پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

قۇرئان كەرىم ياد ئالدۇرۇش ئورۇنلىرىغا زاكات ماللىرىنى بېرىش توغرا بولمايدۇ

190566

تارقاتقان ۋاقىت : 11-10-2021

كۆرگۈچىلەر : 2916

سۇئال

ئاللاھ تائالا خالىسا كىلەر يىلى قۇرئان كەرىم ياد قىلدۇرۇش مەكتىۋى سالىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئىشلارنى ئوچۇقلاشتۇرۇشنى خالايمەن:
1- مۇشۇ مەكتەپنىڭ قۇرۇلىشى ئۈچۈن ئىسلام بانكىلىرىنىڭ بىرىدىن زاكات ماللىرىنى توپلاش ئۈچۈن ھېساب ئاچساق توغرا بولامدۇ؟.
2-مۇشۇ مەكتەپنىڭ قۇرۇلىشى ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ زاكات توپلىسام بولامدۇ؟.
3-زاكات ماللىرى توپلانسا بىز ئۇ ئىقتىسادنى مەكتەپنىڭ ئوقۇش باشلاش ۋاقتى تولۇق بىر يىل ياكى مەلۇم ۋاقىت كىچىكتۈرۈلگەنلىكى سەۋەبىدىن ھېچقانداق بىر ئىشقا ئىشلىتەلمەيمىز، ئۇ ۋاقىتتا بۇ ئىقتىساد قانداق بولىدۇ؟ بۇنىڭغا زاكات بېرىش كېرەك بولامدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا،ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابى كىراملارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: زاكات ماللىرىنى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بايان قىلغان سەككىز تۈرلۈك كىشىلەردىن باشقىلارغا بېرىش توغرا بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّمَا الصَّدَقَاتُ لِلْفُقَرَاءِ وَالْمَسَاكِينِ وَالْعَامِلِينَ عَلَيْهَا وَالْمُؤَلَّفَةِ قُلُوبُهُمْ وَفِي الرِّقَابِ وَالْغَارِمِينَ وَفِي سَبِيلِ اللَّـهِ وَابْنِ السَّبِيلِۖ فَرِيضَةً مِّنَ اللَّـهِۗ وَاللَّـهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌتەرجىمىسى: زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازاد قىلىشقا، قەرزدارلارغا، ئاللاھنىڭ يولىغا، ئىبنى سەبىللەرگە بېرىلىدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. [سۈرە تەۋبە 60-ئايەت].

يۇقىرىقى ھۆكۈم ئىسلامى مەكتەپ، قۇرئان كەرىم ياد قىلدۇرۇش ئورۇنلىرى ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان بارلىق خەيرىيەت ئورۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنداق ئورۇنلارنى ياساش ۋە قۇرۇش ئىشلىرىغا زاكات ماللىرىنى سەرپ قىلىش توغرا بولمايدۇ. ئەمما ئاشۇ مەكتەپ ياكى مەركەزلەردە ئوقۇغۇچى ياكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئارىسىدا زاكاتقا ھەقلىق كىشىلەر بولسا زاكاتنى شۇلارغا بەرسە بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار زاكات ئىلىشقا ھەقلىق بولىدۇ. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن 125481 - ۋە 146368 -نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئىككىنچى: قۇرئان ياد قىلدۇرىدىغان مەكتەپ قۇرۇش ۋە بۇ ئىشلارنى تەرتىپلەش ئۈچۈن كىشىلەرنى بۇنىڭغا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ئۇنىڭغا زاكات ماللىرىنى سەرپ قىلماستىن باشقا يوللار بىلەن ئىقتىساد ھەل قىلىش لازىم.

مەكتەپ قۇرۇلىشى ئۈچۈن كۈچ چېقىرىۋاتقان كىشىلەر بۇنىڭغا ئىئانە توپلاش ئۈچۈن ئايرىم ئىئانە ساندۇقلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىشى لازىم. بۇ مەقسەت ئۈچۈن ئىسلام بانكىلىرىنىڭ بىرىدىن ھېساب ئىچىش يولى بىلەن ئىقتىساد توپلىسىمۇ بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن توپلانغان ئىقتىسادقا زاكات پەرىز بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ۋەقپە قىلىنغان ماللارنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن 94842-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى