سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

تاھارەتتىكى ۋەسۋەسە ۋە بۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا

سۇئال

مەن كۆپ ۋاقىتتا تاھارىتىم بۇزۇلدىمۇ ياكى بۇزۇلمىدىمۇ؟ دېگەن ۋەسۋەسىگە چۈشۈپ قالىمەن، ئاندىن بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئۆزۈم بىلەن مۇنازىرە قىلىمەن، ئاشقازىنىمدا پەيدا بولغان بەزى ئاۋازلار سەۋەبىدىن يەنە ۋەسۋەسىگە چۈشۈپ قالىمەن، گەرچە بۇنىڭ ھېچ ئەھمىيىتى يوق ئىكەنلىكىنى بىلسەممۇ، لېكىن بۇ ئاۋاز بەزى ۋاقىتتا دۇبۇردا پەيدا بولىدۇ، بۇنىڭدىن قۇتۇلالمىدىم، بۇنىڭ بىلەن تاھارەت سۇنامدۇ ياكى سۇنمامدۇ؟، مېنىڭ ئۈچۈنمۇ ھەر ۋاقىت تاھارەت يېڭىلاش ئاسان ئەمەس، بەزى دەرستە بەزى سىرتتا بولىمەن، چۈنكى مېنىڭ تاھارەت يېڭىلىشىم ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ، ھىجابىمنى ۋە پايپاقلىرىمنى سالىمەن، بۇ ئىش مېنىڭ ئىبادەتتىكى قىزغىنلىقىمنى ئۈزۈپ قويىدۇ، ئەمەلىيەتتە تاھارەت بۇزۇلسا مېنى تاھارەت ئىلىشتىن چەكلەپ قويىدىغان ھېچبىر چەكلىمە يوق، لېكىن مەن ۋەسۋەسىدىن بەك بىزار بولدۇم، تاھارەت بۇزۇلدى، قايتا تاھارەت ئالاي دەپ ئويلايمەن، بۇنىڭ زېيىنى يوق، لېكىن نامازنى داۋاملاشتۇرسام، ئىبادىتىم قوبۇل بولماي قالسا قانداق بولىدۇ؟، مەن ئۆزۈمنى تاھارەت ئالدىم دەپ ئويلايمەن، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، مەن بۇنىڭدىن قاتتىق بىئارام بولىمەن، چۈنكى ئاللاھ تائالا مېنىڭ ئىبادىتىمنى ۋە تەۋبەمنى قوبۇل قىلارمۇ ياكى قىلماسمۇ؟ مەسىلەن: مەن تاھارەتتە يۈزبەرگەن خاتالىقىمنى كېيىن بىلدىم، مەن كۆرسەتكۈچ بارمىقىم بىلەن ئىككى قۇلىقىمنىڭ تۆشىكىنىلا تازىلايدىكەنمەن، لېكىن ئەسلىدە قۇلاقنى ئىچىدىن تولۇق تازىلىشىم كېرەككەن، كېيىن بۇنى تۈزەتتىم، مۇشۇ خاتالىقىم سەۋەبىدىن ئىلگىرىكى نامىزىم ۋە ئالغان تاھارەتلىرىم قوبۇل بولمىدىمىكى دەپ بەك ئەنسىرەيمەن، مەندە قەتئىيلىك ۋەسۋەسىسىدىن بىر تۈرى بار دەپ ئويلايمەن، بەزى ناماز ئوقۇۋېتىپ كۆز ئالدىمدا ئاجايىپ بىر سۈرەت ۋە ئويلاشنى خالىمايدىغان غەيرى پىكىرلەر پەيدا بولۇپ قالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن نامىزىم باتىل بولۇپ كېتەمدىكىن دەپ ئويلايمەن. نىجاسەت، چاڭ-توزان، گەندە پۇرىقى قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ بىكىتىلىنىشى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: سىزگە قىلىدىغان نەسىھەت: سىز نامازدا ۋە باشقا ئىبادەتلەردە دۇچ كەلگەن شەك-شۈبھىلەرگە پەرۋا قىلماڭ، شەك-شۈبھىنى تاشلاڭ، ئىككىلەنمەڭ، ھەسرەتلەنمەڭ، سىز توغرا يولدا، بەلكى سىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلىۋاتىسىز، نامازدا بىر ئىش يۈزبەرگەندەك خىيال قىلىپ قالىدىغان بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا شىكايەت قىلىپ كەلگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: سىز بىرەر ئاۋازنى ئاڭلىمىغۇچە ياكى بىرەر پۇراقنى تاپمىغۇچە نامازدىن چىقماڭ دېگەن. [بۇخارى رىۋايىتى137 ۋە مۇسلىم رىۋايىتى 361-ھەدىس].  بۇ ھەدىستىن بولغان مەقسەت: تاھارەتنىڭ بۇزۇلغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىش دېمەكتۇر.

    شەك-شۈبھە ۋە خىياللار ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ، سىز تاھارەت سۇنغانلىقىغا ئىشەنچ قىلمىغۇچە نامازدىن چىقماڭ، بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرىقى، گەرچە ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ تەرىتىڭىز بۇزۇلغان بولسىمۇ ئوقۇغان نامىزىڭىز توغرا بولىدۇ.

    لېكىن مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ تاھارەتسىز ناماز ئوقۇغانلىقىغا ئىشەنچ قىلغان ۋاقتىدا، ئۇ نامازنىڭ ۋاقتى چىقىپ كەتمىگەن بولسا، ئۇ نامازنى قايتىدىن ئوقۇيدۇ، ئەمما تاھارىتىنىڭ بۇزۇلغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالمىسا، ئۇ ۋاقىتتا ئوقۇغان نامىزى توغرا بولىدۇ ۋە بۇنىڭ ھېچ زېيىنى بولمايدۇ. 

    ئىككىنچى: قۇلاققا مەسىھ قىلىشنىڭ ۋاجىپ ياكى مۇستەھەبلىكى توغرىسىدا ئۆلىمالار ئارىسىدا ئىختىلاپ بار، كۆپچىلىك ئۆلىمالار ۋاجىپ ئەمەس بەلكى مۇستەھەپ دەپ قارايدۇ، ھەنبەلى مەزھەب ئۆلىمالىرى ۋاجىپ دەپ قارىسىمۇ لېكىن ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھدىن، قۇلاققا مەسىھ قىلىشنى تەرك قىلغان كىشىنىڭ ئالغان تاھارىتى دۇرۇس بولىدۇ دېگەن قاراش نەقل قىلىنغان.

     ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ"ئەل مۇغنى"1-توم 97-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: خەللال مۇنداق دەيدۇ: ئابدۇللاھنىڭ دادىسى ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھدىن: قەستەن ياكى ئۇنتۇپ قىلىپ قۇلاققا مەسىھ قىلىشنى تەرك قىلغان كىشىنىڭ ئالغان تاھارىتى دۇرۇس بولىدۇ دەپ بايان قىلىنغان.

كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ كۈچلۈك قارىشىدا، ئىككى قۇلاققا مەسىھ قىلمىغان ياكى بەزىسىگە مەسىھ قىلغان كىشىنىڭ ئالغان تاھارىتى دۇرۇس بولىدۇ، ئىلگىرىكى نامازلار توغرىسىدا غەم قىلماڭ، ئاللاھ خالىسا ئۇ نامازلىرىڭىز توغرىدۇر.

    سىز ئاللاھ تائالادىن ياردەم سوراش، دۇئا قىلىش، شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھلىنىش بىلەن ۋەسۋەسىنى ئۆزىڭىزدىن يىراق قىلىش، ئۇنىڭغا باقماسلىق ۋە ئەمەل قىلماسلىققا تېرىشىڭ.

    ۋەسۋەسە سىزدىن يىراق بولمىسا، بۇ ئىش سىزگە قېيىن بولسا، سىزنى ئىشەنچىلىك پىسخىكا دوختۇرىغا كۆرۈنۈشكە تەۋسىيە قىلىمىز، قەتئىيلىك ۋەسۋەسىسى دېگەن تىببى داۋالىنىشقا ئېھتىياجلىق بولىدىغان تونۇشلۇق كېسەل بولۇپ، ئىشەنچىلىك كەسىپ ئەھلى بولغان دوختۇرلار بۇنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ ياكى ھەرىكەت ئارقىلىق داۋالايدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى