پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ھېيت نامىزىدا ئوقۇلىدىغان دۇئالار توغرىسىدا

سۇئال

ھېيت نامىزىدا ئوقۇلىدىغان دۇئالار قايسى؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     ھېيت كۈنىدە ياكى ھېيت نامىزىدا مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئايرىم ئوقۇلىدىغان بىرەر دۇئانىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى بىلمەيمىز، لېكىن مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئىككى ھېيت كۈنى كېچىدە، روزا ھېيت كۈنىدە ئىمام ھېيتنىڭ خۇتبىسىنى ئاخىرلاشتۇرغانغا قەدەر، قۇربان ھېيتتا ئەراپات كۈنىدىن باشلاپ تەشرىق كۈنلىرى ئاخىرلاشقانغا قەدەر  تەكبىر، تەسبىھ، تەھلىل ۋە ھەمدلەرنى ئېيتىشنى يولغا قويغان، شۇنداقلا زۇل ھەججىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىدىمۇ  تەكبىر ئېيتىش يولغا قويۇلغان، روزا ھېيت كۈنى تەكبىر ئېيتىش توغرىسىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَلِتُكْمِلُوا الْعِدَّةَ وَلِتُكَبِّرُوا اللَّـهَ عَلَىٰ مَا هَدَاكُمْ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ تەرجىمىسى:سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا ئاللاھنى ئۇلۇغلىشىڭلارنى، (ئۇنىڭ ئىنئاملىرىغا) شۈكۈر قىلىشىڭلارنى خالايدۇز [سۈرە بەقەرە 185-ئايەت].

    بۇ توغرىدا نۇرغۇن ھەدىسلەر بايان قىلىنغان. ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن .

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: "سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلىمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋاسى" 8-توم 302-بەت