جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

شەھۋانىي توربەتكە كۆنۈپ قالغان كىشى توغرىسىدا

سۇئال

مەن توي قىلغىلى بىر يېرىم ئاي بولغان ئايال، يولدىشىمنىڭ شەھۋانىي سۈرەت ۋە پىلىملەرنى بەك كۆرىدىغانلىقىنى بىلىپ، كۆپ ھەسىرەت چەكتىم، ئىچىم ئۆرتەندى، ھاياتىم بەخت-سائادەتتىن چۈشكۈنلۈككە ئۆزگەردى، يولدىشىمنى بەك ياخشى كۆرىمەن، لېكىن بۇ پىكىرنى قەتتى قوبۇل قىلالمايمەن، بىز باشقا دۆلەتتە ياشايمىز، يولدىشىمنىڭ ئۈلگىلىك ئەر بولىشىنى ئويلايتتىم، ماڭا بولغان ئىللىق مۇئامىلىسىنى ئىنكار قىلمايمەن، لېكىن مۇشۇ ئىشنى بىلگەندىن كېيىن كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى، دائىم يىغلايمەن، تەبىئىتىمنىڭ ئەكسىچە جىمغۇر بولۇپ كەتتىم، مۇشۇ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشقا ياردىمى بولۇپ قالار دەپ، روھى كېسەللەر دوختۇرىغا كۆرۈنۈپ بېقىشنى ئويلاپ قالدىم، لېكىن مەن ياقا يۇرتتا ياشايمەن، ھېچ كىشىنى تونۇمايمەن، يولدىشىمدىن خەۋەرسىز دوختۇرنىڭ يېنىغا بېرىشىم قېيىن بولىدۇ، يولدىشىمنىڭ مېنىڭ روھى كېسەللەر دوختۇرىدىن ياردەم تەلەپ قىلىشىمنى بىلىپ قىلىشىنى خالىمايمەن، ئۆزىنىڭ شەھۋانىي پىلىمگە خۇمار ئىكەنلىكىنى ئاشكارا قىلدى، مەن بۇنى توي قىلىشتىن بۇرۇن ۋە توي قىلغاندىن كېيىنمۇ مەلۇم ۋاقىتقىچە بىلمەيتتىم، كۆپ پىكىر قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ مەندىن ھۇزۇر ئالالايدىغانلىقىنى، مەن بىلەن راھەت ئالالمايدىغانلىقىنى چۈشەندىم، يولدىشىم بىلەن مۇئامىلە قىلىش يولىدا ياردەم بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن، ئۇنىڭ ئۈچىنچى بىر ئايالنىڭ ئەرلەر بىلەن بىرگە بولغان شەكلىنى ۋە سۈرەتلىرىنى كۆرۈشى  يات قىلىق ھېسابلىنامدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە- تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

    ھۆرمەتلىك ھەمشىرەم! دەۋرىمىزدە نۇرغۇن ياشلار شەھۋانىي پىلىملەرنى كۆرۈش پىتنىسىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، تور ساھەسىدە شەھۋانىي تور بەتلىرىگە كىرىش ئاسانلىشىپ كەتتى، بۇمۇ ھارامغا كۆنۈپ قىلىشنىڭ بىر تۈرى ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭغا كۆنۈپ قالغان كىشى ئۆزىنىڭ نىكاھلىق ئايالى بىلەن قانائەت قىلمايدۇ، بۇنداق بولىشى ئۇ كىشىنىڭ نەپسى شەھۋېتىگە ئەگىشىپ ھارام ئىشقا كۆنۈپ قالغانلىقىدىندۇر.

    بۇ پەقەت سىز بىلەن ھۇزۇر ئېلىش ۋە كۆڭلىنى ئېچىشقا ئالاقىدار بولمايدۇ، بەلكى سىزدىن باشقا چەكلەنگەن يات ئاياللارغا قاراشقا كۆنۇپ قالغانلىقىدىندۇر، بولۇپمۇ سىز بىلەن توي قىلىپ تۇنجى ئايدا شۇنداق قىلغانلىقىنى بۇنى ئىسپاتلايدۇ، بۇ كەسكىن داۋالاشقا تېگىشلىك بولغان كېسەللىكتۇر.

    كۆنۈپ قىلىش ياكى خۇمار بولۇپ قىلىشنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىلىرىدىن بىرى، ئۇ كىشىنى ئىختىيارى ياكى مەجبۇرى شەكىلدە، ئۆزى ئۈچۈن دۇنيا-ئاخىرەتتە پايدىلىق بولغان ئىشلارغا مەشغۇل قىلىش بىلەن بىرگە كۆنۈپ قالغان ئورۇندىن يىراقلاشتۇرۇش لازىم، ئىمكانىيەت بولسا، ئۇ كىشىنىڭ پىسخولوگىيە دوختۇرى بىلەن روھى كېسەللەر دوختۇرىنى زىيارەت قىلىشى زۆرۈر بولىدۇ.

    يولدىشىڭىزنىڭ بۇ ئىشتىن قۇتۇلىشىدا سىزنىڭ كۆپ تېرىشچانلىق قىلىشىڭىز تەلەپ قېلىنىدۇ، بۇ شەھۋانىي پىلىمگە يول ئاچىدىغان ئىلىكتېرۇنلۇق ئۈسكىنىلەردىن يىراقلاشتۇرۇش، بۇنىڭغا كۆنۈپ قىلىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى تەتقىقاتلار ھەققىدە سۆھبەت ئىلىپ بېرىش، ئۇنىڭ ۋاقتىنى دىن ۋە دۇنيالىق پايدىلىق ئىشلارغا مەشغۇل قىلىشقا ئۈرۈنۈش ۋە ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھغا ئىتائەت قىلىشقا ياردەم بېرىشىڭىز كېرەك.

    ئەگەر ئۇ بۇ ئىشلارنى قوبۇل قىلمىسا ۋە رەت قىلسا، ئۇنىڭ شەھۋانىي پىلىملەرگە بولغان خۇمارىدىن ياكى بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئارامسىزلىقتىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن روھى كېسەللەر دوختۇرىغا كۆرۈنۈشنى تەۋسىيە قىلىڭ.

    سىزنى دىندار ۋە ئامانەتدار بولغان روھى كېسەللەر دوختۇرىدىن مەسلىھەت ئىلىشقا ياكى ئىنتېرنېت ئارقىلىق بولسىمۇ ياردەم سوراشقا، يولدىشىڭىزنىڭ ھايات يۆلىنىشىدە ئۇنىڭ ئىشلىرىغا تەپسىلى كۆڭۈل بۆلىشنى بولۇپمۇ ئەر-ئاياللىق ئالاقىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

    شۇنداقتىمۇ ئەر-ئاياللىق ئالاقىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى دادىڭىزدىن باشقا ھەر قانداق ئەر بىلەن ھەتتا روھى كېسەللەر دوختۇرى بولسىمۇ ئوچۇق سۆزلىشىشىڭىز توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنىڭ بىلەن پىتنىگە يول ئېچىلىدۇ ياكى ھارامغا ئالاقىدار ئىش يۈز بېرىپ قالىدۇ.

    لېكىن سىزگە مۇھىم بولغان ئىشلارنى قىسقىچە بايان قىلىمىز: يولىدىشىڭىز بىلەن ئۆزىڭىز مەشغۇل بولۇپ، ئۇنى ھارامغا قاراشتىن ھالال بىلەن بىھاجەت قىلىڭ، بۇ توغرىدا كۆپ تېرىشچانلىق قىلىڭ، بۇ مۇھىم ئىش توغىرسىدا ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ساۋابقا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىڭ.

    يولدىشىڭىزنىڭ شەھۋانىي پىلىملەرنى يەنى ئۈچىنچى بىر شەخسنىڭ جىنسى مۇناسىۋېتىنى كۆرىشىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا –ئاللاھ ئۇنى توغرا يولغا باشلىسۇن-بۇ ئەخلاق دائىرىسىدىن چىقىپ كەتكەن ئىش  بىلەن كۆڭلىنى ئىچىشتىن ئىبارەتتۇر. ئۇنداق بولىشى، توغرا يولدىن چىقىپ كەتكەن ئەر ئادەتتە تۈرلۈك ئاياللارنىڭ شەكىللىرىدىن ھوزۇرلانمايدۇ بەلكى ئىش ئۇنىڭ ئەكسى بىلەن بولىدۇ.

    ئاللاھ تائالادىن بىزنى ئۇ كىشىنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىشىنى سورايمىز، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئىگە بولغۇچى ۋە قادىردۇر.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى