پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئىمامنىڭ جامائەتكە: ناماز ئۈچۈن سەپنى تۈزلەيدىغان ۋاقىتتا: تىلىپۇنلارنىڭ ئاۋازىنى ئېتىۋېتىڭلار دېيىشى توغرىمۇ؟

سۇئال

   گەرچە مەسچىتكە كېرىشتىن ئىلگىرى ناماز ئادا قىلغۇچىلارغا ئەسلىتىپ تىلپۇننىڭ ئاۋازىنى ئېتىۋېتىڭ دەپ ئالامەتلەرنى قىلىپ قويغان بولسىمۇ، بىر قىسىم كىشىلەر تىلپۇننىڭ ئاۋازىنى ئېتىۋېتىشنى ئۇنتۇپ ناماز ئادا قىلغۇچىلارغا، ئىمامغا، باشقىلارغا ۋە ئۆزىگىمۇ تەشۋىش پەيدا قىلىدۇ، مېنىڭ سوئالىم: ئىمامنىڭ سەپنى تۈز قىلىڭلار دېگەن ، سۆزگە ئۇلاپ تىلپۇنلارنىڭ ئاۋازىنى ئېتىۋېتىڭلار دېيىشى توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىز بۇ سوئالنى ئۇستازىمىز شەيخ ئابدۇلئەزىز راجىھىيدىن (ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن)سورىغان ئىدۇق، ئۇستاز: ئەگەر ئۇنداق دېيىشنى مۇناسىپ دەپ قارىغان بولسا بولىدۇ" دېدى.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد