پەيشەنبە 16 شەۋۋال 1445 - 25 ئاپرىل 2024
Uygur

ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋانلارنىڭ سۆڭەكلىرى ۋە ئۇنىڭدىن ياسالغان قاچا-قۇچىلارنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

خىتايلارنىڭ سۆڭەكتە ياسىغان قاچا-قۇچىلىرىنى قوللىنىش توغرا بولامدۇ؟ ئۇلار قاچا-قۇچا ياسىغان سۆڭەكنىڭ كىلىش مەنبىيى ئېنىق ئەمەس؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     ئەھلى كىتاب يەنى كىتاب بېرىلگەن يەھۇدىي ۋە ناسارالاردىن باشقا ھەر قانداق دىنسىزنىڭ ئۆلتۈرگەن ماللىرى گەرچە ھالال ھايۋانلار بولسىمۇ ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ. بۇ توغرىدا 34496- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئەمما گۆشىنى يېگىلى بولىدىغان ياكى يېگىلى بولمايدىغان ھايۋانلارنىڭ سۆڭەكلىرىدىن پايدىلىنىش مەسىلىسىدە، ئۆلىمالار بۇ پاكىزمۇ ياكى ھالالمۇ؟ دەپ ئوخشىمىغان قاراشلاردا بولدى. كۆپچىلىك ئۆلىمالار بۇنى نىجىس دېگەن قاراشتا بولدى، ئەمما ھەنەپى مەزھەب ئۆلىمالىرى بۇنىڭ ئەكسىچە پاكىزە دېگەن قاراشتا بولدى.

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋانلارنىڭ سۆڭىكى ئەسلىدە ئۇنىڭ گۆشىنى يېگىلى بولسۇن ياكى يېگىلى بولمىسۇن ئۇ نىجىس بولىدۇ، ھېچقانداق ھالەتتە پاكىزە بولمايدۇ، بۇ ئىمام مالىك، شاپىئىي ۋە ئىسھاق قاتارلىق ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدۇر. سۇپيان سەۋرى ۋە ئەبۇ ھەنىپە ئۇنى پاكىزە دېگەن قاراشتا بولدى، چۈنكى ئۆلۈم دېگەن ئۇنى ھالال قىلمايدۇ، ئۇ مويىغا ئوخشاش نىجىسمۇ بولمايدۇ، چۈنكى تېرە بىلەن گۆشنىڭ نىجىس بولىشىدىكى سەۋەپ بولسا؛ ئۇنىڭ قانغا ۋە نەملىككە ئالاقىدار بولغانلىقىدىندۇر، ئەمما بۇ سۆڭەكتە تىپىلمايدۇ.

   بىزنىڭ نىجىس دېيىشتىكى دەلىلىمىز: ئاللاھ تائالا ياسىن سۈرىسىدە:  قَالَ مَن يُحْيِي الْعِظَامَ وَهِيَ رَمِيمٌ . قُلْ يُحْيِيهَا الَّذِي أَنشَأَهَا أَوَّلَ مَرَّةٍ ۖ وَهُوَ بِكُلِّ خَلْقٍ عَلِيمٌ  تەرجىمىسى: «ئۇ چېرىپ كەتكەن سۆڭەكلەرنى كىم تىرىلدۈرەلەيدۇ؟ دېدى، ئېيتقىنكى، ئۇنى ئەڭ دەسلەپتە ياراتقان زات، تىرىلدۈرىدۇ، ئۇ ھەر بىر مەخلۇقنى بىلگۈچىدۇر.» [ياسىن سۈرىسى 78-79-ئايەت].

    ھايات بولغان نەرسە ئۆلىدۇ، ھاياتلىقنىڭ دەلىلى دەرت-ئەلەملەرنى سېزىش ۋە ھېس قىلىشتۇر، سۆڭەكتىكى دەرت-ئەلەم گۆش ۋە تېرىدىكى دەرت-ئەلەمدىن كۈچلۈك بولدۇ، ھايات بولغاندا ھالال بولغان نەرسە ئۆلگەندىمۇ ھالال بولىدۇ، ئۆلۈم ھاياتلىقنىڭ ئايرىلىشى بولۇپ، گۆشكە ئوخشاش ئۆلۈم بىلەن ھالال بولىدىغان نەرسە يەنە ئۆلۈم بىلەنمۇ نىجىس بولىدۇ". ["ئەلمۇغنى"1-توم 54-بەت]. شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ قاراشنى كۈچلاندۇرغان. "شەرھىل مۇمتىئ"1-توم 93-بەت.

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھمۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشىنى تاللاپ مۇنداق دەيدۇ: "ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننىڭ سۆڭىكى، مۇڭگۈزى، تىرنىقى ۋە شۇنىڭ ئالاقىدار بولغان تۇۋىقى، تۈكى، يۇڭى، پەيلىرى بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشى بويىچە پاكىزدۇر، بۇ ئىمام مالىك ۋە ئەھمەدنىڭ مەزھەبتىكى قارىشىدۇر. بۇ توغرا قاراشتۇر، چۈنكى ئۇ نەرسىلەر ئەسلىدە پاكىز بولۇپ ئۇنىڭ نىجىس ئىكەنلىكىگە دەلىل يوق، شۇنىڭدەك بۇ نەرسىلەر پاسكىنا ئەمەس بەلكى پاكىزە نەرسىلەردىندۇر. بۇ ھالال نەرسىلەر بايان قىلىنغان ئايەتنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ، ئاللاھ تائالا پاسكىنا نەرسىلەرنى ھارامنى بايان قىلغان ئايەتنىڭ قاتارىغا كىرمەيدۇ. ئاللاھ تائالا: «ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋانلار سىلەرگە ھارام قىلىندى» دېدى، بۇنىڭغا ھايۋاننىڭ موي ۋە يۇڭلىرى كىرمەيدۇ، چۈنكى ئۆلۈم دېگەن ھاياتلىقنىڭ زىتىدۇر، ھاياتلىق ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: جانلىقلارنىڭ ھاياتى ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھاياتى. جانلىقلارنىڭ ھاياتىنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئۇلاردا ھېس تۇيغۇ، ئىختىيارى ھەرىكەت قىلىش بولىدۇ. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھاياتى ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە يېمەكلىك بولۇش بىلەن بولىدۇ.

   ئىختىيارى ھەرىكەت قىلىش تۇيغۇسى بولغان نەرسىلەر ھارام قىلىنغان ئۆلۈك نەرسىلەر ھېسابلىنىدۇ، ئەمما موي قاتارلىق نەرسىلەر زىرائەتكە ئوخشاش ئۆسىدۇ ۋە ئوزۇقلىنىدۇ، بوي تارتىدۇ، زىرائەتلەردە ھېس بولمايدۇ ۋە ئىختىيارى ھەرىكەت قىلىشمۇ بولمايدۇ، ئۇ جانلىقلاردىكى ھاياتلىق ھەتتا ھاياتلىقتىن ئايرىلىپ ئۆلگەنگە قەدەرمۇ بىر نەرسىنى ھالال قىلالمايدۇ ۋە نىجىس قىلىشقىمۇ يولى بولمايدۇ.

   سۆڭەك قاتارلىق نەرسىلەر بولسا، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان نەرسىنىڭ قاتارىدىن بولۇپ نىجىس ھېسابلىنىدۇ.

    بۇنداق دېگەن كىشىلەرگە دېيىلىدۇكى: سىلەر نېمە ئۈچۈن ئايەتنىڭ ئومۇمى تېكىستىغا ئەمەل قىلمايسىلەر؟چېۋىن، چايان، پەرۋانە قاتارلىق ئۆلسە قان چىقمايدىغان، ھاياتلىقنى ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلاشتۇرىدىغان  نەرسىلەر بولۇپ، ئۇنى سىلەرمۇ ۋە كۆپچىلىك ئۆلىمالارمۇ نىجىس دېمەيدۇ، شۇنداق بولىدىكەن، بۇنىڭدىن: ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاندىكى نىجىسلىقنىڭ سەۋەبى ئۇنىڭدا قاننىڭ توسۇلۇپ قىلىشى بولسا، ئۆلسە قان چىقمايدىغان نەرسىلەر ئۆزى ئۆلۈپ قالسا ئۇلاردا توسۇلۇپ قالىدىغان قان بولمىغاندىن كېيىن ئۇلار نىجىس بولمايدۇ. سۆڭەك قاتارلىق نەرسىلەرمۇ ئۇنىڭدا توسۇلۇپ قالىدىغان قان بولمىغانلىقى ۋە ئىختىيارى ھەرىكەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئەلۋەتتە نىجىس بولمايدۇ.

    ئەگەر تولۇق ھېس-تۇيغۇغا ئىگە، ئىختىيارى ھەرىكەت قىلالايدىغان ھايۋانلار، ئۇلاردا  توسۇلۇپ قالدىغان قان بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆلسە نىجىس بولمايدىكەن، ھېچ قانداق قان بولمىغان سۆڭەك قانداقمۇ نىجىس بولىدۇ!.

    ئىش شۇنداق بولىدىكەن، سۆڭەك، مۈڭگۈز، تىرناق، تۇياق قاتارلىق نەرسىلەردە ئېتىلىپ چېقىدىغان قان بولمايدۇ، ئۇنداق بولغان ئىكەن ئۇ نەرسىلەرنى نىجىس دېيىشنىڭ ھېچ يولى يوق، بۇ كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدۇر.

   ئىمام زۆھرى مۇنداق دەيدۇ: "مۇشۇ ئۇممەتنىڭ ياخشى كىشىلىرى  پېئىل چېشىدىن ياسالغان سۆڭەك تارغاقلاردا چاچلىرىنى ۋە ساقاللىرىنى تارايتتى، پېئىل چېشى توغرىسىدا رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس بولسىمۇ، ئۇنىڭدا نەزەر بار، بۇ ئۇنى بايان قىلىشنىڭ ئورنى ئەمەس، بىز بۇ يەردە ئۇنى دەلىل قىلىشقا ئىھتىياجلىق ئەمەس.

    تېرىمۇ ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننىڭ باشقا ئەزالىرىغا ئوخشاش بىر ئەزاسى بولۇپ، ئۇنىڭدا قان بولىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تېرىنىڭ پاكىزە بولىشىنى ئۇنىڭ ئاشلىنىشى دېگەن، چۈنكى تېرە ئاشلىنىش بىلەن ئۇنىڭدىكى نەملىك يوق بولىدۇ.

بۇنىڭدىن تېرىنىڭ نىجىس بولىشىنىڭ سەۋەبى نەملىك بولۇپ، سۆڭەكتە نەملىك ۋە سۇيۇقلۇق يوق، سۆڭەكتىكى ماددىلار تىز قۇرىيدۇ ۋە تېرىدىنمۇ بەكرەك ئۆزىنىڭ ئەسلى ھالىتىنى ساقلاپ قالىدۇ، ئۇنداق بولغان ئىكەن ئۇ تېرىدىنمۇ بەكرەك پاكىزدۇر. ["ئەلپەتاۋا كۇبرا"1-توم 266-271-بەت].

   سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: ئەگەر خىتايدا ياسالغان بۇ قاچا-قۇچىلار مۇسۇلمان ياكى ئەھلى كىتابلار ئۆلتۈرگەن گۆشىنى يېگىلى بولىدىغان ھايۋانلارنىڭ سۆڭىكىدىن ياسالغان بولسا، بۇ پاكىزە بولىدۇ، بۇنى ئىشلىتىش توغرا بولىدۇ، ئەگەر ئىش ئۇنىڭ ئەكسىچە بولسا توغرا ئەمەس. خىتايلار ئەھلى كىتاب ئەمەستۇر. ئۇنداق بولغاندا ئۇ ئۆزى ئۆلۇپ قالغان ياكى ھارام ھايۋانلارنىڭ سۆڭىكىدىن ياسالغان بولىدۇ، ھارام بولۇپ قالغان ھايۋاننىڭ سۆڭىكى توغرسىدىكى ئىختىلاپ كۈچلۈك، ئەڭ ياخشىسى مۇسۇلماننىڭ ئېھتىيات قىلىپ، دىنىنى ساقلاپ، بۇنىڭدىن يىراق بولۇپ، باشقا قاچىلار كۆپ بولغاندىن كېيىن شۇنى ئىشلىتىش بىلەن كۇپايەلەنسە توغرا بولىدۇ.

    ئەگەر بۇ قاچا-قۇچىلار سۆڭەك كۈلىدىن (يەنى توزاندىسىدىن) ياسالغان بولسا، سۆڭەكنىڭ كۈلى ئۆزگىرىش بىلەن نىجىس بولمايدۇ. بۇ ھەقتە 233750 نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى