پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

رامىزان ئېيى كېرىشتىن ئىلگىرى باشقىلاردىن ئەپۇ تىلەپ ئۇچۇر يوللاشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

رامىزان ئېيى كېرىشتىن ئىلگىرى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا ئەپۇ قىلىشنى سوراپ يوللىنىدىغان ئۇچۇرلارنىڭ ھۆكمىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىشنى خالايمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بارلىق ياخشى ئەمەللەر مەيلى ئاللاھقا قىلىنىدىغان ناماز، روزا قاتارلىق خاس ئىبادەتلەر بولسۇن ياكى كىشىلەرگە قىلىنىدىغان ياخشى ئەمەللەر بولسۇن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھەر ۋاقىتتا ئادا قىلىش تەلەپ قېلىنىدۇ.

بولۇپمۇ پەزىلەتلىك ۋاقىتلاردا بۇ ئەمەللەرنى ئادا قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىلىدۇ، بەزى ۋاقىتلار كىشىلەرنىڭ ياخشى ئەمەللەرگە بەسلىشىشىنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن پەزىلەتلىك قېلىنىدۇ.

    پەزىلەتلىك ۋاقىتلاردا ئادا قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىلىدىغان ۋە تەۋسىيە قىلىنىدىغان ياخشى ئەمەللەردىن: بىر-بىرىنى ئەپۇ قىلىش ۋە ئارىسىدىكى ئاداۋەتنى يوق قىلىشتۇر.

    بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەرنىڭ بىرىڭلار روزا تۇتقان كۈنىدە ناچار سۆز قىلمىسۇن، نادانلىق قىلمىسۇن، بىرەر كىشى ئۇنىڭ بىلەن جېدەل قىلسا ياكى ئۇرۇشماقچى بولسا، مەن روزا تۇتقۇچى، مەن روزا تۇتقۇچى دېسۇن. [بۇخارى رىۋايىتى 1894-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1151-ھەدىس].

    بۇ ھەدىس ئىنساننى بىر-بىرى بىلەن قاتتىق جېدەللىشىشنى تەرك قىلىش، قارشى تەرەپكە ھەقسىزلىق قىلىش، ئۆز مەنپەئەتىگە ياردەم بېرىشنى تەرك قىلىش ۋە يامانلىققا يامانلىقنىڭ ئوخشىشى بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى تەرك قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.

    مۇسۇلمان كىشى پەزىلەتلىك ۋاقىتلاردا ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىشقا تەييارلىق قىلىش كېرەك، قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا كۆتۈرۈلۈشىدىن چەكلەپ قويىدىغان ئۆچ-ئاداۋەت بولۇپ قىلىشتىن ئەنسىرەپ كىشىلەرنى ئەپۇ تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئىنسانلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرى ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى ئاللاھقا توغۇرلىنىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشى بىلەن ئارىسىدا ئادەت بولغان كىشىلەردىن باشقىلارنى ئەپۇ قىلىدۇ، ئۇلارنى ئارىسى ياخشىلانغۇچە قويۇپ قويۇڭلار دەيدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى2565-ھەدىس].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "شەكسىزكى، كىشىلەر ئارىسىدىكى تالاش-تارتىش، ياخشىلىقنىڭ چەكلىنىشىگە سەۋەپ بولىدۇ، بۇنىڭ دەلىلى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رامزاننىڭ بىر كېچىسى ساھابىلارنىڭ يېنىغا قەدىر كېچىسى توغرىسىدا خەۋەر بېرىش ئۈچۈن چىققاندا، ساھابىلاردىن ئىككى كىشى ئىختىلاپ قىلىشىۋاتقان بولۇپ شۇنىڭ بىلەن قەدىر كېچىسىنىڭ بۇ يىلدىكى ۋاقتى كۆتۈرلۈپ كەتكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان قەلبىگە مۇسۇلمانلاردىن بىرەر كىشىنى ئۆچ كۆرۈش تۇيغۇسى كىرىپ قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. ["ئايلىق ئۈچرىشىش" 36-بۆلۈم].

    رامىزاندا بولسۇن ياكى باشقا ۋاقىتلاردا بولسۇن، كەڭ قورساق بولۇش، ئەپۇچان بولۇش، زۇلۇمنى قايتۇرۇش، زىممىسىدىن كىشىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى ئادا قىلىش ۋە كىشىلەرنى بۇنىڭغا قىزىقتۇرۇش توغرىسىدا ئۇچۇرلارنى يوللىغان كىشى شەكسىز ياخشى ئىش قىلغان بولىدۇ.

    سوزنىڭ خۇلاسىسى: مۇشۇ پەزىلەتلىك ئۇلۇغ ۋاقىتتا ئەپۇ تەلەپ قىلىش، زۇلۇمدىن ئادا-جۇدا بولۇشنى تەلەپ قىلىش ئاشكارىدۇر. ئاللاھ خالىسا مۇشۇ ياخشىلىق پەسىلدە تۈرلۈك شەكىلدە ئەپۇچانلىق ۋە كەڭ قورساق بولۇشنى ئەسلىتىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشتە ھېچ بىر قېيىنچىلىق يوق، يەنى بۇنداق قىلىش چەكلەنمەيدۇ.  

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى