقنىڭ ۋەزنى بولۇپ ئاشقازانغا يېتىدۇ، ئۇ تۈتۈندىن ئىبارەتتۇر". ["رامىزان پەتىۋالىرى"  499 -بەت.]

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى