شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

يولدىشى بىلەن تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئارىسىدىكى قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشنى خالايدۇ

سۇئال

مېنىڭ قىيىنچىلىقىم مەن كىشىلەر بىلەن ئاز سۆزلىشىمەن، بولۇپمۇ يولدىشىم بىلەن، ئۆيىمىز ئاساسەن سۆزسىز، يولدىشىم تىلىپۇن بىلەن ئۈزۈن-ئۈزۈن سۆزلىشىپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىدۇ، مەن بىلەن بىرگە ئولتۇرغاندا مېنى ئۆزى بىلەن سۆزلىشىشكە زورلايدۇ، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن گەپ باشلىغان ۋاقتىمدا مېنىڭ ئەقلىمگە ھېچ نەرسە كەلمەيدۇ، يولدىشىم كۆپ چاقچاق قىلىشنى ياقتۇرىدۇ، كۆپى يالغان سۆز، مەن بۇنى ياقتۇرمايمەن، بەزى ۋاقىتتا كىشىلەرگە يالغان سۆزلىمەسلىككە ئۈندىسەم، مېنى قىستاپ: سەن پەقەت سۆزلىمەيسەن دەيدۇ، ھەتتا بىرگە سەپەر قىلساقمۇ ماشىنىنىڭ ئۈن ئالغۇسىنى ئېچىپ قويىمىز، بىرەر دوستى تىلىپۇن قىلىپ قالسا ئۇنىڭ بىلەن ئىككى-ئۈچ سائەت ھەتتا ئۇنىڭدىن كۆپ ۋاقىت سۆزلىشىپ كېتىدۇ، مەن يېنىدا قاراپ ئولتۇرىمەن، مەن ھاياتىمنى ئۆزگەرتىشنى خالايمەن، مەندە بىر ئاز قورقۇنچ بار، توي قىلغىلى ئۈچ يىل بولدى، بىر بالام بار، يولدىشىم كىتاپ ئوقۇش، شېئىر ئوقۇش ۋە توپنى ياخشى كۆرىدۇ.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

      ھۆرمەتلىك ھەمشىرەم، ئالدى بىلەن سىز سۆزلىگەن ئىشتا يولدىشىڭىزنىڭ قىزىقىشى يەنى كىتاپ ئوقۇش، شېئىر ئوقۇش ۋە توپنى ياخشى كۆرىشىدىن باشلايلى. ئەر-ئايال ئارىسىدىكى ئۈنسىزلىكتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى، بىر-بىرىنىڭ قىزىقىشى ياكى كۆڭۈل بۆلىشىگە ئالاقىدار بولغان تېمىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش كېرەك، كىتاب ئوقۇش ۋە شېئىر ئوقۇش بولسا ئۆز ئارا پايدىلىق پىكىر-قاراش، مۇنازىرە قىلىشنىڭ كەڭرى يولىدۇر، سىز يولدىشىڭىزنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ۋە كەڭ دائىردە مۇنازىرە قىلىش ئۈچۈن ئۇ ياخشى كۆرىدىغان كىتاب ۋە شېئىرلارنى تاللاڭ.

    مۇمكىن بولسا يولدىشىڭىزدىن مەسلىھەت سوراڭ، سىزنىڭ ئوقۇشىڭىزغا مۇناسىپ بولغان كىتابنى كۆرسىتىپ بەرسۇن، ئاندىن ئىككىڭلار ئارىسىدا بۇ كىتاپ توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش بولسۇن ياكى يولدىشىڭىزدىن بۈگۈن ياكى تۈنۈگۈنكى تېمىدىن سوراڭ، كىتابنىڭ ئاپتورى كىم؟ بۇ كىتاپ قانداق مەزمۇندىكى پىكىر-تېمىلارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ؟، دېگەندەك سوئاللارنى سوراڭ.

     ئاراڭلاردا مۇنازىرە قىزغىنلىق، جۇشقۇنلۇقنى قوزغايدىغان يۇمۇرلۇق سۆز ۋە چاقچاقلار بىلەن بولسۇن، بۇ زېرىكىش ۋە ئىچ پۇشۇقىنى يوق قىلىدۇ، مۇشۇنداق باشلىنىش بىلەن ئاراڭلاردا ئۈنسىزلىك پەردىسى ئېچىلىپ، يولدىشىڭىزنىڭ ئارزۇسىمۇ ئەمەلىلىشىدىكەن، ئاراڭلاردىكى چۈشىنىش ۋە مۇھەببەت زىيادە بولىدۇ.

    يۇمۇرلۇق ئەدەبىي كىتابلارنى ئوقۇسىڭىزمۇ بولىدۇ، جاھىزنىڭ: بىخىللار، ئەھمەقلەرنىڭ ئەھۋالى، بالىلار قاتارلىق كىتابلارنى، ياكى يېڭى دەۋرىدىكى يۇمۇرىستىك كىتاپلارمۇ بولىدۇ، بۇ كىتابلارنى ئاراڭلاردىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە مۇنازىرە تېمىسى قىلىڭلار.

    ئۇنىڭ مىجەزى ۋە سۆزىگە ئومۇمى شەكىلدە توغرا تەسىر كۆرسىتىش، ئۈنۈملۈك قۇلاق سىلىش ئارىسىدا بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، ئەففەكتىۋە لىستەنىڭ مۇشۇ تۈردە مۇنازىرە قىلىش ۋە سۆزلىشىشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان ئىجابى تەسىر بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇشۇ تۈر ئادەتتە ئىجابى ئىزاھاتلار ئارىسىدىن تەسىر ئىلىش، ئاڭلاشقا بولغان رىغبىتىنى نامايەندە قىلىش بىلەن تامام بولىدۇ، بۇ قاراش ۋە ئىشارەت قىلغانغا ئوخشاش گەرچە سىزگە مۇھىم بولمىسىمۇ سۆزگە ئەھمىيەت بېرىشتىن ئىبارەت بەدەن تىلى دەپ ئىپادىلىنىدۇ.

     سەپەردە ياكى ئائىلىدە بىرگە ئولتۇرغاندا قىلىدىغان ئەڭ ياخشى ئىش، يولدىشىڭىزنى ئۇنئالغۇ تىڭشاش ياكى دوستى بىلەن ئۈزۈن پاراڭلىشىشقا بەنت قىلماي، ئاراڭلاردىكى ئۈنسىزلىكنى يوق قىلىش ئۈچۈن يولدىشىڭىز ئاڭلاۋاتقان نەرسە توغرىسىدا ئۇنىڭ بىلەن پىكىر-قاراشتا ئورتاق بولۇشقا تېرىشىڭ.

    سىز مەندە بىر ئاز قورقۇنچ بار دېدىڭىز، ئەگەر قورقۇنچ ياكى ئارامسىزلىق يات كىشىلەرنىڭ ئالدىدا سۆز قىلغاندا بولسا ياكى جامائەت سورۇنلىرىدىكى ھەر قانداق بىر پائالىيەتلەردە بولسا، ئىجتىمائىي قورقۇنچنى داۋالايدىغان سوكىئال پھوبىئا ياكى ئىجتىمائىي ئارامسىزلىنىشنى سوكىئال ئانخىئەتي دىسوردەر داۋالايدىغان دوختۇرغا كۆرۈنۇڭ، ھازىر سىزگە قىلىدىغان نەسىھىتىمىز: ئىش مۇشۇنداق بولسا، سىز مۇشۇ قورقۇنچنى بىۋاستە تەكشۈرۈش ئارقىلىق ۋە دورىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۈنۈملۈك داۋالايدىغان مۇتەخەسسىس دوختۇرنىڭ يېنىغا بېرىڭ. 

  ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى