سەيشەنبە 14 شەۋۋال 1445 - 23 ئاپرىل 2024
Uygur

ئىككى ھەپتىدىن كېيىن نىپاس توختاپ، سېرىق ئاجرالمىلار كەلگەن بولسا، قايسى ۋاقىتتا پاك بولىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

   مەن بىريىل ئىلگىرى توغدۇم، تۇغۇپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن نىپاسنىڭ قېنى توختىدى، يۇيۇنۇپ نامازنى ئادا قىلدىم، لېكىن سېرىق رەڭلىك ئاجرالمىلار توختىماي كېلىشكە باشلىدى، تەدرىجى ئازلىدى، ئىككى ھەپتە قان كەلمەي، ئاجرالمىلار كەلدى، بۈگۈن ئاجرالمىلارنىڭ كېلىشى داۋاملىشىش بىلەن ئارزاق قان كەلدى، مەن ھازىرغىچە نىپاس ئىچىدە بولىمەنمۇ ياكى يۇيۇنۇپ ناماز ئوقۇيمەنمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    ھەيز ۋە نىپاستىن پاك بولغانلىق تۆۋەندىكى ئىككى ئالامەتنىڭ بىرى بىلەن بىلىنىدۇ:

    بىرىنچى: ئاياللارغا تونۇشلۇق بولغان ئاق سۇنىڭ كېلىشى بىلەن بولىدۇ.

    ئىككىنچى: تولۇق قۇرۇش بىلەن بولىدۇ، ھەيز كىلىدىغان ئورۇنغا پاختا قاتارلىق نەرسىلەرنى قويغاندا، ئۇنىڭدا ھېچ قانداق سېرىقلىق ۋە دۇغلۇقنىڭ ئىزى بولماي پاكىزە بولۇش بىلەن بولىدۇ.

    باجى رەھىمەھۇللاھ "ئەلمۇنتەقا شەرھى مۇئەتتا" 1-توم 119-بەتتە مۇنداق دېگەن: " ئادەتتە پاك بولغانلىق ئىككى ئىش بىلەن بولىدۇ: ئاق سۇنىڭ كېلىشى بىلەن، ئەلىي ئىبنى زەيادنىڭ مالىكتىن قىلغان رىۋايىتىدە: ئۇنى مەنىيگە ئوخشاتقان، ئىبنى قاسىمنىڭ مالىكتىن قىلغان رىۋايىتىدە ئۇنى سۈيدۈككە ئوخشاتقان.

   ئىككىنچى ئىش: تولۇق قۇرۇش بىلەن، ئايال پاختا ياكى رەختنى ھەيز ئورنىغا كىرگۈزسە، ئۇ ھېچ قانداق قاننىڭ ئىزى يوق قۇرۇق بولسا پاك بولغان بولىدۇ.

بۇ ئىشتا ئاياللارنىڭ ئادىتى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ، بەزىلەر ئاق سۇنى كۆرۈش بىلەن پاك بولىدۇ، بەزىلەر تولۇق قۇرۇغاندىن كېيىن پاك بولىدۇ، ھەر قانداق ئايالنىڭ ئادىتى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىككى ئىشنىڭ بىرى بىلەن بولىدىكەن، ئۇ ئايالنىڭ پاك بولغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ".

   سىزنىڭ سوئالىڭىزغا كۆرە، سىزدە تولۇق قۇرۇش ھاسىل بولماپتۇ، بەلكى ئىككى ھەپتىدىن كېيىن قان ئۈزۈلگەن بىلەن سېرىق ئاجرالمىلار داۋاملىشىپتۇ، قان ئۈزۈلۈپ يەنە ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئازراق قان كەپتۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ھازىرمۇ نىپاسلىق ھالەتتە ئىكەنسىز، پاك بولۇشتىن ئىلگىرى يۇيۇنۇپ ناماز ئوقۇپ خاتا قىلىپسىز.

    شەيخ مۇھەممەد ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: بىر ئايال ئىككى ھەپتە نىپاسلىق ھالەتتە بولۇپ، ئىككى ھەپتىدىن كېيىن بۇ قان تەدرىجى سېرىقلىققا مايىل بەلغەمدەك سۇيۇق ماددىغا ئۆزگىرىدۇ، بۇ قىرىق كۈنگىچە داۋاملىشىپ، قانغا ئەگىشىپ كەلگەن مۇشۇ ماددىغىمۇ نىپاسنىڭ ھۆكمى بېرىلەمدۇ ياكى پاكلىقنىڭ ھۆكمىمۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: " ئايالدا تولۇق پاكلىقنىڭ ئالامىتى كۆرۈلمەيدىكەن، قاندىن كېيىن كەلگەن سېرىق ياكى بەلغەمدەك سۇيۇق ماددىلار قاننىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ، مۇشۇ نەرسىلەر تولۇق ئاخىرلاشقاندا ئاندىن پاك بولىدۇ. ["مۇسۇلمان ئاياللار توغرىسىدىكى پەتىۋا" 304-بەت].

    ئىككىنچى: نىپاسنىڭ ئەڭ كۆپ ۋاقتى قىرىق كۈن بولۇپ، ئەگەر قىرىق كۈندىن بۇرۇن پاك  بولسىڭىز، سېرىقلىق داۋاملاشسا ياكى قان كېلىپ قىرىق كۈندىن ئېشىپ كەتسە، ئەگەر بۇ ۋاقىتنىڭ سىزنىڭ ئادەت كۆرىدىغان ۋاقتىڭىزغا ئۇدۇل كەلگەن بولسا، ئۇ ۋاقىتتا كەلگەن سېرىقلىق ياكى قان ھەيز ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر ھەيز كۈنىڭىزگە مۇۋاپىق كەلمىسە، ئۇ خۇن كېسىلى ھېسابلىنىدۇ.

    ئىمام تىرمىزى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى، تابىئىنلار ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى ئالىملار شۇنىڭغا بىرلىككە كەلدىكى، نىپاسدار ئايال قىرىق كۈن ناماز ئوقۇمايدۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن بۇرۇن پاك بولغان بولسا، يۇيۇنۇپ نامازنى ئادا قىلىدۇ، قىرىق كۈندىن كېيىن يەنە قان كەلگەن بولسا، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا كۆرە، قىرىق كۈندىن كېيىن نامازنى تەرك قىلمايدۇ. بۇ سۇپيان سەۋرىي، ئىبنى مۇبارەك، شاپىئىي، ئەھمەد ، ئىسھاق ۋە كۆپچىلىك پىقھى ئالىملىرىنىڭ قارىشىدۇر.  "[سۈنەن تىرمىزى"  1 - توم 256 -بەت. ]

   سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى ئالىملىرى مۇنداق دەيدۇ: " ئايال قىرىق كۈندىن بۇرۇن پاك بولغان بولسا يۇيۇنۇپ نامازنى ئادا قىلىدۇ، روزا تۇتىدۇ، ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتە بولسا بولىدۇ".  ئەگەر قىرىق كۈندىن كېيىنمۇ قان كەلگەن بولسا، ئۇ ئايال پاك ئايالنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ، چۈنكى ئالىملارنىڭ توغرا قارىشىدا نىپاسنىڭ ئاخىرىقى مۇددىتى قىرىق كۈن ھېسابلىنىدۇ، قىرىق كۈندىن كېيىن كەلگەن قان بۇزۇق قان بولۇپ، ئىستىھازىنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ ئايلىق ئادىتىگە توغرا كېلىپ قالسا، بۇ ھەيز ھېسابلىنىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا نامازنى ئوقۇمايدۇ، روزا تۇتمايدۇ ۋە جىنسى مۇناسىۋەتتە بولمايدۇ".  ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 5 -توم 417 -بەت.]

      ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى