شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

پىئونېر كارتى بىلەن مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا

سۇئال

    پىئونېر كارتى توغرىسىدا ھېچقانداق بىر توربەتتە  ئۇ كارت بىلەن مۇئامىلە قىلسا توغرا بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئىسلامى پەتىۋا بارلىقىنى ئاڭلىمىغان ئىدىم، لېكىن يېقىنقى ۋاقىتتا بىر قېرىندىشىمىزنىڭ تورسەھىپىسىدە ئىلان قىلغان بۇ توغرىدىكى يازمىسىنى ئوقۇدۇم، قېرىندىشىمىزنىڭ سۆزىنىڭ خۇلاسىسى: پىئۇنىير كارتىسى بىلەن مۇئامىلە قىلماسلىق توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇش بولۇپ، پىئونېر بانكىسىنىڭ ساھىبى ھەر يىلى پىئونېر بانكىسىدىن ئالغان پايدىنىڭ كۆپ قىسمىنى يەھۇدىي ئەسكەرلىرىگە يەتكۈزۈپ بېرىدىكەن، راستىنى دېسەم مەن پەقەت مۇشۇ كارتنى ئىشلىتىش بىلەن خاتالىشىپ، ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا زۇلۇم قىلىشىغا ياردەمچى بولۇپ قالغاندىمەنمۇ دەپ ئۆزۈمدىن ئەنسىرەپ قالدىم، شۇنىڭ بىلەن بۇ كارتنى يىرتىپ تاشلاپ، تور بەتكە مېنىڭ ھېسابىنى ئېتىۋېتىش توغرىسىدا ئۇچۇر يوللىدىم، مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئۇلار مېنىڭ ھېسابىنى تاقىۋەتتى، ھازىر يەنە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا ئۇچراۋاتىمەن، بۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى تاپالمىدىم، مەن توردا بەزى شىركەتلەرنىڭ ماللىرىنى ساتىمەن، مېنىڭ مال ساتقۇچىلىرىم بولۇپ، مەن ئالغان پايدىنى بۇ شىركەتتىن ياكى چەك ئارقىلىق ئالىمەن، چۈنكى بۇنىڭ ئۈچۈن بانكا بىزدىن ھېساب ئېچىشنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن مەندە ئىشچىلارنىڭ خىزمەت كارتىسى بولىشى كېرەك، بۇ يوق، ياكى مېنىڭ بۇ شىركەتتىن ئالغان پايدىلىرىمنى ئىلىش ئۈچۈن مېنىڭ ئامېرىكا بانكىلىرىنىڭ بىرىدىن ئاچقان ھېسابىم بولىشى كېرەك، بۇمۇ يوق، لېكىن پىئونېر كارتىسى ماڭا ئامېرىكا بانكىسىنىڭ ھېسابىنى ھەقسىز بېرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مەن ئالغان پايدىنى كارتىمغا يۆتكەپ، ئاندىن ھەر قانداق ئېلىكترونلۇق پۇل ئىلىش ماشىنىسىدىن ئالسام بولىدۇ. مېنىڭ سوئالىم: ئاشۇ قېرىندىشىمىزنىڭ دېگەن سۆزى توغرىمىدۇ؟ مېنىڭ مۇھتاجلىق ھۆكمى بىلەن پىئونېر كارتىسى بىلەن مۇئامىلە قىلىشىم توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولدا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت- سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: كاپىرلار بىلەن گەرچە ئۆز ئارا ئۇرۇش قىلىۋاتقان بولسىمۇ ئۇلار بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا بولىدۇ، لېكىن ئۇلارغا ئۇرۇشقا كېرەكلىك بولغان تۈرلۈك قورال-ياراق، ئوق-دورا، تىببى مۇلازىمەت قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىپ بېرىشكە بولمايدۇ.

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۇرۇش قىلىۋاتقان كاپىرلارغا قورال-ياراق قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىپ بېرىش بىردەك چەكلىنىدۇ". ["ئەلمەجمۇئ" 9-توم 432-بەت].

   "پىقھى توپلاملىرى" 7-توم 112-بەتتە: "پىقھى ئالىملىرىنىڭ سۆزلىرى ئۇرۇش قىلىۋاتقان كاپىرلار بىلەن تىجارەت قىلىشنىڭ توغرا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، مۇسۇلمان ياكى مۇسۇلمانلار ئەمىنلىك بەرگۈچى (زىممىي) تىجارەت ئۈچۈن خاتىرجەم ئۇرۇش رايونىغا كىرگەن بولسا، شۇنداقلا ئۇرۇش قىلىۋاتقان كاپىرلاردىن بىرى تىجارەت ئۈچۈن خاتىرجەم بىرنىڭ رايونىمىزغا كىرگەن بولسا، ئۇلارنىڭ تىجارەت ئۈچۈن ئىسلام دىيارى چېگرىسىدىن ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن ماللىرىدىن ئوندا بىر پىرسەنت ھەق ئېلىنىدۇ". (ئۆشۈر ئېلىنىدۇ).

    لېكىن ئۇرۇش قىلىۋاتقان كاپىرلارغا ئۇلارنى كۇچلاندۇرىدىغان قورال-ياراق، ئوق-دورا قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىپ بېرىش توغرا بولمايدۇ، شۇنىڭدەك، ئۇلارنىڭ ھاراق، چوشقا قاتارلىق شەرىئەتتە چەكلەنگەن نەرسىلەرنى ئىسلام دىيارىغا ئەكىلىپ سېتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، بۇنىڭغا يول قويماسلىق كېرەك.

    ئەمىنلىككە ئېرىشكەن ھەربى كاپىرنىڭ ئىسلام دىيارىدىن قورال-ياراق سېتىۋىلىشى چەكلىنىدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان چەكلىمىلەردىن سىرت باشقا تىجارەتچىلەرنى قىلسا بولىدۇ.

    لېكىن مالىكى مەزھەپ ئالىملىرى ئايرىم بىر قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى. يەنى: ھەربى كاپىرنىڭ بىزنىڭ دىيارىمىزدىن نەرسىلەرنى ئېكسپورت قىلىشى چەكلىنىدۇ، شۇنىڭدەك مۇسۇلمان تىجارەتچىنىڭمۇ كاپىرلارنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنۇپ ئۇرۇش رايۇنىدا تىجارەت قىلىشى چەكلىنىدۇ، چۈنكى مۇسۇلماننىڭ مۇرشىكلار ئارىسىدا تۇرۇشى چەكلىنىدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇشرىكلارنىڭ ئارىسىدا تۇرىۋاتقان ھەر قانداق مۇسۇلماندىن ئادا-جۇدامەن»، شۇنىڭدەك ئىككى تەرەپ ئارىسىدا سۈلھى بولمىغان ۋاقىتتا مۇسۇلمانلار دىيارىدىن يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېكسپورت قىلىشمۇ چەكلىنىدۇ، سۈلھى بولسا چەكلەنمەيدۇ.

    بىزنىڭ دىيارىمىزدىن ئېكسپورت قىلىشنىڭ توغرا بولىدىغانلىقىنىڭ دەلىلى: سۇمامە ئىبنى ئاسال ئەلھەنەپىي بايان قىلىغان ھەدىس بولۇپ، ئۇ كىشى مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن، مەككە ئەھلى ئۇ كىشىگە: ئەسلى دىنىڭدىن چىقتىڭمۇ؟ دېگەندە، ئۇ كىشى: ئاللاھقا قەسەمكى، مەن ئەسلى دىنىمدىن چىقمىدىم، لېكىن مەن ئاللاھقا بويسۇندۇم، مۇسۇلمان بولدۇم، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئىشەندىم، سۇمامەنىڭ جىنى قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى!، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام رۇخسەت قىلمىغۇچە سىلەرگە يەمامىدىن بىر تال دان كەلمەيدۇ دەپ مەككىدىن ئۆز يۇرتى يەمامىگە قايتىپ كېلىپ، مەككىگە ئاشلىق يۆتكەشنى چەكلىدى، مەككىدە ئاچارچىلىق يۈزبەردى، مەككە خەلقى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەكتۇپ يېزىپ، ئارىسىدىكى تۇغقانداشلىقنى تۇتقا قىلىپ، سۇمامىگە سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىگە ئاشلىق ئەۋەتىشكە رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇنداق قىلدى".

    بۇ ۋەقەلىك گەرچە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئۇرۇش بولاۋاتسىمۇ ئاچارچىلىق يۈز بەرگەندە، دۈشمەن تەرەپكە ئاشلىق قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېكسپورت قىلىشنىڭ توغرا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە ۋە باشقا ۋەقەلىكلەردە يەنە ئۇرۇش قىلىۋاتقانلار بىلەن بولغان ئىلگىرىكى دوستلۇققا قاراپ چىقىش، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشقا تەۋسىيە قىلىش بايان قىلىنغان. مەسىلەن: ئەبۇ سۇپيانغا خورما ھەدىيە قىلىش، ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇشرىك ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەسىرگە چۈشكەنلەرگە يېمەك بېرىشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر.

    كاپىرلارغا قورال-ياراق قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېكسپورت قىلىشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنىڭ دەلىلى: ئىمران ئىبنى ھۈسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام «ئىچكى ئۇرۇش بولغان ۋاقىتتا ھەر ئىككى تەرەپكە قورال-ياراق قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىپ بېرىش چەكلىنىدۇ» دېگەن. ئۇنىڭغا كۆرە، سىرتقى دۈشمەنلەرگە قورال-ياراق قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىپ بېرىش ئەلۋەتتە چەكلىنىدۇ.

     ھەسەن بەسەرى مۇنداق دەيدۇ: مۇسۇلمان ئۈچۈن ئىسلام دۈشمەنلىرىگە ئۇلارنى مۇسۇلمانلارغا قارشى كۈچلەندۈرىدىغان قورال-ياراق ۋە ئات-ئۇلاغ قاتارلىق نەرسىلەرنى يۆتكەپ سېتىپ بېرىشى قەتئىي توغرا بولمايدۇ.

    دۈشمەنلەرگە قورال سېتىپ بەرگەندە، بۇ ئىش، ئۇلارنى مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇشتا كۈچلەندۈرىدىغان، ھۇجۇم قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان، بۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولسا، بۇ چوقۇم چەكلەشنى تەقەززا قىلىدۇ".

    مانا بۇ ئۇرۇش قىلىۋاتقانلار بىلەن قورال-ياراقتىن باشقا نەرسىلەر بىلەن سودا-سېتىق قىلىشنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر. شۇنداقتىمۇ ئىلىم ئەھلى ۋە رەھبەرلەر ئۇلار بىلەن سودا-تىجارەت قىلىشنى چەكلەش مۇسۇلمانلارغا پايدىلىق دەپ قارىغاندا، بۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ، ئۇلار بىلەن مۇئامىلە قىلماسلىق كېرەك بولىدۇ.

   بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 261822 - 20732 - نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    ئىككىنچى: پىئونېر كارتى بولسا، ئالدىن پۇل تۆلەيدىغان كارت بولۇپ، پىئونېر ھېسابى بىلەن تىزىمغا ئالدۇرغۇچى ئۆزى مۇئامىلە قىلىدىغان پايدا كىلىدىغان شىركەتكە باغلانغاندىن كېيىن ئۇ كارتقا ئېنتىرنىت ئارقىلىق پۇل كېرىدۇ. بۇ قەرىز كارتى ئەمەس.

    شۇنىڭ ئۈچۈن  بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان كاپىرلار بىلەن گەرچە ئۇرۇش قىلىۋاتقان بولسىمۇ ئۇلار بىلەن مۇئامىلە قىلىش توغرا بولىدۇ دېگەن قائىدىگە ئاساسەن، بۇ كارتى بىلەن مۇئامىلە قىلىش توغرا بولىدۇ.

  ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر. 

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى