پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

مەسچىتنىڭ ئىمام، مۇئەززىنلىرىگە زاكات بەرسە توغرا بولامدۇ؟

233884

تارقاتقان ۋاقىت : 09-01-2016

كۆرگۈچىلەر : 2539

سۇئال

مەسچىتنىڭ ئىمام ۋە مۇئەززىنلىرىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى بولمىسا، ئۇلارغا زاكات بەرسە توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا،ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابى كىراملارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

زاكات بېرىشكە لايىق بولغان كىشىلەر سەككىز تۈرلۈك بولۇپ بۇلارنى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە تولۇق بايان قىلغان: إِنَّمَا الصَّدَقَاتُ لِلْفُقَرَاءِ وَالْمَسَاكِينِ وَالْعَامِلِينَ عَلَيْهَا وَالْمُؤَلَّفَةِ قُلُوبُهُمْ وَفِي الرِّقَابِ وَالْغَارِمِينَ وَفِي سَبِيلِ اللَّـهِ وَابْنِ السَّبِيلِۖ فَرِيضَةً مِّنَ اللَّـهِۗ وَاللَّـهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ تەرجىمىسى: زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازاد قىلىشقا، قەرزدارلارغا، ئاللاھنىڭ يولىغا، ئىبنى سەبىللەرگە بېرىلىدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. [سۈرە تەۋبە 60-ئايەت].

زاكاتنى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بايان قىلغان كىشىلەردىن باشقىلارغا بېرىش توغرا بولمايدۇ.

مەسچىتنىڭ ئىمامى ياكى مۇئەززىنى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن بولسا يەنى پىقىر ياكى مىسكىن ياكى قەرىزدار..... بولسا ئۇلارغا زاكات بېرىش توغرا بولىدۇ، بەلكى ئۇلارغا زاكاتتىن بېرىش ئارقىلىق ئېھتىياجلىرىنى قويماسلىق كېرەك.

ئەمما ئۇلار قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنغان زاكاتقا لايىق بولغان كىشىلەردىن بولمىسا، ئۇلارنىڭ ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بەرگەنلىكى ياكى نامازغا ئەزان ئوقۇپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارغا زاكات بېرىش توغرا بولمايدۇ. چوقۇم ئۇلار زاكات ئىلىش ئۆلچىمىگە چۈشىدىغان كىشىلەردىن بولىشى كېرەك.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، پەتىۋا كومېتىتى ئالىملىرىدىن: "مەسچىتنىڭ ئىمامى ياكى باشقا خىزمەتچىلىرىنىڭ زاكاتتىن ئۈلۈشى بارمۇ ياكى پىتىر سەدىقىسىدىن ئۈلىشى بارمۇ؟ دەپ سوئال سورالغاندا، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە زاكات بېرىلىدىغان كىشىلەرنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: إِنَّمَا الصَّدَقَاتُ لِلْفُقَرَاءِ وَالْمَسَاكِينِ وَالْعَامِلِينَ عَلَيْهَا وَالْمُؤَلَّفَةِ قُلُوبُهُمْ وَفِي الرِّقَابِ وَالْغَارِمِينَ وَفِي سَبِيلِ اللَّـهِ وَابْنِ السَّبِيلِۖ فَرِيضَةً مِّنَ اللَّـهِۗ وَاللَّـهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ تەرجىمىسى: زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازاد قىلىشقا، قەرزدارلارغا، ئاللاھنىڭ يولىغا، ئىبنى سەبىللەرگە بېرىلىدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. [سۈرە تەۋبە 60-ئايەت].

ئەگەر مەسچىتنىڭ ئىمامى ئايەتتە بايان قىلىنغان كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن بولسا ئۇنىڭغا زاكات بېرىش توغرا بولىدۇ، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئۇنىڭغا زاكات بېرىش توغرا بولمايدۇ. ["دائىمى كومېتىتى پەتىۋاسى"(9/381)].

شەيخ ئىبنى جىبرىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مەسچىتنىڭ بەلگىلەنگەن ئىمام ياكى مۇئەززىنى پىقىر-مىسكىنلەردىن بولسا ئۇلارنىڭ ئىمام-مۇئەززىنلىكىنى مۇكاپاتلاپ ئەمەس بەلكى پىقىر-مىسكىنلىكىنى ئېتىبارغا ئېلىپ ئۇلارغا زاكات بەرسە دۇرۇس بولىدۇ". تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئىلىش ئۈچۈن 46209- ۋە 190566-نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى