پەيشەنبە 16 شەۋۋال 1445 - 25 ئاپرىل 2024
Uygur

تۇز ئېرىتمىسى، ۋىتامىنلىق ئۇكۇللار ۋە تومۇرغا ئۇرىدىغان ئۇكۇللار روزىنى بۇزامدۇ؟

سۇئال

تۇز ئېرىتمىسى، ۋىتامىنلىق ئۇكۇللار ۋە تومۇرغا ئۇرىدىغان ئۇكۇللار ۋە مەقئەتتىن دورا كىرگۈزۈش قاتارلىقلار روزىنى بۇزامدۇ ياكى بۇزمامدۇ؟، بۇ توغرىدىكى كۈچلۈك قاراشنى بىلىشنى خالايمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: يېمەك-ئىچمەك ۋە يېمەك-ئىچمەكنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان ھەرقانداق نەرسە روزىدارنىڭ روزىسىنى بۇزىدۇ.

    دائىمىي كومىتېت پەتىۋا ھەيئەت ئەزالىرى مۇنداق دەيدۇ: "روزىنى بۇزىدىغان ئامىللار كۆپ  بولۇپ ئۇنىڭ جۈملىسىدىن: قەستەن يەپ-ئىچىش، يېمەك-ئىچمەكنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان ئىنساننىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلگەن ئوزۇقلۇق ياكى سۇ، بۇرنىدىن تېمىتىش بىلەن ئاشقازانغا يىتىپ بارىدىغان سۇيۇقلۇق، تىببى ئوزۇقلۇق قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇ." [دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى 9 -توم 178-بەت].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "روزىنى بۇزىدىغان ئامىللار: قايسى تۈردىكى يېمەكلىكىنى ۋە يېمەكلىكنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان نەرسىلەرنى يېيىش، ھەر قانداق ئىچىملىك ۋە ئىچىملىكنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان نەرسىلەرنى ئىچىش، يېمەك-ئىچمەكنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان ئوزۇقلۇق ئوكۇلى، قۇۋۋەت ئوكۇلى قاتارلىقلارمۇ روزىنى بۇزىدۇ".  [ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ پەتىۋا ۋە رىسالىلەر مەجمۇئەسى19 -توم 21-بەت].

    يەنە مۇنداق دەيدۇ:  بەزى ئالىملار: يېمەك-ئىچمەكنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان ئوزۇقلۇق ئوكۇلىنى روزىنى بۇزىدىغان ئامىللاردىن دەپ قارىدى، جىسىمنى جۇشقۇنلاشتۇرىدىغان ۋە ساقايتىدىغان ئۇكۇل ئۇنداق ئەمەس، ئوزۇقلۇق ئوكۇلى دېگەن يېمەك-ئىچمەكتىن بىھاجەت قىلىدىغان ئۇكۇلدۇر، شۇنىڭغا ئاساسەن يېمەك-ئىچمەكنىڭ ئورنىدا تۇرمايدىغان بارلىق ئۇكۇللار روزىنى بۇزمايدۇ، بۇ ئۇكۇللارنى تومۇردىن ماڭدۇرسۇن ياكى بىلەك، كاسىدىن ماڭدۇرسۇن قايسى ئورۇندىن ماڭدۇرسا ئوخشاشلا روزىنى بۇزمايدۇ. [ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ پەتىۋا ۋە رىسالىلەر مەجمۇئەسى19 -توم 199-بەت].

   ئىككىنچى: بەزى كېسەللەرگە تومۇر ئارقىلىق بېرىلىدىغان تۇز ئېرىتمىسى روزىنى بۇزىدۇ، چۈنكى ئۇ ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ قاتارىغا كىرىدۇ، (ئۇنىڭ تەركىبىدە تۈز ۋە سۇيۇقلۇق ماددىلار بار) ئۇ كانايدىن كىرىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن جىسىم مەنپەئەتلىنىدۇ.

    ئۈچىنچى: ۋىتامىنلىق ئۇكۇل ۋە تومۇردىن ماڭدۇرىدىغان ئۇكۇل؛ ئەگەر بۇ ئۇكۇللار جىسىمنى جانلاندۇرىدىغان ياكى ئاغرىقنى يوق قىلىدىغان ياكى پەسەيتىدىغان ياكى قىزىتمىنى چۈشۈرىدىغان بولسا، بۇ ئوزۇقلۇق ھېسابلانمايدۇ ۋە روزىنى بۇزمايدۇ.

   ئەمما ئۇ ئۇزۇقلۇق بولۇپ قالسا روزىنى بۇزىدۇ، چۈنكى ئوزۇقلۇق دېگەن يېمەك-ئىچمەكنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان بولۇپ شۇنىڭ ھۆكمىنى ئالىدۇ.

   دائىمىي كومىتېت پەتىۋا ھەيئىتى ئالىملىرى مۇنداق دەيدۇ: "روزىدار كىشى كۈندۈزدە موسكۇلغا ۋە تومۇرغا ئوكۇل ئۇدۇرۇپ داۋالانسا بولىدۇ، روزىدار رامزاننىڭ كۈندۈزدە ئوزۇقلۇق ئوكۇلى سالدۇرسا توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ يېمەك-ئىچمەكنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ. بۇ تۈردىكى ئوكۇللارنى ئىشلىتىش رامىزاندا كۈندۈزدە ئىپتار قىلىش ئۈچۈن ھىيلە قىلغاننىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ. ئەگەر مۇمكىن بولسا موسكۇلغا ۋە تومۇرغا ماڭدۇرىدىغان ئوكۇللارنىمۇ كېچىدە ئالسا ياخشى بولىدۇ". [دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى10 -توم 252-بەت].

    تۆتىنچى: مەقئەتتىن دورا كىرگۈزۈش روزىنى بۇزمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئىلاج بولۇپ يېمەك-ئىچمەكنىڭ ھۆكمىدە بولمايدۇ.

   ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر روزىدار كىشى كىسەل بولغان بولسا، مەقئەتتىن كىرگۈزىدىغان دورىنى ئىشلەتسە بولىدۇ، بۇ يېمەك-ئىچمەك ياكى يېمەك-ئىچمەكنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان نەرسە ئەمەس، شەرىئەت بىزگە يېمەك-ئىچمەكنى چەكلىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن يېمەك-ئىچمەكنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان نەرسە بولسا ئۇ يېمەك-ئىچمەكنىڭ ھۆكمى بويىچە بولىدۇ، يېمەك-ئىچمەكنىڭ ئورنىدا تۇرمايدىغان نەرسە بولسا، ئۇ سۆزدىمۇ ۋە مەنىدىمۇ ئۇنىڭ ھۆكمىنى ئالمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن يېمەك-ئىچمەكنىڭ ھۆكمى ئىسپاتلانمايدۇ". [ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ پەتىۋا ۋە رىسالىلەر مەجمۇئەسى19 -توم 204-بەت].

   بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 49706 37749َ –ۋە 38023 - بۇ نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى