جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

پاسسىپ پىكىرىدىن پەيدا بولغان ئەنسىزلىك، پاراكەندىچىلىك ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئىجتىمائىي ئەنسىزلىكنى داۋالاش توغرىسىدا

257572

تارقاتقان ۋاقىت : 05-10-2021

كۆرگۈچىلەر : 1261

سۇئال

مەن يىگىرمە ئالتە ياشلىق قىز، مەن ئۆزۈمگە كۆپ مالامەت قىلىمەن، كۈندىلىك ھاياتىمنى تەبىئىى شەكىلدە ئۆتكۈزۈشكە قادىر بولالمايمەن، قىلىدىغان ئىشىم ۋە ھەرىكەتلىرىم توغرىسىدا كۆپ ئويلىنىپ چارچايمەن، ئاددى بولسىمۇ ئۇنىڭدىن ھېساب ئېلىنىشىدىن ئەنسىرەيمەن، ھەتتا خاتالىقتىن  ياكى باشقىلارغا ئەزىيەت يەتكۈزۈشتىن ياكى يامانلىق قىلىشتىن، باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىش، گەپ توشۇش قاتارلىق  ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرەپ ئىجتىمائىي سورۇنلارغا قاتنىشىشتىنمۇ يىراق بولىمەن، كۆپ ۋاقىتلاردا سۆز قىلماي سۈكۈت قىلىمەن، بەزى ئىشلاردا باشقىلارنىڭ مەندە ھەققى بولسا مەقسەتسىز باشقىلارنىڭ ھەققىنى كەم قىلىپ قوياشتىن ئەنسىرەپ زىيادە قىلىپ بېرىمەن، باشقىلار بىلەن ئۇچراشقاندا باشقىلارغا سۆز بىلەن ياكى ئىش-ھەرىكەتلىرىم بىلەن ئەزىيەت يەتكۈزۈپ قويدۇممىكىن دەپ ياكى كىچىك بالىلارغا ۋارقىراپ ئەزىيەت قىلدىممىكىن ياكى باشقىلار مېنىڭ ۋارقىرىشىم سەۋەبىدىن بىئارام بولدىمىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن، كېچىدە كۆپ پىكىر قىلىپ چارچاپ ئۇخلاشقىمۇ قادىر بولالمايمەن، مېنىڭ ئەھۋالىم يولدىشىم ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن بەك ناچارلىشىپ كەتتى، مىراس توغرىسىدا يولدىشىمنىڭ ئائىلىسىدىكەر بىلەن ئارىمىزدا كېلىشەلمەسلىك يۈز بەردى، چىرايلىق شەكىلدە ھەققىمنى ئىلىش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن كېلىشىشكە ئۇرۇندۇم، لېكىن ئىش ئۇنداق بولماي كېلىشەلمەسلىك كېلىپ چىقتى، ئۇلارنىڭ رازىلىقسىز سوت مەھكىمىسى ئارقىلىق ھەققىمنى تولۇق ئالدىم، لېكىن ئۇنىڭدىن كېيىن مېنىڭ روھى ھالىتىم بەك ناچارلاشتى، دائىم ئۆزۈمگە: ئەگەر مەن ھەممە ئىشتا ئۇلارنى كەچۈرۈۋەتكەن بولسامچۇ، ئۇ ۋە بۇ ئىشتا يول قويغان بولسامچۇ، كاشكى ئۇلارغا قىيىنچىلىق پەيدا قىلمىغان بولسامچۇ دەيمەن، دائىم ئۆزۈمگە ھەقلىق بولمىغان نەرسىنى ئىگىلىۋالغاندەك تۇيغۇدا بولىمەن، گەرچە مەن ئۇلاردىن ئۆزۈمنىڭ ھەققىمدىن باشقا  ھېچ نەرسىسىنى ئېلىۋالمىغان بولساممۇ، لېكىن ئۆزۈمگە مالامەت قىلىش ئادەت بولۇپ قالدى، ئۆزۈمدىن دائىم ھېساب ئىلىپ تۇرىمەن، گۇناھكار ھالەتتە ئاللاھقا ئۇچرىشىشتىن ئەنسىرەيمەن، بۇ ئىشقا بىر قانچە يىل ئۆتكەن بولسىمۇ لېكىن كاللامدا قايسى گۇناھنى سادىر قىلدىم دېگەن پىكىر بار، بۇ كىشىنى بەك چارچىتىدىغان بىر ئىش، مەن ھاياتتىن ھۇزۇر ئالالمىدىم، ئاللاھ تائالادىن قورقۇش تۇيغۇسى بەك كۈچلۈك، ئىش-ھەرىكەتلىرىمنى ئىنچىكە كۆزىتىپ، پەرىشانلىق ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم، مۇشۇ دۇنيادىن ئارتۇق خاتالىق، گۇناھ –مەسىيەتلەرگە يېقىنلاشماستىن ئاللاھ تائالانىڭ مېنى ۋاپات تاپتۇرىشىنى ئارزۇ قىلىمەن، ماڭا ياردەم بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە- تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت- سالاملار بولسۇن.

    بۇ پاسسىپ پىكىرىدىن پەيدا بولغان ئەنسىزلىك، پاراكەندىچىلىك ئوبسەسسىئونس ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئىجتىمائىي ئەنسىزلىكنىڭ  سوكىئال ئانخىئەتي بىر شەكلىدۇر.

    بۇ ئىش: پەقەت ئاللاھدىن قورقۇش ياكى ئۆزىدىن ھېساب ئىلىشتىن ئارتۇق  بىر ئىشتۇر، سىزنىڭ مىراسنى ئېلىشىڭىز بولسا شەرئى ھەققىڭىزدۇر، ئۇنىڭدا گۇناھ بولمايدۇ، بەلكى ئۇ ئاللاھنىڭ سىزگە بەلگىلەپ بەرگەن شەرئى ھەققىڭىزدۇر، بۇنداق ھالەتتە سىزنىڭ مىراسىڭىز ۋە ئاللاھنىڭ سىزگە پەرىز قىلغان ھەققىڭىزنى يەۋېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان كىشى گۇناھكار بولىدۇ، ئۆزىنى مالامەت قىلىش ۋە قورقۇشقا ئۇلار سىزدىن بەكرەك ھەقلىقتۇر.

     مۇشۇنداق ھالەتتە، پاسسىپ پىكىرىدىن پەيدا بولغان ئەنسىزلىك، پاراكەندىچىلىك ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئىجتىمائىي ئەنسىزلىكىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن  روھى كېسەللەر دوختۇرىغا كۆرۈنۈش زۆرۈر، بۇنى داۋالاشتا ئىككى يول بار:

    بىرىنچىسى: ھەرىكەتلەرنى بىلىش ئارقىلىق داۋالاش سورۇنى ئۇ بولسىمۇ، پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى بولۇپ، بۇنى روھى كېسەللەر دوختۇرى ياكى پىسخولوگىيە بىلەن داۋالاش مۇتەخەسسىسى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، بۇ سورۇندا پاسسىپ تۇياقلاردىن تەرتىپلەنگەن پاسسىپ پىكىرلەرنى مۇنازىرە قىلىش، ھەل قىلىش ئارىسىدا، پاسسىپ ھەرىكەتلەرنىڭ ئۆزگىرىشى تامام بولىدۇ، شۇنداق بولىشى، روھى كېسەللىك چىرمىۋالغان ئىنساننىڭ سالامەتلىكى مۇشۇ ئۈچ مەركەز ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ، يەنى پىكىر، ئۇنىڭغا تەرتىپ بېرىلگەن تۇيغۇ ۋە بۇ ئىككىسىگە تەرتىپ بېرىلگەن ھەرىكەتتىن ئىبارەتتۇر.

    شۇنىڭدەك مۇشۇ سورۇن نەپەس ئىلىش مەشىقى، ئارامسىزلىق ۋە ئۇنىڭ تەسىرىنى ئازايتىش ۋە تىنچلىنىشقا ياردەم بېرىدىغان بىر تۈرلۈك ھەرىكەتلەرنى ئىلىپ بارىدۇ، بۇ پاسسىپ پىكىرىدىن پەيدا بولغان ئەنسىزلىك، پاراكەندىچىلىك ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئىجتىمائىي ئەنسىزلىكىدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئىلاجى ھېسابلىنىدۇ.

    ھەرىكەتلەرنى بىلىش ئارقىلىق داۋالاش سورۇنى ئارىسىدا ئۈمىت قىلغان نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەندە، يەنە بىر سورۇن تۈزەپ دورا بىلەن داۋالاش كېرەك بولىدۇ، بۇ مۇتەخەسسىس دوختۇرلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئارامسىزلىققا قارشى بولغان دورىلار بىلەن مەلۇم ۋاقىت ئۈزۈلدۈرمەي داۋالىنىشنى لازىم تۇتىدۇ. ئاللاھ تائالادىن بىزدىن ۋە سىلەردىن بارلىق غەم-قايغۇ، خاپىلىقلارنى يوق قىلىۋېتىشنى سورايمىز.    

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى